
كۆڭۈل ئاسراش ھاياتنىڭ ھالاۋىتىدۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
كۆڭۈل ئاسراش، خۇشاللىق بەخش ئېتىش كۈندىلىك ھاياتىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى بىز توپلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي مەخلۇقات بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىلىپ، بىلمەي، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىز ئالىيجانابلىق بىلەن بىر-بىرىمىزنىڭ يامانلىقىنى ئەپۇ قىلساق، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلساق، بەزى خاتالىقلارنى كۆرمەسكە سالساق، ئەلۋەتتە ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىمىز. ھەتتا بازارغا بارغاندا ھەممە ئادەم سېتىۋالغان جايدىن ئالماي، تۈزۈك سودا قىلالمىغان كىشىلەردىن سېتىۋېلىش، ھەمىشە ماركىتلاردىنلا ئالماي، پەرزەنتلىرىگە ھالال لۇقما تېپىش يولىدا پىژغىرىم ئىسسىقتا ھارۋا سۆرەپ يۈرۈپ نەرسە ساتىدىغان كىشىلەردىن سېتىۋېلىش، يوللاردا قەلەم، قول قەغىزى قاتارلىقلارنى تەڭلەپ چىرايىڭىزغا تەلمۈرۈپ تۇرغان سەبىيلەرنى خۇشال قىلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا تولىمۇ كاتتا ئىبادەتلەردۇر.
زامانىمىزدا كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلغان، نەپسانىيەتچىلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مۇشۇ دەۋردە، كىشىلەر تەسەللىگە موھتاج، چىرايلىق سۆزگە موھتاج ۋە كۆيۈنۈشكە موھتاج. بىز ئۇيغۇرلاردا «بۇغداي نېنىڭ بولمىسىمۇ بۇغدايسەك سۆزۈڭ بولسۇن» دەيدىغان ماقال بار. چىرايلىق سۆز دىلنى يايرىتىدۇ، چىراينى نۇرلاندۇرىدۇ، قەلبنى راھەتلەندۈرىدۇ، غەم-قايغۇنى كەتكۈزىدۇ.
كۆڭۈل ئاسراش، دىللارغا خۇشاللىق كىرگۈزۈش ۋە كىشىلەرگە كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىش ۋاقىتقا ياكى پۇلغا ۋە ياكى ئىمكانىيەتكە موھتاج ئەمەس. بۇنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ۋە ھەرقانداق يەردە قىلغىلى بولىدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاسراشنىمۇ ئۆگىنىشمۇ مۇھىم ئىكەن. چۈنكى بەزىدە بىز ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنى پەرىشتىلەردەك ئويلاپ قېلىپ، ئۇلاردىن ئىلكىدە بولمىغان ئىشلارنى كۈتۈپ قالىمىز، «مەنمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلغاندەك ۋە مەنپەئەت يەتكۈزگەندەك، ئۇلارمۇ ماڭا ياخشىلىق قىلىدۇ ۋە مەنپەئەت كۆرگەندە مەنى ئۇنۇتمايدۇ» دەپ چۆچىرىنى خام ساناپ قالىمىز. بۇ بىزنىڭ خاتالىقمىزدۇر.
سىناق دۇنيا
شۇنى بايقىدىمكى، دۇنيا ھاياتى ھەر تەرەپتىن سىناق ئىكەن. ئاللاھ تائالا بىزنى سىناق ئۈچۈن يارىتىپتۇ. شۇڭا بىز ھەر لەھزىدە ئاللاھ تائالانىڭ سىناقلىرىغا دۇچ كېلىپ تۇرغاندەك، دوستلىرىمىزنىڭ سىناقلىرىغا ئۇچراپ تۇرىمىزكەن ۋە ئۇلارمۇ بىزنىڭ سىناقلىرىمىزغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلاپ بېرىشكە قادىر ئىكەن.
— نەچچە ئون يىل بارنى تەڭ كۆرگەن دوستىڭىز، ئەمدىلىكتە «مەن، مەن» دېسە ئاغرىنماڭ.
— بىر زامانلار «بىر ناننى تەڭ يېيىشكەن» قەددىناس دوستىڭىز ئازراق مەنپەئەت كۆرگەندە سىزنى قايرىپ قويسا ئاغرىنماڭ.
— بىر زامانلار سىزدىن ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت كۆرگەن تۇرۇقلۇق، شۇ ئالتە كۈنلۈك دۇنيا مەنپەئەتىنى سىزدىن قىزغانغا دوستتىن ئاغرىنماڭ.
— ئىنسانلارنىڭ سىزگە ئادىل بولۇشىنى ۋە سىز ئۇلارغا كۆيۈنگەندەك ئۇلارنىڭمۇ سىزگە كۆيۈنۈشىنى كۈتمەڭ.
— ھېچكىمگە پەرىشتە دوستۇم، پەرىشتە قوشنام دەپ كەتمەڭ، چۈنكى ئۇلار دۇنيا مەنپەتى بىلەن سىنالغاندا باشقا بىر ئىنسانغا ئۆزگىرىپ قالىدۇ، سىزدىن ئاسانلا يۈز ئۆرىيەلەيدۇ، سىناقتىن ئۆتەلمەيدۇ.
— كىشىلەردىن ئىنساپ كۈتمەسلىك ئارقىلىق ئۇلارغا ئىنساپ قىلىڭ. چۈنكى ھەممە ئادەم سىزدەك ياكى سىز ئويلىغاندەك ئەمەس.

