
ئۈمىدلىنىڭ... كۈتكىنىڭىزنى تاپىسىز
مۇھەممەد يۈسۈپ
خۇشاللىق بىلەن كۆڭۈلسىزلىك ۋاقىتلىق ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇزۇن داۋام قىلمايدۇ، ئەمما ئۈمىدۋارلىق ئۆزگەرمەيدىغان ئېتىقاد ۋە داۋاملىشىدىغان خاتىرجەملىكتۇر. شۇڭا بىز ئۈمىدۋار بولغىنىمىزدا ھەمىشە خۇشال تۇرغاننىڭ سىرتىدا، تەن سىاقلىقنى ساقلاش، كېلەچەكنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش قاتارلىق كۆپلىگەن پايدىلارغا ئېرىشىمىز.
تېببىي تەتقىقاتلار كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان بولۇپ، ئۇنداق كېسەللەر ئومۇمەن روھىي ھالىتىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ساقىيىدىكەن. روھىي ھالەتنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈمىدۋارلىق بىلەن بولىدىكەن. شۇڭا ئۈمىدۋار كىشىلەر ئوڭايلىقچە كېسەل بولمايدىكەن، كېسەل بولغاندىمۇ ساقىيىشقا بولغان كۈچلۈك ئۈمىد سايىسىدا ساقىيىپ كېتىدىكەن.
جازىبىيەت قانۇنى تەكىتلەيدۇكى، بىزنىڭ ھاياتتىكى تەلەيلىرىمىز ۋەقەلىكلەرگە بولغان كۆز قارىشىمىز ۋە ئۈمىدۋارلىقىمىزغا قاراپ يۈكسىلىدىكەن. چۈنكى، ئۈمىدۋار ۋە ئىجابىي كىشىلەرنىڭ تەن ساقلىقى ياخشى، ئۆمرى ئۇزۇن، تۇرمۇشى بەختلىك بولىدىكەن. ئۇنداق كىشىلەر ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە مۇسىبەتلىرىنى ئەڭ ئاز تەسىرگە ئۇچرىغان ھالدا، ئەڭ ئوڭاي يول بىلەن بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
ئەينىشتېين «ئىجابىي كىشىلەرگە ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئۈچۈن چىقىش يولى كۆرۈنىدۇ، ئەمما سەلبىي كىشىلەرگە ھەرقانداق چىقىش يولىدىمۇ قىيىنچىلىق كۆرۈنىدۇ» دېگەن ئىكەن. ئالىملارنىڭ يەكۈنلىشىچە، بەختسىزلىكىمىزنىڭ 10% گە ھادىسىلەر سەۋەب بولسا، 90% گە بىزنىڭ ھادىسىلەرگە قارىتا كۆزقارىشىمىز سەۋەب بولىدىكەن.
شىۋىتسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئېلىپ بېرلغان تەتقىقاتتا ئىنسانلاردىكى ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىجابىيلىق تۆۋەندىكى نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەن:
- ئۈمىدۋار ۋە ئىجابىي كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى باشقىلارغا قارىغاندا 40% يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىر كۈلپەتلەرگىمۇ ئىجابىيلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ئەڭ يامان ئەھۋالدىمۇ ياخشى كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە بولىدىغانلىقى يۈزىسىدىندۇر.
- ئۇلار ئىستېمال قىلىۋاتقان دورا- دەرمەكلىرىدىن باشقىلارغا قارىغاندا 30% ئارتۇق مەنپەئەت ئالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ شىپا تېپىشىغا ئىشەنگەنلىكى ۋە ئۈمىدۋارلىقى يۈزىسىدىندۇر.
- ئۇلاردا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىبىتى باشقىلدېغا قارىغاندا 9% تۆۋەن بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق سايىسىدا كەيپىيىتىنى تەڭشەپ تۇرغانلىقىدىندۇر.
- ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىرىنىڭ 77% قايتا دوختورغا بارمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ساقايغانلىقىغا ۋە كېلەچەكتىكى گۈزەل كۈنلەرگە ئىشەنگەنلىكى يۈزىسىدىندۇر،
- ئۇلارنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتمەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ غەم-ئەندىشىدىن ۋە جىددىيلىشىشتىن ساقلانغانلىقى يۈزىسىدىندۇر.
- ئۈمىدۋار كىشىلەر باشقىلارغا قارىغاندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۇلارنىڭ 85 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.
«نېمە ئۈچۈن قويلار دوختورغا بارمايدۇ» ناملىق كىتاپتا گېرمانىيەلىك دوختور رايك ھايمىر ھەققىدە توختالغان بولۇپ، مەزكۇر دوختور كېسەللەرنى پىسخېكىلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشتا يىگىرمىنچى ئەسىردە يۇقىرى شۆھرەت قازانغان بىرى ئىكەن. ئۇ راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان6270 كىشىنى پىسخىكىلىق ئۇسۇلدا داۋالىغان بولۇپ، ئۇلاردىن 6000 كىشى شۇ ئېغىر كېسىلى بىلەن يەنە تۆت يىلدىن كۆپرەك ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن[1].
شەك قوبۇل قىلمايدىغان رېئاللىق شۇكى، ھەرقانداق بىر كېسەلدىكى ساقىيىشقا بولغان ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىجابىيلىق ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە كېسەلدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە سەلبىيلىك ئۇنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا: «بەندەم مەن توغرۇلۇق قانداق ئويدا بولسا مەنمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىمەن، ياخشى ئويدا بولسا ياخشى، يامان ئويدا بولسا يامان بولىدۇ»[2] دېگەن.
ئىمام بۇخارى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بىر سەھرالىق ئەرەبنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ھېچ ۋەقەسى يوق، ئاللاھ خالىسا ساقىيىپ قالىسىز» دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغا ھېلىقى سەھرالىق ئەرەب: «سەن مېنى ساقىيىسەن دەۋاتامسەن؟ ياق، بۇ چېكىگە يەتكەن قىزىتما، مەندەك قېرى ئادەمنى قەبرىگە ئېلىپ بارىدىغان كېسەلدۇر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «شۇنداق بولغاي ئەمىسە»[3] دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم ئۆلىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا بۇ ئادەمگە ئۆزىنىڭ قانداق قاراشتا بولغانلىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلغان. ئەگەر بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ شىپالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئىجابىي بولغان بولسا، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ شىپا تېپىشىغا دۇئا قىلغان بولار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا شىپالىق بېرىشى مۇمكىن ئىدى.
ئىبرەت:
- ئۈمىدۋارلىق يوشۇرۇن كۈچ بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ رېئاللىققا ئىجابىي قارىشىمىزغا مۇجەسسەملەنگەن.
- سىز ھەر زامان ياخشى ئويدا بولۇڭ ۋە ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى كۈتۈڭ. چۈنكى سىز ئاخىر ئۆزىڭىز كۈتكەننى تاپىسىز.
- ئۈمىدۋارلىق سىزنىڭ قارارىڭىز، ئەمما ئۈمىدسىزلەندۈرۈش باشقىلارنىڭ قارارى، ئەڭ ياخشىسى سىز بىرىنچىسىنى تاللاڭ، ئىككىنچىسىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
[1] «فىستىق نەزەيەسى» ناملىق ئەسەر، 186- بەت.
[2] ئىمام تەبەرانىي رىۋايىتى.
[3] ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.

