پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا يېزىلغان ھەدىس كىتابلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا يېزىلغان ھەدىس كىتابلىرى

 

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھەدىسلەر قاچاندىن بېرى يېزىلىشقا باشلىغان؟

ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا يېزىلىشقا باشلىغان، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بۇيرۇپ يازدۇرغان ھەدىسلەرمۇ كۆپ. 52 ساھابىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىۋاسىتە ھەدىسلەرنى ئاڭلاپ يېزىپ قەيت قىلغانلىقى ئېنىقتۇر. تۆۋەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا ساھابىلەر تەرىپىدىن يېزىپ ساقلانغان بەزى ھەدىس كىتابلىرىنى بايان قىلىمىز.

1.     «الصفحة الصادقة» (راستچىل كىتاب) بۇنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالمنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مىڭغا يېقىن ھەدىس قەيت قىلىنغان. كېيىنچە مەزكۇر كىتاب نەۋرىسى ئەمر ئىبنى شۇئەيبكە يېتىپ كەلگەن. ئاندىن ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ «ئەل مۇسنەد» ناملىق ھەدىس توپلىمىغا كىرگۈزگەن.

2.     «صحيقة علي» (ئەلىنىڭ ھەدىس كىتابى) بۇ ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېزىپ قالدۇرغان كىتابچە بولۇپ، ئۇ دىيەت، ئەسىرلەرگە ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەدىسلەر ئورۇن ئالغان. ئىمام بۇخارىي ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە باشقا ئۆلىمالاردىن نەقىل قىلغان ھەدىستە مەزكۇر كىتاب ھەققىدە توختالغان.

3.     «صحيقة سعد ابن عبادة» (سەئد ئىبنى ئۇبادەنىڭ ھەدىس كىتابى) بۇ سەئد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېزىپ قالدۇرغان ھەدىس كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بەزى ھەدىسلەرنى ئىمام تىرمىزى ئۆزىنىڭ «سۇنەن» ناملىق ھەدىس توپلىمىغا كىرگۈزگەن.

4.     «كتاب الزكاة» (زاكات ھەققىدىكى ھەدىس كىتابى) بۇ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يازدۇرغان كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدا زاكات، سەدىقە ۋە دىيەت ھەققىدىكى بەزى ھەدىسلەر قەيت قىلىنغان.

5.     «كتاب عمر ابن حزم» (ئەمر ئىبنى ھەزمنىڭ ھەدىس كىتابى) بۇ ئەمر ئىبنى ھەزم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېزىپ ساقلىغان ھەدىس كىتابى بولۇپ، ئۇنىڭدا زاكات، دىيەت، جىزيە، دەۋەت ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر قەيت قىلىنغان.

6.     «مسند أنس ابن مالك» (ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ھەدىس كىتابى) بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇلازىمى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يېزىپ ساقلىغان ھەدىس كىتابى بولۇپ، ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئۇنىڭدىن 180 ھەدىسنى ئۆز توپلاملىرىغا كىرگۈزگەن.

 يۇقىرىقىلار پەقەتلا مىسال ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەنلەر بولۇپ، باشقا ساھابىلەرنىڭمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىۋاسىتە ئاڭلاپ يېزىپ قالدۇرغان ھەدىس كىتابلىرى ئاز ئەمەس.

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: «مەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ ماڭاتتىم. بۇنىڭدىن مەقسىتىم ھەدىسلەرنى يادلىۋېلىش ئىدى. قۇرەيشنىڭ كاتتىلىرى مېنى بۇنىڭدىن توسۇپ: ›سەن رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى يازامسەن؟ ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھمۇ بىر ئىنسان، ئۇ خۇش بولغاندىمۇ، ئاچچىقلىغاندىمۇ گەپ قىلىدۇ› دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يېزىشنى توختاتتىم، كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ ئەھۋالدى بايان قىلدىم. رەسۇلۇللاھ شۇ چاغدا، قولى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېغىزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ›يېزىۋەرگىن، جېنىم ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇنىڭدىن ھەق گەپتىن باشقىسى چىقمايدۇ› دېدى»[1]. مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى ئەبۇ شاھ يەمانىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۇ زاتنىڭ شۇ كۈنى جامائەتكە سۆزلىگەن نۇتۇقىنى يېزىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «ئەبۇ شاھقا يېزىپ بېرىڭلار»[2] دەپ بۇيرۇغان. شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇتۇقىنى يېزىپ بەرگەن.

 

 

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشتىن توسقانلىقى

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ ھەدىسلىرىمنى يازماڭلار. مەندىن قۇرئاندىن باشقىسىنى يازغانلار بولسا ئۆچۈرسۇن»[3]. بۇ ھەدىس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان ئايەتلىرىدىن باشقىسىنى يېزىپ قالدۇرۇشتىن مەنئى قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 

 يېزىشقا بۇيرۇغان ھەدىس بىلەن توسقان ھەدىس بىر-بىرىگە قارشىمۇ؟

بۇ ئىككى ھەدىس ھەرگىز بىر-بىرىگە قارشى ئەمەس. ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە شۇ ھەدىس ئېيتىلغان ۋاقىتتىكى شارائىت بىلەن ۋەقەلىكنى بىلىش ناھايىتى مۇھىم . چۈنكى بەزى ئىشلار مەلۇم شارائىت ئستىدا مەنئى قىلىنىدۇ ۋە باشقا شارائىتلاردا چەكلەنمەيدۇ. شۇڭا ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلەرنى يېزىشقا بۇيۇغان يۇقىرىقى ھەدىسى بىلەن ئۇنى يېزىشتىن توسقان مەزكۇر ھەدىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قەتئىي زىتلىق يوقلۇقىنى، يېزىشقا بۇيرۇغان ھەدىسنىڭ ھەممە ھالەتكە ئۇيغۇن ۋە ھەر زامان ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما يېزىشتىن توسقان ھەدىسنىڭ ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقان ۋاقىتلار بولغانلىقتىن، نازىل بولۇپ تۇرغان ئايەتلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشنىڭ ھەدىسلەرنى يېزىشتىن مۇھىم ئىكەنلىكى ياكى ئايەتلەر بىلەن ھەدىسلەرنى بىر يەرگە يېزىشنىڭ بەزى كىشىلەرنىڭ ئايەتلەر بىلەن ھەدىسلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى ۋەياكى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك يادلاش ۋە ساقلاش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ساھابىلەرنىڭ يېزىشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئۆزلىرىدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى يوقىتىپ قويماسلىقى ئۈچۈندۇر، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى، شۇ زامانلاردەك ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىدىغانلار سانى ئاز بىر جەمئىيەتتە يېزىپ تارقىتىشتىن بەكرەك يادلاپ قۇلاقتىن قۇلاققا يەتكۈزۈش ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

دېمەك، ھەدىسلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەدىس زامان چەكلىمىسىدىن يىراق ئومۇمىي ھۆكۈمدۇر. ئەمما يېزىشتىن توسقان ھەدىس قۇرئان كەرىم تولۇق نازىل بولۇپ بولغانغا قەدەر ۋاقىتلىق مەنئى قىلىنغان ھۆكۈمدۇر.

 

«ھەدىسلەر 200 يىل كېيىن يېزىلغان» دېگەن سۆز توغرىمۇ؟

ھەدىسلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن 200 يىل كېيىن يېزىلغان دېگەن سەپسەتىنىڭ ئاساسى يوق. چۈنكى، يېزىلىش بىلەن توپلاپ دىۋان قىلىش پەرقلىق ئىشتۇر. ھەدىسلەر يۇقىرىدا بىلگىنىمىزدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا، ھەتتا بەزىسى ئۇ زاتنىڭ كۆز ئالدىدا يېزىلغان. ئەمما ھەممىنى توپلاپ بىر دىۋاننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈش خىزمىتى ئۇمەۋىيلەر خەلىپىلىكىنىڭ بەتتىنچى خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلەزىزنىڭ زامانىدا، يەنى 99 ھىجرىيە يىلى باشلانغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرىيەنىڭ 11- يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئاينىڭ 12 - كۈنى (مىلادىيە 632- يىلى 8- ئىيۇن) ۋاپات بولغان. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ھەدىسلەرنى توپلاپ دىۋان ھالىغا كەلتۈرۈش خىزمىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن 88 يىلدىن  كېيىن رەسمىي باشلانغان. شۇ ۋاقىتتا خەلىپە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاپ دىۋان ھالىتىگە كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆلىمالارغا ھەدىسلەرنى توپلاش ھەققىدە پەرمان چىقىرىدۇ. بۇ پەرمانغا بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشقان ئالىم ئىمام مۇھەممەد ئىبنى شىھاب زۇھرىي بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھەدىسلەرنى توپلاش خىزمىتى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەممام ئەبنى مۇنەببىھ (ھىجرىيە 19- 101) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن يېرىم ئەسىرگە يەتمەيدىغان بىر ۋاقىتتىا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى بىر دىۋاندا توپلىغان بولۇپ، ئۇ زامانىمىزغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن بىردىبىر قەدىمىي دىۋاندۇر. ئۇنىڭ ئەسلى قول يازما نۇسخىسى دەمەشىق ۋە بېرلىن كۇتۇبخانىلىرىدا ساقلانماقتا ئىكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

[1] ئىمام ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى. ئەلبانىي «سەھىھ» دەپ باھالىغان ھەدىس.
[2] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[3] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار