
ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئىككى جۈملە سۆز
2019- يىلى يازلىق تەتىلدە ئىستانبۇلدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار دالا پائالىيىتى» گە بېغىشلانغان يازما
مۇھەممەد يۈسۈپ
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچ بىلىم كۈچى ئىكەنلىكى، بىر مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى پەقەت بىلىم كۈچى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقى ۋە ھەربىر مىللەتنىڭ كېلىچىكى ئاشۇ مىللەتنىڭ ياشلىرىغا باغلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىشنى ھاجەتسىز دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ مۇقەررەرلەشكەن ۋە ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان ئەمەلىيەتتۇر. دۇنيادا ئەڭ كاپالەتلىك مەبلەغ سېلىش ئۆزىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئەڭ ئاقىلانە مەبلەغ سېلىش كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىش ئىكەنلىكىدىمۇ شەك يوق.
ئىلىم تەھسىل قىلىش سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ تېگىگە يەتكەن ۋە چوڭ ئارزۇ، ئۈمىدلەر بىلەن بۇ يولغا كىرگەن پىداكارلاردۇر.
قەدىرلىك ئوقۇغۇچى قېرىنداشلىرىم! مەن سىلەرگە كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن، تۆۋەندە بىر قانچە مەسىلىنى ئىخچام ھالدا تەۋسىيە قىلىمەن:
1. پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىڭلار. چۈنكى مۇنداق پۇرسەت ھاياتتا بىر قېتىملا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تۈركىيەدە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۇنۇلغان بۇ ئوقۇش پۇرسىتى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە تېپىلمايدۇ. ئوقۇش ھاياتى ئۆمرىمىزنىڭ باھار چاغلىرىدا بىزگە نېسىپ بولىدىغان ناھايىتى قىممەتلىك ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىش بىزگە باغلىق ئىش. بۇ پۇرسەت بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان، تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق پەيتلەردۇر.
2. «خەلقىمنىڭ ئۈمىدى مەندە، مەن چوقۇم ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىشىم لازىم» دېگەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ھەمىشە قۇلاق تۈۋىڭلاردا جاراڭلاپ تۇرسۇن. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ياشاش تەقۋالىقنىڭ ئۆزىدۇر.
3. ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى ئۆمرىمىز بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دەسمايىمىزدۇر. بىز ئۆمرىمىزنى بېرىپ يولىغا كىرگەن ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ يولدا تولۇق غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلماي، ئوقۇشقا، ئۆگىنىشكە ۋە ئۆزىمىزنى ھەر تەرەپتىن يېتىشتۈرۈشكە ئاتىشىمىز لازىم. ئەجدادلىرىمىز «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان.
4. كىتاب ئوقۇشنى كۈنلۈك ھاياتىڭلارنىڭ مۇھىم قىسمىغا ئايلاندۇرۇڭلار. چۈنكى كىتاب روھنىڭ غىزاسى، ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى، مەرىپەتنىڭ كېپىلىدۇر. كىتاب- ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسەت خەزىنىسىنىڭ ئامبىرى. كىتاب ئارقىلىق ئادەمنى، دۇنيانى، ئۆزىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. مۇتەپەككۇرلار: « كىتاب ئوقۇش باشقىلارنىڭ ئەقلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە جاپاسىز بىر ساياھەتتۇر» دېگەن ئىكەن.
5. ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدىكى جاپا-مۇشەققەتلەردىن قورقماڭلار. چۈنكى راھەت ئوقۇشنىڭ دۈشمىنى، جاپا-مۇشەققەت ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ يولىدۇر. ئەجدادلىرىمىز «جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق» دەپ بىكارغا ئېيتمىغان ئىكەن. كىچىك ۋاقتىمدا ئۇستازىم ماڭا « بالام رىيازەت چەكمىسەڭ ئالىم بولالمايسەن» دەپ نەسىھەت قىلسا، رىيازەت، جاپا تارتمايمۇ ئالىم بولغىلى بولماسمۇ؟ دەپ ئۇستازىمنىڭ سۆزىدىن شەكلەنگەن ئىدىم. ئەمما مەن مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە ئۇستازىمنىڭ راست ئېيتقانلىقىنى تەستىقلىدىم. چۈنكى مەن تامىقىمىزنى ئۆزىمىز ئېتىپ يەيدىغان، كۈندە ئۈچ ۋاخ قاچا يۇيىدىغان، ھەپتىدە ئالتە كۈن تۇخۇمدا ئاران بىر كۈنلا گۈشلۈك تاماق ئېتىپ يېيەلەيدىغان شۇنداق جاپالىق يىللاردا تۆت يىللىق سانىۋىنى (Lise) مۇسابىقە بىلەن ئۈچ يىلدا پۈتتۈرگەن بولسام، تامىقى تەييار، جاپاسى يوق، ساپاسى بار ياتاق قۇرۇسىغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخىرقى يىلى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قايتا بېرىپ ئۆتتۈم.
6. ئاز ۋاقىت ئىچىدە كۆپ بىلىم ئېلىشقا ئۆزۈڭلارنى زورلاڭلار. چۈنكى «ئاددىي ئادەمنى بۈيۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدىغىنى يەنىلا مەجبۇرلىنىش. ئۆزۈڭنى مەجبۇرلىمىساڭ، قانچىلىك مۇنەۋۋەر ئىكەنلىكىڭنى مەڭگۈ بىلمەيسەن» دېگەن سۆز با. سۇنىڭ ئېقىشىغا ئىش كۆرۈش بىلەن نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ.
7. ھىممىتىڭلار ئالىي، تەلىپىڭلار يۇقىرى بولسۇن. ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى سىزغان پىلانى ۋە غايىسى بولىدۇ. ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى يەر يۈزىدە بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش غايىسىدىن قىلچە ۋاز كەچمىدى، ئۈمىدسىزلەنمىدى، دەۋىتى بىر قېتىم مەغلۇب بولسا، يەنە قايتا باشلىدى، مەككىدىكىلەر قۇلاق سالمىسا، تائىفقا بېرىپ دەۋەت قىلدى، دەۋىتىنى تۇغقانلىرى قوبۇل قىلمىسا، باشقا قەبىلىلەرگە باردى. ئۆز دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدا گاھ كىشىلەرنى ئۆيىگە زىياپەتكە چاقىردى، گاھ سافا تېغىغا چىقىپ تۇرۇپ ھەممە قەبىلىگە نىدا قىلدى، گاھ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ دەۋەت قىلدى. ئىشقىلىپ دەۋەتتىن ۋاز كەچمىدى. مۇشرىكلار ئۈستىگە تۆگىنىڭ ئىچى_ قېرىنلىرىنى ئارتىپ قويغاندىمۇ ۋاز كەچمىدى. تائىفلىقلار تاش ئېتىپ پۇتىنى قان قىلىۋەتكەندىمۇ ۋاز كەچمىدى. ساھابىلىرىنى «بۇ دىن كېچە بىلەن كۈندۈز يېتىپ بارغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە چوقۇم يېتىپ بارىدۇ» دەپ رىغبەتلەندۈردى. ئاخىر چارەك ئەسىرگە يەتمىگەن ئازغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
8. قىيىن شارائىتلاردىن ياخشى پۇرسەتلەرنى چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭلار. ئەللامە مۇھەممەد غەززالىي «ھاياتىڭىزنى يېڭىلاڭ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:« نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىغا چىققان قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇقلارنى كۆرۈپ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇلار شۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى ئىشقا سالالمايدۇ. ئەگەر ئىنسانلار بىلسە ئىدى، قىيىنچىلىقلار ۋە توسقۇنلۇقلار يوشۇرۇن تالانتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان مەيداندۇر. نۇرغۇنلىغان تالانتلار قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق ئىچىدە بىخ ئۇرۇپ چىققان. دالى كارنېگ مۇنداق دېگەن:« قىيىنچىلىق ۋە توسقۇنلۇقلاردىن خالىي بولغان مۇقىم تۇرمۇش ئۇلۇغ ئادەملەرنى يارىتىدۇ دەپ كىم ئېيتىپتۇ؟ ئىش تامامەن بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، يەنى ئۇلۇغ ئادەملەرنى ۋە نادىر تالانتلارنى پەقەت قىيىنچىلىقلار بىلەن توسقۇنلۇقلار يارىتىدۇ. ئۆزىگە مەرسىيە ئوقۇشقا ۋە تۇرمۇشتىن شىكايەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغانلار قاتمۇقات يېپەكنىڭ ئۈستىدە يېتىپ راھەتلەنسىمۇ، يەنىلا مەرسىيەسىنى ۋە شىكايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ».
9. يانفون ۋە دوستلار چەمبىرەكلىرىدە ئۆمرۈڭلارنى زايە قىلماڭلار. زامانىمىزدا يانفون، كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت قاتارلىقلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ئوڭايلىقلىرى قانچىلىك كۆپ بولغان بولسا، بۇلارنىڭ زىيىنىمۇ شۇنچىلىك كۆپ بولماقتا. بۇلاردىن پۈتۈنلەي بىھاجەت بولغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئىشلىتىشكە چەك قويغىلى بولىدۇ. شۇڭا، كۈننىڭ مۇئەييەن سائەتلىرىدىلا ئىشلىتىش توغرۇلۇق ئۆزىمىزگە تەلەپ قويۇپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرسەك، ۋاقتىمىزنى زايە قىلمىغان ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ ئوڭايلىقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قالمىغان بولىمىز.
10. كىتاب سېتىۋېلىشقا بېخىللىق قىلماڭلار. كىتاب ئوقۇغۇچىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قورالى. بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن كىتابتىن قىممەتلىك ۋە مۇھىم نەرسە بولماسلىقى لازىم. كىتابقا خەجلىگەن پۇل كەلگۈسىگە سېلىنغان مەبلەغدۇر. ھاياتتا ھەر خىل كىشىلەر باركى، بەزى كىشىلەر مودا ماللارنى، قىممەت باھالىق ۋە ماركىلىق كىيىم- كېچەكلەرنى سېتىۋېلىشقا كەلگەندە پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدۇ-يۇ، كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىشقا كەلگەندە پىخسىقلىشىپ كېتىدۇ. ئون بەش، يىگىرمە لىراغا لەغمەن بىلەن كاۋاپ يېيىش ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە بېخىللىق قىلمايدۇ-يۇ، بىر پارچە كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن نەچچە ئون لىرا خەجلەشكە چىدىماي، ئاخىر توردىن يېرىم كۈن ئىزدەپ، ھەقسىز نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، بىر قانچە بەتلا ئوقۇپ زېرىكىپ قالىدۇ. چۈنكى توردىن ئوقۇغانلىق كىتابتىن ئوقۇغاندەك بولمايدىكەن.

