
دۇئا – ئىبادەتنىڭ جەۋھىرىدۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
دۇئانىڭ مەنىسى
دۇئا— چاقىرىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام ئاتالغۇسىدا: ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى تىلەش دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن»( ) دېگەن سۆزى ئارقىلىق دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشقا ۋەدە قىلغان.
دۇئانىڭ دىنىمىزدىكى ئورنى
دۇئا خالىس ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: {الدُّعَاءُ هُوَ الْعِبَادَةُ}يەنى «دۇئا — ئىبادەتتۇر»( ) دەپ كۆرسەتكەن. مەلۇمكى، ئىبادەتلەر ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھاجەتمەنلىكنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇلغان بولۇپ، بۇ مەقسەت دۇئادا ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا ئىبادىسىنى تاپىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان ئادەم ئۇنىڭ ياردىمىگە بولغان زور ئېھتىياجىنى ھېس قىلغان ھالدا، تولۇق ئىخلاسى بىلەن ئۇنىڭغا يالۋۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تولۇقى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ، ئەڭ كۆرۈنەرلىك خالىس ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە دۇئانىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بەندىلىرىنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا بۇيرىغان ھالدا: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن.
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، بەندىلىرىنى ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ ھاجەتلىرىنى سوراشقا بۇيرۇش بىلەن بىرگە، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى سوراش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ تائالاغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلمايدىغانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتقۇچى گۇناھكارلاردىن سانىلىپ دۇزاخقا لايىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «كىمكى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورىمايدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن.
يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىس شەرىپتىن مەلۇمكى، دۇئانى خالىساق قىلىپ، خالىساق ئۇنىڭدىن بىھاجەت بولىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ئىبادەتتۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، يۇقىرىقى ئايەت بىلەن ھەدىستە، دۇئانى تەرك ئەتكۈچىلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقۇچىلار ۋە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىبىگە ئۇچرايدىغانلار دەپ سۈپەتلەنمىگەن بولاتتى.
دۇئانىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىسى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئاللاھ تائالاغا دۇئادىن يېقىملىق بىر نەرسە يوق»( ) دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «دۇئادىن باشقىسى بالايىقازالارنى قايتۇرالمايدۇ، ياخشىلىقتىن باشقىسى ئۆمۈرنى ئۇزارتالمايدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن.
دۇئا شۇنداق پەزىلەتلىك ۋە پايدىلىق بىر ئىبادەتكى، مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سوراش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىنىدا ئۈچ تەرەپتىن پايدىغا ئېرىشىدۇ: بىرىنچىدىن، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ ئۇنى سۆيۈندۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ، ئىككىنچىدىن، دۇئا ئىبادەت بولغانلىقى يۈزىسىدىن ئىبادەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، ئۇچىنچىدىن، سورىغان ھاجەتلىرى راۋا بولىدۇ. ناۋادا سورىغانلىرى ئىجابەت بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن» دېدى. ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئۇ دۇئا قىلغۇچىنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار ھەمىشە تىرىك بولغۇچى ۋە ناھايىتى سېخىي زاتتۇر، ئۇ ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سوراپ قولىنى كۆتۈرگەن بەندىسىنى قۇرۇق قول قايتۇرۇشنى ئۆزى ئۈچۈن راۋا كۆرمەيدۇ»( ).
ئادەتتە، دىنىي ئالىملار ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر قاتارىدا، دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. چۈنكى دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقى ۋە بولىۋاتقانلىقى كۈندىلىك تۇرمۇشتا رېئاللىققا ئايلانغان بىرھەقىقەتتۇر. بەزىلەر: «بىز دۇئا قىلىۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئىجابەت بولغىنىنى كۆرمەيۋاتىمىز» دېيىشى مۇمكىن. ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ دەيمىزكى، بىرىنچىدىن، دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن بەزى شەرتلىرى بار. دۇئالار شۇ شەرتلەر تولۇق بولغاندىلا ئىجابەت بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئانىدىنمۇ بەك شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر. گاھىدا كىشىنىڭ ئاللاھ تائالادىن سورىغان نەرسىسى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن زىيانلىق بولۇپ چىقىدۇ. ئىنسانلار ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ پايدا ـ زىيىنىنى بىلمىگەن بىلەن، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەزەلىي ۋە چەكسىز ئىلمى بىلەن ئۇلارنى ئۇبدان بىلىدۇ. شۇڭا بەزى دۇئالار دەرھال ئىجابەت بولسا، بەزىلىرى كېچىكىپ ئىجابەت بولىدۇ. بەزىلىرى بولسا ئىجابەت بولماستىن، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كىشىنىڭ سورىغىنىدىن ياخشىراقى بېرىلىدۇ. ھەتتا بەزى دۇئالار شەرتلىرى تولۇق بولغان بولسىمۇ ۋاقتىدا ئىجابەت بولماي، سورىغۇچىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا ئىجابەت بولىدۇ. ھەر ھالدا ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ كۆتۈرۈلگەن قوللار قۇرۇق قايتۇرۇلمايدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان كۈنىدىن بىرى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى مەككىنىڭ فەتھى بولۇشىنى سورىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇئاسى دەرھال ئىجابەت بولماستىن، ئىسلام دىنى كۈچەيگەن ۋە مۇسۇلمانلار قۇدرەت تاپقان مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا يەنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغىنىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىجابەت بولۇپ، مەككە فەتھى قىلىنغان.
دۇئا ئىجابەت بولۇشىنىڭ شەرتلىرى
ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس شەرتلەر باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. دۇئانى ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىخلاس بىلەن قىلىش. ھەر قانداق بىر ئەمەل – ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىخلاس شەرت قىلىنغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئىخلاس شەرت قىلىنىدۇ. ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن چىن ساداقەت دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالاغا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭغا شۇنداق سۆيگۈ ۋە ساداقەت بىلەن يۈزلىنىش تەلەب قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز، زاكات، روزا، ھەج، دۇئا ۋە باشقىمۇ بارلىق ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىخلاسنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى»( ).
2. دۇئا قىلغۇچىنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ۋە كىيىم- كېچىكى ھالالدىن بولۇشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دېگەن:«ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پاكتۇر، ئۇ پەقەت پاك بولغاننىلا قوبۇل قىلىدۇ»( ). بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: قەلبى پاك، يېمەك- ئىچمەكلىرى ھالالدىن بولۇپ، پاك بولغانلارنىڭلا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. شۇڭىمۇ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى پاكلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىمەن»( ).
ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرىغاننى بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار»( ). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ‹ئى رەببىم! ئى ئىگەم!› دەپ دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟»( ).
بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ ئەڭ بىچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ تېگىشلىك بولغان تۇرسىمۇ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ساھابىلار يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ھالالدىن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇلار ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا ئازراق شۈبھە بولغان نەرسىلەردىنمۇ خۇددى ئوتتىن قاچقاندەك قاچاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان يېمەكنى يەپ سېلىپ، ئۇنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، قولىنى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنى ياندۇرىۋەتكەنلىك قىسسىسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھارام يېيىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر.
3. دۇئانى ئاللاھتىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ‹دۇئا قىلسام دۇئايىم ئىجابەت بولمىدى›، دەپ ئۈمىدسىزلىنىپلا قالمىساڭلار دۇئايىڭلار چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ»( ).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى: «كىشى گۇناھ ئىشلەشكە ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈشكە دۇئا قىلمىسا ۋە دۇئاسىنىڭ تېز ئىجابەت بولۇشىغا ئالدىراپلا قالمىسىلا، ئۇنىڭ ھەر قانداق دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ» دېگەندە، ساھابىلەر: يارەسۇلەللاھ! ئالدىرىغانلىق دېگەن نېمە؟ دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئالدىرىغانلىق دېگەن ‹شۇنچە كۆپ دۇئا قىلساممۇ، دۇئايىم ھېچ ئىجابەت بولمىدى› دەپ دۇئادىن زىرىكىپ ئۇنى تەرك ئېتىشتۇر»( ) دەيدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى رىئاللىققا ئايلانغان بىر ھەقىقەت بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان چەكسىز مېھىر ـ شەپقىتى يۈزىسىدىن كىشىلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن بەزىلەرنىڭ دۇئاسىنى تېز، بەزىلەرنىڭكىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا ئىجابەت قىلىدىغانلىقى ۋە بەزىلەرنىڭكىنى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساۋاب قاتارىدا ساقلاپ قويىدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر. تەجرىبىلەرمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىماقتا.
4. دۇئانى يۈرەكتىن قىلىش يەنى تىل دۇئا بىلەن، دىل باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولماستىن، تىلنى دىلدىكىلەرنىڭ تەرجىمانى قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ۋە كامالىي ئىخلاسىنى ئاللاھقا بېغىشلىغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغان دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئىجابەت بولىشىغا چىن ئىشەنگەن ھالدا قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تائالا غەپلەتتىكى پەرۋاسىز كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ»( ).
5. دۇئانى ئۇنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا چىن ئىشەنچ بىلەن قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا ‹ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن› دىمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ»( ).
6. ئۇرۇق- تۇغقانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈش ياكى گۇناھ - مەسىيەت ئىشلەش ئۈچۈن دۇئا قىلماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمان كىشىنىڭ دۇئاسىدا گۇناھ ئىشلەش ياكى سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈش بولمىسىلا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئۈچ ياخشىلىقنىڭ بىرىنى بېرىدۇ: يا ئۇنىڭ دۇئاسىنى تېز ئىجابەت قىلىپ تىلگىنىنى بېرىدۇ ياكى ئۇنى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشىلىق قاتارىدا ساقلاپ قويىدۇ ياكى ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ئوخشىشىدا يامانلىقنى ئۇنىڭدىن قايتۇرىۋېتىدۇ. ساھابىلەر: ‹ئۇنداقتا بىز دۇئانى كۆپ قىلايلى› دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹ئاللاھنىڭ بېرىدىغىنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇر› دېگەن»( ).
دۇئا ئىجابەت بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەت بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئىجابەت بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) پەرزىنى تەرك قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ۋە ئىقتىدارىنىڭ، شەرت – شارائىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەر دۇئا قىلىپ، دۇئايىڭلار ئىجابەتسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتمەڭلار»( ) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ.
شۇنىڭدەك، شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىق ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇن بولىدۇ. زاھىدلارنىڭ پېشىۋاسى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم بىر كۈنى بەسرە شەھىرىنىڭ بازىرىدا كېتىپ بارغىنىدا كىشىلەر ئۇنىڭدىن: «نېمە ئۈچۈن بىز دۇئا قىلساق دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ؟» دەپ سوئال قىلىدۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلار ئون ئىللەت بىلەن ئۆلگەن: سىلەر ئاللاھ تائالانى تونۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيىدىغانلىقىڭلارنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتتىڭلار، قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلمىدىڭلار، ‹شەيتان بىزنىڭ دۈشمىنىمىز› دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتىڭلار، ‹جەننەت ھەقتۇر› دەپ تۇرۇپ، سىلەرنى جەننەتكە كىرىشكە سالاھىيەتلىك قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلمىدىڭلار، ‹دۇزاخ ھەقتۇر› دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قاچمىدىڭلار، ‹ئۆلۈم ھەق› دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلمىدىڭلار، ئۇيقۇدىن ئۇيغىنىپلا كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەش بىلەن مەشغۇل بولدۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئۇنۇتتۇڭلار، مېيتلىرىڭلارنى يەرلىدىڭلار، ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمىدىڭلار».
پۈتۈن شەرتلىرى تولۇقلانغان بولسىمۇ ئىجابەت قىلىنمايدىغان دۇئالارمۇ بار. ئاللاھ تائالا كائىناتتا ئەزەلدىن شۇنداق بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سوراپ قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ ھېچ ئوقۇماستىن ئالىم بولۇشنى تىلىسە ياكى ھېچ سەۋەب قىلماستىن مەقسەتكە يېتىشنى تىلىسە، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. چۈنكى ئالىم بولۇشنىڭ قۇرالى ئوقۇش، مەقسەتكە يېتىشنىڭ چارىسى ئىشلەشتۇر. بۇنداق دۇئا خۇددى قۇياشنى مەغرىپتىن چىقىرىپ بېرىشنى ياكى يەرشارىنىڭ ئايلىنىشىنى توختىتىپ بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلغانغا ئوخشاش بېمەنىلىكتۇر. شۇنداقلا، بەزى دۇئالار ئىجابەت قىلنسا، دۇنيا قانۇنىيىتى ئىگىز - پەس بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ھەممە كىشى مېنى ساغلام قىل، باي قىل، پادىشاھ قىل، ئالىم قىل، دەپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا بۇ دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى ئىجابەت قىلسا، دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ، دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنداق دۇئالار ئىجابەت قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ دۇئالارنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا ساۋاب ۋە ياكى باشقا بىر نېمەت ئاتا قىلىدۇ، ياكى ئاخىرەتتە ئايرىم مۇكاپات ساقلاپ قويىدۇ. بىر ھەدىستە مۇنداق دېبىلگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىدىن سورايدۇ، ‹ئى بەندەم ماڭا پالانى چاغدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان ئىدىڭ ئىجابەت قىلدىممۇ قىلمىدىممۇ؟› بەندە: ‹ئىجابەت قىلدىڭ ئى رەببىم› دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ‹پالانى چاغدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانىدىڭ ئىجابەت قىلمىدىم شۇنداقمۇ؟› دەپ سورايدۇ، بەندە: ‹ئەلۋەتتە شۇنداق بولغانتى، ئى رەببىم!› دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ‹ئۇنىڭ ئىجابىتىنى مانا بۈگۈنگە ساقلاپ قويدۇم› دەپ ئۇنىڭغا دۇئاسىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چاغدا بەندە دۇئاسىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرۈپ، ‹كاشكى ھەممە دۇئالىرىم دۇنيادا ئىجابەت قىلىنماي ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگەن بولسىچۇ› دەپ قالىدۇ»( ).
دۇئانى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى
ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى تەرك قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، دۇئانى تەرك ئېتىشمۇ گۇناھتۇر. چۈنكى دۇئا- ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»( ) دېگەن سۆزىنى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزلىرىنى بىھاجەت سانىغانلار بولۇپ، ئۇلار خورلانغان ھالدا دوزاخقا ھەيدىلىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ئىبادەت سۆزىدىن دۇئا مەقسەت قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن باش تارتقان ئادەم ئۆزىنىڭ بەندىچىلىكىنى، ئاجىزلىقىنى ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىشتىن باش تارتقانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداقلارنىڭ گۇناھى ھەقىقەتەن ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن باش تارتقان ئادەم تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئادەمنىڭ بىرىدۇر: بىرىنچىسى، ئۆزىگىلا ئىشەنگەنلىكتىن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزىنى بېھاجەت ساناپ دۇئانى تەرك ئەتكەن ئادەم. مۇنداق ئادەم ھەددىنى بىلمىگەن مۇتەكەببىرلەردىن سانىلىدۇ. شەيتانمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ تەكەببۇرلىقىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتىن باش تارتقان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ تا قىيامەتكىچە ئاللاھ تائالانىڭ ۋە پۈتۈن خەلقنىڭ لەنىتىگە لايىق بولغان. ئىككىنچىسى، دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ ھاجەتلىرىنىڭ راۋا بولىشىغا ئىشەنچ قىلالمىغان(ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنگەنلىكتىن دۇئانى تەرك ئەتكەن) ئادەم بولۇپ، مۇنداقلارمۇ ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئۈمىدسىزلىك كۇپرىنىڭ قولدىشىدۇر. قۇرئان كەرىم ئۈمىدسىزلىكنى كاپىرلارنىڭ سۈپىتىدىن سانايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «پەقەت كاپىر قەۋملا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ»( ) دەيدۇ.
خەلقىمىزدىمۇ: «ئۈمىدسىز- شەيتان» دېگەن ھېكمەت بار.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن ھاجەتلىرىنى سورىمىغان ئادەمگە غەزەپ قىلىدۇ»( ) دەپ كۆرسەتكەن. (پېقىرنىڭ «ئىلاھىي قورغان» ناملىق ئەسىرىدىن).

