
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گراژدانلىق مەسىلىسى
ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا يەرلىشىش تارىخى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 19- ئەسىردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بۇ مەملىكەتتە يەرلىشىشكە باشلىغان ئىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جايغا ئەڭ كۆپ تۈركۈملۈك يەرلىشىش ئەھۋالى 1949- يىلدىن كېيىن بولغان ئىكەن. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا، تەخمىنەن 40 مىڭ ئائىلە ئۇيغۇر ياشايدىكەن. ئۇلاردىن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانى گراژدانلىقىنى ئېلىپ بولغان ئىكەن. بۇ مەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىنى ئالمىغان ئۇيغۇرلارمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە مېھرىبانلىقىغا ئېرىشىپ، بۇ جايدىكى باشقا چەتئەللىكلەرگە نىسبەتەن چوڭ ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئابدۇرەئۇپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئابدۇرەئۇپ ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىغا دەسلەپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ گراژدانلىقىنى ئالغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:« تەپسىلىي تارىخىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇ مەملىكەتكە كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز ئىدى. ئۇ زامانلاردا قاتناش ئىشلىرىدا قىيىنچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، يىلىغا 5-4 ئادەم كېلەتتى. ئۇنىڭدىن كۆپ كەلمەيتتى. كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەسىقىسى بار ئىدى. چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھەرلىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىدى. شۇڭا بۇ جايدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ گراژدانلىقىدا ئىدى.»
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇرلار ئاساسەن بۇمەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىنى ئېلىپ بولغان
ئابدۇرەئۇپ ھاجىم سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانى گراژدانلىقىنى ئېلىپ بولغانلىقى ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىنى ئالالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دىدى:« بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار نىڭ كۆپىنچىسى بۇ مەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىنى ئېلىپ بولغان. ئەمما ئالالمىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىسى ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىغا ئۆتۈشنى خالىمىغانلىقى ياكى بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى، بەزىسى بىلىمسىزلىك ياكى ئاڭسىزلىقتىن بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدىن ماڭمىغان ۋە ئاتا – ئانىلىرى گراژدانلىق ئېلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن سەۋەبلەردىن ئۇلار ئالالمىغان».
ئۆتمۈشلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى گراژدانلىق ئېلىشنى خالىمايتتى
ئۇيغۇرلاردىن بەزى پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشلىرىغا ئاساسلانغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە، بۇ مەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىغا ئۆتۈش ئىشلىرى بەكمۇ ئاسان بولغان ئىكەن. ھۆكۈمەت ئۆزى بۇ جايدىكى چەتئەللىكلەرنى گراژدانلىق ئېلىشقا تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئەمما بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ۋەتىنىمىزگە قايتىپ كېتىمىز دېگەن نىيەت بىلەن تۇرغانلىقتىن، كېيىنچە يۇرتىغا قايتىپ كېتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىغان بالىلارچە خىياللار بىلەن بۇ مەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىغا ئۆتۈشنى خالىمىغان ئىكەن. ھەتتا بىر ۋاقىتلاردا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شەھەرلەردىكى خەلق بازارلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېلىپ، بازاردىكىلەرنى قورشاپ تۇرۇپ مەجبۇرىي ھالدا گرەجدانلىققا يازدۇرغان ئىشلارمۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىكەن. شۇ ۋاقىتتىكى مەجبۇرلارشتا ئۆزلىرى خالىمىسىمۇ بۇ مەملىكەتنىڭ گراژدانلىقىغا ئۆتۈپ قالغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ ئىكەن.
ئۇيغۇرلار بۇ مەملىكەتتە ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە
ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇغۇچىسى قرال ئابدۇلئەزىز دىن باشلاپ ھازىرغىچە كەلگەن قراللار ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ 1949- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن پاناھ ئىزدەپ بۇ مەملىكەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە سەئۇدى ئەرەبىستانى گراژدانلىقىنى بەرگەن. گراژدانلىق ئېلىشنى خالىمىغان ياكى بۇ ھەقتە تەلەپ تەقدىم قىلمىغانلارغا 4يىلدا بىر قېتىم ئۇزارتىپ تۇرىدىغان دائىمىي تۇرۇش رۇخسىتى بەرگەن . ھەتتا قولىدا تەيۋەننىڭ ياكى خىتاينىڭ پاسپۇرتى بولمىغان ئۇيغۇرلارغىمۇ تۇرۇش رۇخسىتى بېرىپ بېشىنى سىلىغان ئىكەن. ئادەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قانۇنى بويىچە، بۇ مەملىكەتتە تۇرغان ھەر قانداق بىر چەتئەللىكنىڭ تۇرۇش رۇخسىتى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرىلىدۇ. ئەمما شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلارغا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۇزارتىپ تۇرىدىغان دائىمىي تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا بولغان چوڭ غەمخورلۇق ئىدى.

