
ئائىلە ھاياتىدىكى بىر يۈرۈش ئەدەپ – ئەخلاقلار
1. ئۆيىڭىزگە كىرگەندە ۋە چىققاندا، ئىشىكنى قولىڭىز بىلەن سىلىق يېپىڭ. ھەرگىز ئۇنى قاتتىق ياپماڭ ياكى ئۇنى ئۆزلۈكىدىن قاتتىق يېپىلىشىغا قويۇپ بەرمەڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«يۇمشاقلىق قايسى نەرسىگە كىرسە، ئۇنى چىرايلىقلاشتۇرىدۇ، ئۇ قايسى نەرسىدىن يۇلۇپ ئېلىنسا، شۇ نەرسىنى سەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ»([1]) دەپ كۆرسەتكەن.
2. ئۆيىڭىزگە كىرگەندە ياكى چىققاندا، ئۆيدىكىلەرگە سالام بېرىشنى ئۇنتۇماڭ. مۇسۇلماننىڭ سالىمى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»دىن ئىبارەت بولۇپ، «خەيرلىك ئەتىگەن» ياكى «ياخشىمۇسىز»دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر مۇسۇلمان ئەمەس قەۋملەرنىڭ سۆزلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالام بېرىشنى ئۆگىتىپ، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئى ئوغلۇم! ئۆيۈڭگە كىرگىنىڭدە، ئۆيدىكىلەرگە سالام بەرگىن»([2]) دېگەن.
3. ئۆيىڭىزگە كىرگىنىڭىزدە، تۇيۇقسىز كىرمەي، ئاياق تېۋىشىڭىز بىلەن، ياكى گېلىڭىزنى قىرىش بىلەن ئۇلارغا بىلدۈرۈپ كىرىڭ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى كېچىدە ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق قېقىشتىن ۋە ئەھلىمىزگە تۇيۇقسىز كىرىشتىن توسقان»([3]).
4. ئۆيىڭىزدىكىلەردىن بىرەرسى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىدا بار ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەكچى بولسىڭىز ئىشىكنى چېكىپ، رۇخسەت سوراپ كىرىڭ، ھەرگىز ئۈسۈپ كىرمەڭ. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: «ئانامنىڭ يېنىغا كىرىش ئۈچۈنمۇ رۇخسەت سورامدىمەن؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەئە، ئەلۋەتتە رۇخسەت سورايسەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ ئادەم: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن ئانام بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتىمەنغۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق بولساڭمۇ رۇخسەت سورىشىڭ كېرەك» دەيدۇ. بۇ ئادەم يەنە: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن ھەمىشە ئانام بىلەن بىللىغۇ» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاناڭنى يالىڭاچ ھالىتىدە كۆرۈپ قېلىشنى ياقتۇرامسەن؟» دەيدۇ، بۇ ئادەم: «ياق» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنداقتا، ئاناڭنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئاناڭدىن رۇخسەت سورىغىن»([4]) دەيدۇ.
5. بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققىنىڭىزدا، سىرتتا ئىشىكنى قېقىۋاتقان بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگۈچىلىك دەرىجىدە يۇمشاق ۋە سىلىق قېقىڭ. ھەرگىز ئىشىكنى قاتتىق قېقىپ، ئۆي ئىگىسىنى چۆچۈتىۋېتىدىغان قوپاللىقنى قىلماڭ. بىر كۈنى بىر ئايال ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق قېقىپ، ئەدەپسىزلىك قىلغاندا، ئىمام ئەھمەد ئۇنىڭغا: «بۇ ساقچىلارنىڭ ئىشىك قېقىشىغا ئوخشاپ قالدى» دېگەنىكەن. ئىشىكنى قېقىش ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئىجازەت سوراش ئۈچ قېتىم بولىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمدىمۇ ئىشىك ئېچىلمىسا قايتىپ كېتىش كېرەك»([5]) دەپ كۆرسەتكەن.
6. بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇۋالماستىن، ئىشىكنىڭ يان تەرىپىدە تۇرۇش گۈزەل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ. «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە، ئىشىكنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدە تۇراتتى، ئىشىككە يۈزىنى قىلىپ تۇرمايتتى.»([6]) ئىشىكتىن كىرگەندە، ئاۋۋال ئۆي ئىگىسىگە سالام بېرىش، ئىشىكتىن كىرگىچە ئاياغلارنى قېقىپ، سۈرتۈپ، تازىلاپ كىرىش، ناۋادا ئۆيگە پايانداز سېلىنغان بولسا ئۇنىڭغا ئاياغنى سېلىپ كىرىش لازىم.
7. بىراۋنىڭ ئىشىكىنى قاققاندا، ئۆي ئىگىسىنىڭ «كىم» دېگەن سوئالىغا، «مەن» دەپ جاۋاب بەرمەي، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئېنىق ئېيتىش لازىم. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: مەن بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشىكىنى قاققىنىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «كىم» دەپ سورىغان سوئالىغا «مەن دەپ جاۋاب بېرىۋىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ياقتۇرمىغان قىياپەتتە: «مەن، مەن؟» دەپ ئىشىكنى ئاچتى.([7])
8. بىراۋنى ئالدىن خەۋەر بەرمەي زىيارەت قىلماقچى بولغىنىڭىزدا، ئۇ سىزنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى ئۆزرە ئېيتسا، ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىشىڭىز ۋە رەنجىمەستىن قايتىپ كېتىشىڭىز لازىم. ئاللاھ تائالا: ﴿وَإِنْ قِيْلَ لَكُمُ ارْجِعُوْا فَارْجِعُوْا هُوَ أَزْكَى لَكُمْ﴾ «ئەگەر سىلەرگە قايتىڭلار دېيىلسە، قايتىپ كېتىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر»([8]) دەيدۇ.
9. بىراۋ سىزنى ئۆيىگە باشلىغاندا، ئۆينىڭ ھەممە تەرىپىگە سىنچىلاپ بېقىشتىن، ئۆيدىكىلەرگە تىكىلىپ قاراشتىن، شۇنداقلا ئۆيگە تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن ئۆي ئىچىگە قاراشتىن ھەزەر قىلىڭ. مۇنداق قىلىش ئىسلام ئەخلاقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەيىب ئىشتۇر. بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە بېشىنى تاراۋاتاتتى، بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا سىرتتىن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇ ئادەمگە: «سېنىڭ مۇنداق قاراۋاتقانلىقىڭنى بىلگەن بولسام، ئىككى كۆزۈڭنى ئويۇۋەتكەن بولاتتىم، ئۆيگە كىرىشكە رۇخسەت سوراشتىن مەقسەت پەقەت كۆزنى ساقلاش ئۈچۈندۇر»([9]) دېگەن.
10. بىراۋنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا، ئۆيگە سىلىق كىرىڭ، ئاياغلىرىڭىزنى سىلىق سېلىپ، مەخسۇس جايدا رەتلىك قويۇڭ، ئاياغلارنى سېلىش ۋە كىيىش تەرتىپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «سىلەر ئاياغلىرىڭلارنى كىيمەكچى بولغىنىڭلاردا ئىشنى ئوڭ تەرەپتىن باشلاڭلار، ئاياغلارنى سېلىشتا ئىشنى ئاۋۋال سول تەرەپتىن باشلاڭلار»([10]) دەپ كۆرسەتكەن.
11. ساھىبخان بىلەن ئولتۇرىدىغان ئورنىڭىز توغرىسىدا تارتىشماڭ. ساھىبخان قەيەرگە تەكلىپ قىلسا، شۇ يەردە ئولتۇرۇڭ. كۆپ تەكەللۇپ قىلماڭ. «مېھمان قويدىن ياۋاش بولىدۇ» دېگەن سۆز بار. بەلكى ساھىبخاننىڭ سىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغان جاي سىز ۋە ساھىبخان ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە مۇناسىپ جاي بولۇشى مۇمكىن.
12. بىراۋنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن مۇناسىپ كۈن ۋە مۇناسىپ ۋاقىت تاللاش كېرەك. زىيارەت قىلغاندا، بەك ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ساھىبخاننى زېرىكتۈرىدىغان ئىشنى قىلماڭ. بىراۋنى تاماق ۋاقتىدا، ئۇخلايدىغان ۋاقتىدا ۋە دەم ئالىدىغان سائىتىدە زىيارەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
13. قانداقلا بىر جايغا كىرگىنىڭىزدە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە سالام قىلىپ كىرىڭ. قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكچى بولغىنىڭىزدا، ئىشنى سورۇننىڭ چوڭىدىن باشلاڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا: «ئاۋۋال چوڭدىن باشلاڭلار»([11]) دەپ كۆرسەتكەن.
14. بىرەر سورۇنغا كەلگىنىڭىزدە ئىككى كىشىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ ئولتۇرۇۋالماڭ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئىككى ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇۋالماڭلار»([12])دەپ كۆرسەتكەن.
15. ئۈچ كىشى بىر يەردە ئولتۇرۇۋاتقان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىنى قايرىپ قويۇپ، يەنە بىرى بىلەن پىچىرلاشماڭ. بۇ ئەدەپسىزلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئۈچ كىشى بار يەردە، ئىككىسى بىر – بىرى بىلەن پىچىرلاشمىسۇن» دەپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن «ئەگەر ئۇلار تۆت كىشى بولسىچۇ؟» دەپ سورالغىنىدا، «ئۇ ۋاقىتتا ھېچ ۋەقەسى يوق»([13]) دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈندۇر.
16. بىر يەرگە كىرىش ۋە چىقىشتا ياشتا ياكى ئىلىمدە چوڭلارغا يول بېرىڭ. ئەگەر قايسىسىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلمىسىڭىز، ئوڭ تەرەپتىكىلەرگە يول قويۇڭ. بىر نەرسە تەقدىم قىلىشتىمۇ ئاۋۋال چوڭلارغا بېرىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «چوڭنىڭ ھەققىنى بەرگىن»([14]) دېگەن.
17. ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئەدەپلىك بولۇڭ. چۈنكى ئۇلار ئەڭ ئەدەپلىك، ئەڭ ياخشى ۋە سىلىق مۇئامىلىگە ھەقلىقتۇر. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۈچ قېتىم «ياخشىلىق قىلىشىم ئۈچۈن ئەڭ ھەقلىق كىشىم كىم؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق سوئالىغا «ئاناڭ» دەپ جاۋاب بېرىپ، تۆتىنچى قېتىمىدا: «داداڭ»([15]) دەپ جاۋاب بەرگەن.
يول يۈرگەندە ھەرگىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭماڭ، تائامغا ئۇلاردىن بۇرۇن قول ئۇزارتماڭ، ئۇلار ئولتۇرۇشتىن ئاۋۋال سىز ئولتۇرماڭ، ئۇلار سۆزلەشتىن ئاۋۋال سىز سۆز قىلماڭ.
18. مەسجىدكە، ياكى قانداقلا بىر سورۇنغا بارغاندا، ياكى بىرەر مېھماننى كۈتۈۋېلىشقا چىققاندا چىرايلىق كىيىنىپ، تەبەسسۇم بىلەن چىقىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر باشقىلارنىڭ ئالدىغا چىقماقچى بولغىنىڭلاردا، ئۆزۈڭلارنى تۈزەپ چىقىڭلار. چۈنكى ئاللاھ گۈزەلدۇر، ئۇ گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ»([16]) دېگەن.
19. سىز بىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغىنىڭىزدا، ئۇنىڭ شارائىتىغا رىئايە قىلىشنى بىلىڭ، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماڭ، ئېغىرلىق سالماڭ، ئاياشنى بىلىڭ. ئەجدادلىرىمىز:«ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ» دەيدىغان ھېكمەتلەرنى قالدۇرغان.
20. تۇغقانلىرىڭىزدىن، ياكى دوستلىرىڭىزدىن، ياكى قوشنىلىرىڭىزدىن، ياكى خىزمەتداشلىرىڭىزدىن بىرەرسى كېسەل بولۇپ قالسا، ئۇنى زىيارەت قىلغان تۇنجى كىشى سىز بولۇشقا تىرىشىڭ. بىلىڭكى، بۇ چوڭ ساۋابلىق ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىر كېسەلنى يوقلايدىكەن، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى ئىچىدە بولىدۇ، ئۇ كېسەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىدا بۇ رەھمەت ئۇنى تېخىمۇ تولۇق قورشايدۇ»([17]) دېگەن.
كېسەل يوقلاشتا ئۇنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىرىغا رىئايە قىلىشنىمۇ ئۇنۇتماڭ. كېسەلنىڭ يېنىدا ئۇزۇن ئولتۇرۇۋالماڭ، كۆپ سۆزگە سالماڭ، كۆڭلى بۇزۇلىدىغان سۆز ۋە خەۋەرلەرنى ئۇنىڭغا ئېيتماڭ. ئۇنىڭغا ئېيتىشقا تېگىشلىك بولغان شۇم خەۋەرنى ئېيتماقچى بولغاندا، ئۇنى مۇقەددىمىسىز ئېيتماڭ.
21. مېھماندارچىلىقلاردا، ياكى قايسىبىر سورۇندا يېقىنلىرىڭىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغىنىڭىزدا، ئاۋازىڭىزنى ئېھتىياجغا قاراپ چىقىرىڭ. قاتتىق سۆزلەپ باشقىلارنى بىئارام قىلماڭ. «قۇرئان كەرىم» لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَاغْضُضْ مِن صَوْتِكَ﴾ «ئاۋازىڭنى يۇقىرى قىلمىغىن»([18]).
22. كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكىنىڭىزدە، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئاسرىشىڭىز لازىم. بىراۋ سىزگە سۆزلەۋاتقاندا، سۆزلىگۈچىنىڭ كۆزىگە قاراپ جىم ئولتۇرۇپ تىڭشاڭ، ئۇياق – بۇياققا قاراشتىن ۋە كۆزىڭىزنى ئۇنىڭ كۆزىدىن قاچۇرۇشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەڭ. چۈنكى مۇنداق قىلىش سۆزلىگۈچىنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ. لوقمان ھەكىم ئوغلىغا: «ئوغلۇم! سەن چىرايلىق سۆزلەشنى ئۆگەنگىنىڭدەك چىرايلىق ئاڭلاشنىمۇ ئۆگەنگىن» دېگەنىكەن.
سۆزلىگۈچىگە پۈتۈن دىققىتىنى بېغىشلاش ۋە ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئاڭلاش چىرايلىق ئاڭلاشقا كىرىدۇ. ھەتتا ئۇ سىز بىلىدىغان بىر مەسىلىنى سىزگە چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىدا، سىز بۇ مەسىلىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئۇنىڭغا چاندۇرماستىن، سۆزىگە قۇلاق سېلىشىڭىز لازىم. مانا بۇ، ئىسلام ئەخلاقىدۇر. ئەمما مۇنازىرە قىلىشىش، ئۆگىنىش قىلىش بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭدا تالاش _ تارتىشىش قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
23. سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرىدىن سىز چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال قىلىشنى ئۇ كىشى سۆزىنى تۈگىتىپ بولغىچە ساقلاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتى بېرىش.
شۇنىڭدەك، سۆھبەتتە ياكى قايسىبىر سورۇندا باشقىلار بىلەن ئولتۇرغاندا، ئۇلاردىن بىرى قايسىبىر مەسىلىدىن سورالسا، سىز ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە ئالدىرىماڭ. ئەگەر سىزنىڭ پىكرىڭىزنى سورىسا، ياكى سوئالنى سىزدىن سورىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا جاۋاب بەرسىڭىز بولىدۇ.
([1])ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([2])تىرمىزى رىۋايىتى.
([3]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([4])ئىمام مالىك رىۋايىتى.
([5]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([6])ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
([7]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([8])نۇر سۈرىسى: 28-ئايەت.
([9]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([10])مۇسلىم رىۋايىتى.
([11])ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([12])ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
([13])ئىمام مالىك، ئەبۇداۋۇد، ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([14]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([15]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([16])ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([17])ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ھىببان رىۋايىتى.
([18])لۇقمان سۈرىسى: 19-ئايەت.

