سالىھ ئايال ئائىلىسىنى جەننەتكە ئايلاندۇرالايدۇ

سالىھ ئايال ئائىلىسىنى جەننەتكە ئايلاندۇرالايدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالىھ ئايال قانداق بولىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئېرى قارىسا مەمنۇن قىلالايدىغان، بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ئورۇنلايدىغان، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشتىمۇ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشمايدىغان، ئېرىنىڭ ئامانىتىنى ھەر ھالەتتە ساقلىيالايدىغان ئايال ئەڭ ئۈلگىلىك ئايالدۇر»

ئىمام غەززالىي «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» ناملىق ئەسىرىدە، ئەسما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ، قىزىنىڭ توي كۈنىدە ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئەسما قىزىغا مۇنداق دېگەن: «ئى قىزىم! سەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇۋاڭدىن ئايرىلىپ، ساڭا تونۇشلۇق بولمىغان ئۆيگە ۋە سەن بىرگە بولۇپ كۆرمىگەن دوستنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىسەن! سەن ئۇنىڭغا يەر بولساڭ، ئۇ ساڭا ئاسمان بولىدۇ. سەن ئۇنىڭغا بىسات بولساڭ، ئۇ ساڭا تۈۋرۈك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە سورىما، ئۇ سەندىن زېرىكىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن يىراقلاشما، ئۇ سېنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ساڭا يېقىنلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن. ئەگەر ئۇ سەندىن يىراقلاشسا، سەنمۇ ئۇنىڭدىن يىراقلاشقىن. ئۇنىڭ نومۇسىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغىن. ئۇ سەندىن پەقەت خوشپۇراقنىلا بۇرىسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەل سۆزنىلا ئاڭلىسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەللىكلەرنىلا كۆرسۇن»11ـ ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى«قۇتادغۇبىلىك» تە مۇنداق دەپ يازغان:

دېسە كىم ئۆيلىنەي، ئەي ئەرلەر بېشى،

ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى،

بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر ،

ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر،

يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر،

ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۈرەر.

بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى،

ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى،

بۇلارنىڭ ئۇبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا،

ئالۇر بولساڭ قۇلاق سال ماڭا،

ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۈچى جان،

ئەسىر بولما ئاڭا ئى ئالىم ئىنسان،

گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى،

ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۈلكىسى.

ئەي ئەسلى بۈيۈككە ئىنتىلگۈچى سەن،

ئۆمرۈڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن.

ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ، ئېسىل بولۇر،

قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر.

ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل،

ئۇ بولسا، بولۇر بۇ تۆت شەرتىمۇ بىل.

 

بىر كۈنى كاتتا ئۆلىمالاردىن فۇزەيل ئىبنى ئىياز  دوستى قازى شۇرەيھ بىلەن يىگىرمە يىللىق ئايرىلىشتىن كېيىن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورايدۇ. شۇرەيھ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ: «مېنىڭ ئۆيلەنگىنىمگە يىگىرمە يىل بولدى، ھازىرغىچە ئايالىمدىن بىرەر قېتىممۇ كۆڭلۈلۈم رەنجىپ باقمىدى» دەيدۇ. فۇزەيل بۇنىڭغا قىزىقىپ: «شۇرەيھ! بۇ قانداق بولدى؟» دەپ سورايدۇ. شۇرەيھ: «تويىمىز بولغان ئاخشىمى مېھمانلار ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇم. نامازدىن سالام بېرىۋىدىم، ئايالىمنىڭ ئارقا تەرىپىمدە ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈدۈم. ئۇ سالام بەرەەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ گەپ قىلاي دەپ تۇرسام، ئايالىم: «ئالدىرىماڭ، توختاپ تۇرۇڭ، گېپىم بار. ئى شۇرەيھ! مەن سىزنىڭ نېمىدىن خۇشلىنىپ، نېمىدىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن، ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭىزنى ئېيتىڭكى، مەن شۇنى قىلاي، يامان كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭىزنىمۇ ئېيتىڭكى، مەن ئۇنىڭدىن يىراق تۇراي. ئاللاھ بىزنى قوشۇپتۇ، ئەسلىدە سىزنىڭ قەۋمىڭىز ئىچىدە سىزگە لايىق كېلىدىغان نى، نى قىزلار بار بولغىيدى، مېنىڭ قەۋمىم ئىچىدىمۇ ماڭا لايىق يىگىتلەر بار ئىدى. لېكىن ئاللاھ بىزنى بىر ئائىلىنى بىنا قىلىشقا ئىرادە قىلىپتۇ. مېنىڭ ھەققىمدە ئاللاھتىن قورقۇڭ، ئاللاھنىڭ (ياخشىلىق بىلەن تۇتۇش ياكى چىرايلىقچە قويۇۋېتىش) دېگەن ئەمرىگە ئەمەل قىلىڭ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا: «سىز شۇنداق ياخشى گەپ قىلدىڭىزكى، ئەگەر بۇ سۆزىڭىزدە سەمىمىي بولسىڭىز، قىيامەت كۈنى سىز ئۈچۈن ھېسابسىز ئەجىر- ساۋاب بار، ئەگەر مۇنداقلا دەپ قويغان بولسىڭىز، بۇنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرىسىز» دېدىم. ئاندىن ئۇنىڭغا ياخشى كۆرىدىغان ۋە يامان كۆرىدىغان نەرسىلىرىمنى، ھەتتا ئارىلىشىدىغان ۋە ئارىلاشمايدىغان قوشنىلارنى ئېنىق ئېيتىپ بەردىم، ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئۇزۇندا بىر بارسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا: «مېنىڭ ياخشى تەرىپىمنى كۆرسىڭىز تارقىتىڭ، يامان تەرىپىمنى كۆرسىڭىز يوشۇرۇڭ» دېدىم. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن بەختلىك ۋە خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتتى. بىر يىلدىن قېيىنانام بىزنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ مەندىن: «ئايالىڭىز قانداق ئىكەن؟» دەپ سورىدى. مەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئايال، مەن ئۇنىڭدىن مەمنۇن» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن قېينانام ماڭا مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم! سىلى بۇ قىزنى قانداق تەربىيەلەشنى خالىسىلا شۇنداق قىلغايلا، مەن سىلىگە تاپشۇردۇم» دېدى. ئاندىن قىزىغا يۈزلىنىپ: «ئېرىڭىزگە ئىتائەت قىلىڭ!» دېدى. بۇ قىسسىدىكى ئەڭ مۇھىم دەرس «مېنىڭ ياخشى تەرىپىمنى كۆرسىڭىز تارقىتىڭ، يامان تەرىپىمنى كۆرسىڭىز يوشۇرۇڭ» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزدۇر. چۈنكى ئۈلگىلىك ئەر ئايالىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يۆگەيدىغان ئەردۇر، ئۈلگىلىك ئايالمۇ ئېرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى يۆگەيدىغان ئايالدۇر. ئەگەر ھەرقانداق ئەر- ئايال بىر-بىرىنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنىلا كۆرىدىغان، يامان تەرەپلىرىنى يۆگەيدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ جەننەتكە ئايلىنىدىغانلىقى مۇقەررەر. چۈنكى مۇئمىن ئەر بىلەن مۇئمىن ئايالنىڭ سۈپىتى ھەسەل ھەرىسىگە، پاسىق ئەر بىلەن پاسىق ئايالنىڭ مىسالى چىۋىنغا ئوخشايدۇ، ھەسەل ھەرىسى شىپا چىقارسا، چىۋىن مىكروب چىقىرىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار