
مۇناپىقلار دېگەن كىملەر؟
مۇھەممەد يۈسۈپ
مۇناپىق «نىفاق» دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، نىفاق — ئىچىدە بىر نەرسىنى يوشۇرۇش، يەنى ئىچىدە كۇفرىنى يوشۇرۇپ، ئىماننى نامايان قىلىش ياكى ئىچىدە رەزىللىكلىرىنى ۋە يامان نىيىتىنى يوشۇرۇپ، ئۆزىنى ياخشى ئادەمدەك پەردازلاپ كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. نىفاق ئېتىقادتىكى نىفاق ۋە ئەمەلدىكى نىفاق دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
ئېتىقادتىكى نىفاق
ئېتىقادتىكى نىفاق - تىلىدا مۇسۇلمانلىقنى سۆزلەپ قويۇپ، دىلىدا كۇفرىلىقنى يوشۇرۇش دېمەكتۇر. مانا بۇ تىلىمىزدىكى «مۇناپىق» سۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر. مۇناپىقلارنىڭ زىيىنى ۋە خەتىرى كاپىرلارنىڭكىدىن چوڭدۇر. چۈنكى ئۇلار يوشۇرۇن دۈشمەندۇر. شۇڭىمۇ مۇناپىقلارنىڭ ئاخىرەتتە ئۇچرايدىغان جازاسى كاپىرلارنىڭكىدىن ئەلۋەتتە ئېغىر بولىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىم مۇنداق دېگەن:﴿ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ فِي الدَّرْكِ الْأَسْفَلِ مِنَ النَّارِ وَلَنْ تَجِدَ لَهُمْ نَصِيرًا﴾ «مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ ئازابتىن قۇتقۇزغۇچى مەدەتكار تاپالمايسەن»([1]).
ئەمەلدىكى نىفاق
ئەمەلدىكى نىفاق – ئۆزى مۇسۇلمان بولسىمۇ، مۇناپىقلارنىڭ قىلىقىنى قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئەمەلدىكى نىفاقنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ مۇناپىقلىقى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى بېسىپ كەتمىگەنلا بولسا، مۇسۇلمانلاردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، جېدەللەشكەندە ئېغىزىنى بۇزۇش قاتارلىق تۆت ئىللەت كىمدە بولسا، ئۇ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇناپىق بولىدۇ، بۇ تۆت ئىللەتتىن بىرەرسىنى ئۆزىگە يەرلەشتۈرگەن ئادەم ئۇنى تاشلىمىغۇچە، مۇناپىقلىق ئالامىتىنى ئۆزىدە ساقلىغان بولىدۇ»([2]).
ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ ئەمەللىرىنى ۋە خەير-ئېھسانلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ﴿ قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ﴾ «(ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا قانچىلىك (پۇل _ مال) سەرپ قىلىپ كېتىڭلار، ئۇ سىلەردىن ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋمسىلەر»[3].
زامانىمىزدىكى مۇناپىقلار ئۆتمۈشتىكىلەردىن يامان
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ئۆز ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە خائىنلىق قىلىدىغان، دۈشمەنلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۆز خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان، ھەسەت ياكى ياللانمىلىق قىلىپ، دىنىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە خەلقىمىزنى يېتەكچىلىرىدىن ئايرىۋېتىش ئۈچۈن ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى، جىسمىنى يوشۇرۇپ، پەردە ئارقىسىدا پىتنە قوزغاش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى مۇناپىقلىققا كىرىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى مۇناپىقلارنىڭ ئۆزگىچىلىكى دەل شۇنداق ئىدى. بەلكى زامانىمىزدىكى مۇناپىقلارنىڭ خەتىرى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكى ئۆتمۈشتىكىلىرىدىن نەچچە ھەسسە ياماندۇر. چۈنكى، بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرى ئىغۋاگەرلەر ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قىلماقتا. مۇناپىقلار توغرىسىدا كەلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر زامانىمىزدىكى بۇ تۈرلۈك مۇناپىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئېتىقادتىكى نىفاق بىلەن ئەمەلدىكى نىفاقنىڭ پەرقى
1. ئېتىقادتىكى نىفاق ئېتىقادتا تىل بىلەن دىلنىڭ بىردەك بولماسلىقىدۇر. ئەمما ئەمەلدىكى نىفاق ئىنسانلارغا قارىتا ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشتۇر.
2. ئېتىقادتىكى نىفاقنى سادىر قىلغۇچىلار گەرچە ئۆزلىرىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدىن سانىسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەشەددىي كاپىرلاردۇر. ئەمما ئەمەلدىكى نىفاقنى سادىر قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمانلاردىن سانالسىمۇ، ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە مۇناپىقلاردىن سانىلىدۇ.
3. ئېتىقادتىكى نىفاق مۇسۇلمان ئادەمدىن سادىر بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ كاپىرنىڭ ئىشىدۇر. ئەمما ئەمەلدىكى نىفاق بەزى مۇسۇلمانلاردىن سادىر بولىدۇ.
4. ئېتىقادتىكى نىفاقنى سادىر قىلغان ئادەمنىڭ تەۋبىسى ئىمان ئېيتىش بىلەن قوبۇل بولىدۇ. ئەمما ئەمەلدىكى نىفاقنى سادىر قىلغان ئادەمنىڭ تەۋبىسى ئەخلاقىنى تۈزىتىپ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن قوبۇل بولىدۇ.
([1]) نىسا سۈرىسى145- ئايەت.
([2]) بۇخارىي رىۋايىتى .
[3] تەۋبە سۈرىسى: 53- ئايەت.

