ئاللاھ بىلەن بولۇڭ

ئاللاھ بىلەن بولۇڭ

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئىنسان قەلبىدىكى بوشلۇقنى ئاللاھ تائالادىن باشقىسى تولدۇرالمايدۇ، دىللار ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەت ھېس قىلىدۇ. «أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ« يەنى «بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ» . ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولۇشتىن كېلىدىغان ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن باشقا بارچە خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەت يۈزەكى ۋە ئۆتكۈنچىدۇر.

ئاللاھ تائالا قەلبىمىزدىكى ئەڭ چوڭ مۇھەببەت ۋە ئەڭ چوڭ قۇۋۋەت مەنبەسى بولۇپ، بىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ۋاقتىمىزدا ئەڭ كۈچلۈك، ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغاندا بولسا ئەڭ ئاجىزمىز. ئاللاھ تائالا بىزگە ئەڭ يېقىندۇر، ئۇ ئامانلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسىدۇر.

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە ھەمىشە ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولۇش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر. «ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن _ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار»( ). ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە: «سىلەرگە رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ياخشى سانىلىدىغان، مەرتىۋەڭلەرنى ئەڭ يۇقىرى كۆتىرىدىغان، ئاللاھ يولىدا ئالتۇن، كۈمۈش سەرپ قىلغاندىنمۇ، دۈشمىنىڭلار بىلەن نەق مەيدان ئېلىشىپ جىھاد قىلغاندىنمۇ ياخشى سانىلىدىغان ئەمەلنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلار ئۇ قايسى ئى رەسۇلۇللاھ؟ دەپ سوراشتى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش»( ) دەپ جاۋاب بەردى.

ھەقىقەتەنمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى ياد قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان چاغلىرىدىكى ھالىتىدۇر. ئاللاھ تائالا بىلەن مەنىۋىي مۇلاقاتتا بولغان ۋە ئۇنىڭغا مۇناجات قىلغان ۋاقىتتىكى ھۇزۇر – ھالاۋەتنىڭ لەززىتىنى پەقەت تېتىغانلار بىلىدۇ. 

ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى جەننىتىدۇر. زېمىننىڭ جەننىتىگە كىرەلمىگەن ئادەم ئەلۋەتتە ئاخىرەتنىڭ جەننىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئىنساننى ئىزتىراپلىرى ۋە مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزغۇچىدۇر. سىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان چاغلىرىڭىزدا، سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ئارتىپ بارىدۇ. قەلبىڭىز تىنچلىنىدۇ، ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلىسىز، تۇيغۇلىرىڭىز راھەتلىنىدۇ. دۇئا قىلسىڭىز ئاللاھ تائالا سىزگە ئىنتايىن يېقىندۇر. نىدا قىلسىڭىز ئۇ سىزنى بەك ئاڭلىغۇچىدۇر. تىلىسىڭىز ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

سىزنى غەم –قايغۇ ئورىۋالغاندا، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىڭ، ئۇنىڭغا مۇناجات قىلىڭ.

سىزنى قورقۇنچ بېسىۋالغان، ئاللاھ تائالاغا تايىنىڭ، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەڭ.

سىزنى يالغۇزلۇق چىرمىۋالغاندا، ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىڭ، ئۇنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلىڭ.

يىگىرمە ياش ئەتراپىدىكى بىر ياش پويىزغا چىقىدۇ ۋە بىر بوۋاينىڭ يېنىدىكى بوس ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ. بوۋاي يول بويى ئاللاھ تائالاغا تەسبىھ ئېيتىش بىلەن بولىدۇ. ھېلىقى ياش بوۋاينىڭ بۇ ھالىتىدىن قاتتىق زېرىكىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ: «بۇ زاماندىكى ئىنسانلار ھازىرقى تەرەققىياتنى بىلمەمدىغاندۇ؟ يەنىلا شۇ كونا ئۇسۇل بويىچە تەسبىھ ئېيتىپ ئولتۇرىدۇ. بۇلارنىڭ زاماننىڭ تەرەققىياتىدىن قىلچە خەۋىرى يوق. ئارىمىزدىكى ياشىنىپ قالغانلار بىزنى قالاقلىققا ۋە ئارقىغا چېكىنىشكە ئۈندەيدۇ. ئۇلار ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ تەسبىھ ئېيتىش بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئاڭلىدىڭلارمۇ؟ ھازىر مېدىتسىنا تەرەققىي قىلىپ، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇپ كەلگەن باكتېرىيەنى ئۆلتۈرىدىغان پېنسىلىن ئىجاد قىلىندى» دەيدۇ.

ھېلىقى بوۋاي تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇپ، «مەن ئاشۇ پېنسىلىننى ئىجاد قىلغان ئالېكساندر فلىيمنگ  بولىمەن» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «إِنَّمَا يَخْشَى اللَّهَ مِنْ عِبَادِهِ الْعُلَمَاءُ» يەنى «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ»  دەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانى مەيلى قۇرئان، ھەدىس ئارقىلىق تونۇغان بولسۇن ياكى ماتېماتىكا، فىزىكا، بىيولوگىيە قاتارلىق تەبىئىي پەن ساھەسىدە تونۇغان بولسۇن، ئاللاھ تائالانى ھەقىقىي تونۇغان، ئۇنىڭ چەكسىز ئىلمىنى ۋە قۇدرىتىنى بىلەن ئالىم ئاللاھ تائالادىن ئەلۋتتە ھەممىدىن بەك قورقىدۇ. ئاللاھ تائالانى قانچىلىك تولۇق ۋە ياخشى تونۇغان ئادەم ئۇنى شۇنچىلىك تولۇق قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەيۋىتىدىن شۇنچىلىك ئەيمىنىدۇ.

دېمەك، ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇش، ئۇنى ياد ئېتيىش ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەش كونىلىق ياكى قالاقلىق ئەمەس، ئەكسىچە، ھازىرقى ماددىغا چوقۇنىدىغان قالاقلىقتىن ۋە ھەر تۈرلۈك جاھالەتتىن ئازاد بولۇپ، ئەسلى فىترەتكە قايتقانلىقتۇر. «فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ» يەنى «سەن توغرا دىنغا _ ئاللاھنىڭ دىنىغا يۈزلەنگىنكى، ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بۇ توپتوغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ»


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار