
ھەر ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلىڭ ، قالغىنى ئۆزى كېلىدۇ
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىخلاس — ھەرقانداق بىر ئەمەل – ئىبادەتنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە خالىس قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئىخلاس ئەمەل – ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ كاپىر بولغان يېرى ئىبادەتنى ئاللاھقا قىلىش بىلەن بىرگە بۇتلىرىغىمۇ قىلىش ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ «ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلمىغىن» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇتلاردىن مەدەت تىلەيتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەمەل-ئىبادەتلەرنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلىشنى «مەخپىي شىرىك» دەپ ئاتىغان. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا خالىس قىلىنىشى تەلەپ قىلىنغان ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغا قىلىش بىلەن بىرگە كىشىلەر ئۈچۈنمۇ قىلىش ئاشۇ كىشىلەرنى ئاللاھ تائالاغا تەڭ قىلغانلىق بولىدۇ. ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن: «يارەسۇلۇللاھ! بىر جىھاد قىلىپ ئاللاھ رازىلىقىنى تىلىسە ۋە نامى چىقىشنىمۇ كۆزلىسە قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭغا ساۋابتىن ھېچ نەرسە يوق» دېدى، ئاندىن يەنە: «ئاللاھ ئۆزىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ خالىس قىلىنغان ئەمەلدىن باشقىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ» دېدى. دېمەك، ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈچۈن خالىس قىلىنمىغان ئەمەلنى قوبۇل قىلمايدۇ.
تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىز ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولغان ئەمەل-ئىبادەتنى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە خالىس قىلىپ، ئۇنى رازى قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە سىزنى تىلىگىنىنىزنى بېرىپ مەمنۇن قىلىدۇ. مۇھىمى سىزنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرسە، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىمۇ ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ تائالا سىزنى قەدىرلىسە، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىمۇ ئەلۋەتتە سىزنى قەدىرلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىرەر بەندىسىنى ياخشى كۆرسە، جىبرىلغان ئەمر قىلىدۇ، جىبرىل ئاسماندىكى پەرىشتىلەرگە "ئاللاھ پالانىنى ياخشى كۆردى، سىلەرمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار" دەپ نىدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسماندىكى پەرىشتىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاندىن يەر يۈزىدىكى بەندىلەر ياخسى كۆرۈشكە باشلايدۇ» .
سىز ئىشنىڭ بېشىدىلا ئاللاھ تائالا بىلەن سودىلاشقاندەك ياكى ئىبادەتكە شەرت قوشقاندەك، دۇنياۋى غەرەزلەرنى نىيەت قىلسىڭىز، سىز دۇنيالىققا ئېرىشىسىز، ئەمما ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر سىز ئەمەل – ئىبادەتنى ۋە ھەرقانداق ياخشى ئىشنى پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا ئۇنى قوبۇل قىلسا، سىزنى كۆڭلىڭىزدىكى ئارزۇلىرىڭىزغا ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق سىزنى چوقۇم مەمنۇن قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا سىزدىن رازى بولغاندىن كېيىن، نۆۋەت سىزنى مەمنۇن قىلىشقا كەلگەن بولىدۇ. «ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. شۆھرەت، پۇل-مال قاتارلىق نەرسىلەر ئاللاھ تائالادىن مۇكاپات ئورنىدا كېلىدۇ، بۇ سىزنىڭ ئەمەلىڭىزنىڭ بەدىلى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-كەرەمىدۇر. ئاللاھ تائالا سىزنى مۇسۇ دۇنيادا مۇكاپاتلىماقچى بولسا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئارزۇ قىلغانلىرىڭىزنى ئەلۋەتتە بېرىدۇ، سىز ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى تىلىمىسىڭىزمۇ بىرىدۇ.
پەيغەمبەرلەر، خۇسۇسەن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىدىن باشقىسىنى ئويلىمىغان، مەشھۇر بولۇپ كىشىلەرنىڭ تىلىدا مەدھىيەلىنىشنى تېخىمۇ ئويلىمىغان. ئەمما ئاللاھ تائالا ئۇلارغا شۇنداق ئۈزۈلمەس شۆھرەت ئاتا قىلغانكى، تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ ۋە ئاخىرەتتىمۇ داۋاملىشىدۇ. مانا بۇ خالىس ئەمەلنىڭ مۇكاپاتى ئىدى.
ئەپسۇسكى، بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ نامى شەرىپى چىقمايدىغان ھەرقانداق مۇھىم خىزمەتلەرگىمۇ ئاۋاز قوشمايدۇ، دىنىمىزغا ياكى مىللىتىمىزگە پايدىلىق مۇھىم ئىشلاردىمۇ ئۆز كۆڭلىدە سودىلىشىدۇ، ئەگەر ئىشنىڭ بىر بۆجىكىگە بولسىمۇ ئۆزىنىڭ نامى شەرىپى ئىلىنىدىغان بولسا، ئۇ ئىشنى قوللايدۇ، ئۇنداق بولمىسا ھەرگىز قوللىمايدۇ.
مەن نوبىل مۇكاپاتى ئالغانلاردىن بەزىلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ چىقىشقا مۇيەسسەر بولدۇم. بىلدىمكى، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى نوبىل مۇكاپاتى ئېلىش ئۈچۈن ياكى دۇنيادا مەشھۇر بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئەمەس ئىكەن. ئۇلار ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ۋىجدانىي راھەتلىك ۋە كۆڭۈل ئازادىلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن جاپا چەككەن ئىكەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگەن ۋە ئۇلارنى دۇنيادا مەدھىيەلىنىدىغان قىلغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان مۇئمىنلەرنىڭ مۇكاپاتىنى بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بېرىدۇ، مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ مۇكاپاتىنى مۇشۇ دۇنيادىلا بېرىدۇ. ئېدىسون، ئېينىشتېين قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالى. ئۇلار ئىنسانىيەتكە خىزمەت قىلاي دەپ تەر تۆكۈپ شۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ناۋادا ئۇلار شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈنلا يولغا چىقىپ مىلياردلارچە دوللار خەجلىگەن بولسىمۇ بۇنچىلىك شۆھرەتكە ئېرىشەلمەيتتى. شۇڭا، سىز ھەر ئىشنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن، ئاللاھ تائالانى رازى قىلسىڭىز، ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە سىزنى ئارمانلىرىڭىزغا يەتكۈزۈش، مۇرادىڭىزغا ئېرىشتۈرۈش بىلەن مەمنۇن قىلىدۇ.

