
زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنى بىر- بىرىدىن ئەۋزەل قىلىپ ياراتقاندەك، جايلارنى ۋە ۋاقىتلارنىمۇ بىر-بىرىدىن ئەۋزەل قىلىپ يارتقان. جايلاردىن مەككە ۋە مەدىنىدىكى ئىككى ھەرەمنى ئۇلۇغ قىلغان بولسا، ۋاقىتلاردىن رامىزان ئېيىنى، ھەج كۈنلىرىنى ئۇلۇغ قىلغان. ئاللاھ تائالا كۈنلەردىن زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنى ئۇلۇغ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئەرەفات كۈنىنى ئۇلۇغ قىلغان، كېچىلەردىن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئىچىدىن قەدر كېچىسىنى ئۇلۇغ قىلغان. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۈنلەرنى ۋە بۇ كېچىلەرنى ئۇلۇغ قىلغانلىقى بەندىلىرىنىڭ ياخشى ئەمەللەرنى كۆپرەك قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە ۋە قوللىشىغا مۇيەسسەر بولۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بولسا كېرەك. چۈنكى ئاشۇ ئالاھىدە كۈنلەر ۋە كېچىلەردە قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرگە ھەسسىلەپ كۆپ ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى ئېنىقتۇر.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ئىسلام نەزىرىدە تەڭداشسىز ئۇلۇغ كۈنلەر بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئىپادىلەپ: «كۈنلەرنىڭ ئىچىدە زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدەك ئەمەل –ئىبادەت ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ھېچبىر كۈن يوقتۇر» دېگەندە، ساھابىلەر «ئۇنىڭغا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ يەتمەمدۇ؟» دەپ سورىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋا بېرىپ: «بۇ كۈننىڭ ئۇلۇغلۇقىغا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشمۇ يەتمەيدۇ، پەقەت ئۆز جېنىنى ۋە مېلىنى ئاتاپ جىھادقا چىقىپ قايتمىغان ئادەم بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن.
بۇ ھەدىسكە ئاساسلانغاندا، زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈندىن ئۇلۇغدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىستە «ھېچبىر كۈن» دەپ تەكىتلىگەنلىكى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قەسەم قىلغان كۈنلەردۇر. وَالْفَجْرِ . وَلَيَالٍ عَشْرٍ «سۈبھى بىلەن، ئون كېچە بىلەن» دېگەن ئايەتتىكى «ئون كېچە»نى كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەر زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى دەپ تەپسىر قىلغان. مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا پەقەت ئەڭ ئەھمىيەتلىك نەرسىلەر بىلەنلا قەسەم قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ھەج پەرزىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ئىبادەت مۇشۇ كۈنلەردە ئورۇندىلىدۇ، قۇربانلىق، تەكبىر، تەھلىل ۋە تەۋبە قاتارلىق كۆپلىگەن ئىبادەتلەر مۇشۇ كۈنلەردە ئورۇندىلىدۇ.
بۇ كۈنلەردە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى: روزا تۇتۇش، قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىش، كۆپ ناماز ئوقۇش، كۆپ تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش، كۆپ سەدىقە بېرىش ۋە ئىنسانلارغا، شۇنداقلا بارلىق مەخلۇقاتقا ياخشىلىق قىلىشتۇر.
زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى ھەج، قۇربانلىق، تەكبىر، تەھلىل قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم ئىبادەتلەر توپلانغان كۈنلەردۇر. شۇڭا، بۇ كۈنلەرنى غەنىيمەت بىلىپ، بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر قىلىدىغان ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا موھتاجمىز. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بىر تەرەپتىن ۋەتەنسىزلىك دەردى، يەنە بىر تەرەپتىن ۋىرۇس بالاسى سەۋەبلىك پەرىشان بولۇۋاتقان كۆڭلىمىزگە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش ۋە ئۇنىڭ ياردىمىگە ئىگە بولۇشقا تىرىشىشتىن ئەۋزەل تەسەللى بولمىسا كېرەك.
ئەرەفات كۈنى كۈنلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ۋە ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. ئەرەفات كۈنىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھقا زىكىرـ تەسبىھلەرنى كۆپ ئېيتىش ۋە كۆپلەپ دۇئا بىلەن مەشغۇل بولۇش كۈنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشى دۇئا ئەرەفات كۈنى قىلىنغان دۇئادۇر. مەن ۋە مېنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقان زىكىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى: لاَ إِلٰهَ إِلاَّ اللّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ: لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ ‹ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر› دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىدۇر».
ئەرەفاتتا بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ناھايىتى كاتتا ساۋابلىق ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە سورالغىنىدا، «بۇ كۈندە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆتكەنكى ۋە كېلىدىغان يىلدىكى گۇناھلىرىنى ئاللاھنىڭ مەغپىرەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېگەن.

