جاھىللىق يامان ئىش ئەمەس

جاھىللىق يامان ئىش ئەمەس

مۇھەممەد يۈسۈپ

بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان جاھىللىق ئىلىم-مەرىپەتتىن مەھرۇم قالغان نادانلىق ئەمەس، بەلكى ئۆز مەۋقەسىدە، ئەقىدىسىدە، پىكىر-قارىشىدا ۋە ئۆز ئىشىدا چىڭ تۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە قايتماسلىقتۇر. بۇ مەنىدىكى جاھىللىق ھەممىمىزدە بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل خىسلەتتۇر. چۈنكى، نەتىجە قازانغانلار، غەلىبە قىلغانلار ۋە پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلار ھەممىسى جاھىللىق روھىغا ئىگە قايتماس كىشىلەردۇر. شۇڭا دەيمىزكى،

—جاھىللىق بىزنى ئۆز مەيدانىمىزدا ئاخىرغا قەدەر مۇستەھكەم تۇرغۇزىدىغان ئىرادىدۇر.

جاھىللىق ھەممە ئادەم ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلغاندىمۇ ئۆز پىلانىدىن ۋاز كەچمەسلىكتۇر.

—    جاھىللىق توسقۇنلۇقلار ۋە قىيىنچىلىقلار ئالدىدا ئارقىغا قايتماسلىقتۇر.

—    جاھىللىق كۆپ قېتىم يېڭىلگەن بولساقمۇ بىزنى ئۆزىمىزگە ۋە قۇدرىتىمىزگە ئىشەنگەن ھالدا تۇتۇپ تۇرىدىغان ھالەتتۇر.

—    جاھىللىق قارشىلىقلار ۋە دۈشمەنلىكلەر ئالدىدىكى پولاتتەك ئىرادىنىڭ كۆرۈنگەن يۈزىدۇر.

—    جاھىللىق بارلىق چارە-تەدبىرلەر تۈگىگەن، ئەتراپتىكىلەر ۋاز كېچىشكەن ئۈندەپ تۇرغان ۋاقىتتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغاندۇر.

—    جاھىللىق مۇستەبىتلەرگە قارشى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالدۇر.

—    جاھىللىق ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ دەلىلىدۇر.

 

 جاھىللىق ۋاز كېچىشتىن ياخشىدۇر

جاھىللىق ۋاز كېچىشتىن، چۈشۈپ بېرىشتىن ۋە قويۇپ بېرىشتىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. ۋاز كېچىشنىڭ ئەڭ يامان تۈرى ئۆز مەۋقەسىدىن ۋاز كېچىش، ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە ئەدەبىي ھەققىدىن چۈشۈپ بېرىش ۋە زالىملارغا قويۇپ بېرىشتۇر. ئەجدادلىرىمىزنى مۇستەملىكىچىلەرگە باش ئەگمەيدىغان، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان، ھەتتا تىلىنىمۇ يامان كۆرىدىغان قىلغان نەرسە ئۇلاردىكى جاھىللىق روھىدۇر. مۇشۇ روھنىڭ كۈچى بىلەن بىزنىڭ دىنىمىز، تىلىمىز ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىمىز ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى.

 

جاھىللىق ئىجابىيلىقمۇ، سەلبىيلىكمۇ؟

جاھىللىققا ئىجابىي ياكى سەلبىي دەپ باھا بېرىش كىشىلەرنىڭ شۇ مەسىلىگە قارىتا مەۋقەسىگە باغلىق بولۇپ، بىرى ئۇنى ئۆز ئىرادىسىدە چىڭ تۇرغانلىق دەپ ماختىسا، يەنە بىرى تەرسالىق دەپ سۆكىدۇ. ئەمما بىز زور نەتىجىلەرنى قازىنىش ئارقىلىق دۇنياۋىيلاشقان مەشھۇر قوماندانلارنىڭ ۋە كاتتا شەخسلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قورالى جاھىللىق روھى، ۋاز كەچمەسلىك ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بايمايمىز. مەسىلەن: گالىلىيۇ گالىلىي ئۆز ۋاقتىدا زېمىننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، چېركاۋ بېسىمدارلىرى ئۇنى مەھكىمىگە چاقىرىپ ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش بىلەن تەھدىت سالغاندا، ئۇ مەھكىمىدىن چىقىپلا «زېمىن ھازىرمۇ ئايلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن.

سۇقرات گرېتسىيەدە ياشلارنىڭ ئەقلىنى زەھەرلىدى دېگەن تۆھمەت بىلەن مەھكىمىگە چىقىرىلغاندا، ئۇ ئۆز پەلسەپىسىدە چىڭ تۇرۇش بەدىلىگە ئۆلۈمنى تاللىغان.

گەندى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندا، ئەنگىلىيە دائىرىلىرى ئۇنى ئونلارچە قېتىم تۈرمىلەرگە تاشلاپ، ئۆز دەۋاسىدىن ۋاز كېچىشكە زورلىغان ۋە جىسمانىي جازالارغا ئۇچراتقان چاغلاردىمۇ، ئۇ ئۆز مەۋقەسىدىن قىلچە كەينىگە قايتمىغان، ھەتتا تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن ئۆز دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئىنگلىزلار ئۇ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتسە، ھىندىستانلىقلارنىڭ قوزغۇلۇشىنى توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى تۈرمىدىن چىقىرىشقا مەجبۇر بولغان، ئاخىرى ھىندىستان خەلقى ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالغان.

جەنۇبىي ئافرىقىلىقلارنىڭ لىدېرى نىلسون ماندىلا مۇستەملىكىچى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھاكىميىتىنى قوبۇل قىلماسلىق بەدىلىگە 28 يىل تۈرمىدە يېتىشقا رازى بولغان، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۈرلۈك قايىل قىلىش ئۇسۇللىرىغا قايىل بولمىغان. نەتىجىدە، دۆلىتىنى مۇستەقىل قىلغان.

مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قەۋقەسى ھەرگىزمۇ جاھىللىق ئەمەس، بەلكى مۇستەھكەم ئىرادە ۋە قايتماس روھتۇر. ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ نەتىجە قازانغانلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ ئۇلۇغى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. مۇشرىلار ئۇ زاتنى مەۋقەسىدىن ۋە غايىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن، ئەقلىگە كەلگەن ئۇسۇل ۋە چارىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللانغان، ھەتتا غايىسىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە بايلىق تىلىسە پۈتۈن ئەربنىڭ بايلىقى توپلاپ بېرىشكە، مەنسەپ تىلىسە ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ تىكلەشكە ۋەدە بەرگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار قۇياشنى ئوڭ يېنىمغا، ئاينى سول يېنىمغا قويۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ مەن بۇ يولدىن ۋاز كەچمەيمەن ياكى شۇ يولدا ھالاك بولىمەن» دېگەن.

 

بالىلارنىڭ جاھىللىقى ئەيىب ئەمەس

بەزى بالىلارنىڭ جاھىللىقى ئاتا-ئانىلارنى تاقەت قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئەمما ئۇ يامان ئىش ئەمەس. چۈنكى، ئۇ بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ يېتىلگەنلىكىگە ۋە شەخسىيىتىنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە دەلىلدۇر. «بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ۋە ئۇلارنى بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاش چوڭ خاتالىقتۇر. شۇڭا بالىلارنىڭ ئۆز رەيىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلىمەسلىك ۋە ئۇنىڭدىن رەنجىپ كەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى بالىڭىز سىزدىن مۇستەقىل ئىنساندۇر، ئۇ سىزنىڭ نۇسخىڭىز ئەمەس.

شۇڭا بالىلارنىڭ تەرسالىقى تۇتقاندا، ئۇلارغا ئاچچىقلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلار بىلەن سۆزلىشىش ۋە دەردىنى ئاڭلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا بالىنىڭ گەپكە ئۇنىمايۋالغانلىقىنىڭ سەۋبىنى بىلگىلى، ئاندىن چارىسىنى قىلغىلى بولىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر «ئىتائەتچان بالا» تەربىيەلەش كويىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، گەپكە ئۇنايدىغان، تاكانلاشمايدىغان، شوخلۇق قىلمايدىغان، ياۋاش، مۇلايىم بالىلارنى ئەڭ ئەخلاق بالىلار دەپ سانايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بالىلار بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەخلاقلىق بالىلار سانالسىمۇ، ياخشى بالىلار بولالمايدۇ. چۈنكى ياخشى بالىلار ئىتائەتتىن بەكرەك توغرىسىنى قىلىدىغان، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان، ئۆز شەخسىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بالىلاردۇر. بىزگە ياۋاش، ئىتائەتچان بالىلار ئەمەس، شەخسىيىتى كۈچلۈك، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان بالىلار كېرەك.

شۇڭا سىز جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان بالىڭىزغا قاتتىقلىق قىلماڭ، بەلكى ئۇ كەلگۈسىدە سىزگە ۋە مىللىتىڭىزگە شەرەپ كەلتۈرىدىغان كاتتا شەخسلەردىن بولۇشى مۇمكىن.

 

ئىبرەت:

-        سىز ئۆزىڭىز توغرا دەپ قارىغان ئىشتا چىڭ تۇرۇڭ.

-        باشقىلارنىڭ جاھىللىقىغا قارشى جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالماڭ.

-        باشقىلارنى ئۆز پىكرىڭىزگە كەلتۈرۈشكە تىرىشماڭ.

-        ۋەقەنىڭ بېشىدا تەرسالىقتەك كۆرۈنگەن ئىش ۋەقەنىڭ ئاخىرىدا تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئەزىمەتلىك بولۇپ چىقىدۇ.

-        ئىتائەتچان بالىدىن جاھىل بالا ياخشى. چۈنكى، ئىتائەتچان بالىنىڭ شەخسىيىتى كۈچلۈك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى باشقىلار ئوڭايلا ئۆزىنىڭ پايدىسىغا قوللىنالايدۇ. ئەمما جاھىل بالا ھەر زامان مۇستەقىل ئىش كۆرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە.

 

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار