پەيغەمبىرىمىزنى نېمە ئۈچۈن «ئى مۇھەممەد!» دەيمىز؟

پەيغەمبىرىمىزنى نېمە ئۈچۈن «ئى مۇھەممەد!» دەيمىز؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ سەرخىللىرى بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەر ھەممىسى ھۆرمەتلىك، ھەممىسى ئۇلۇغ ۋە ھەممىسى ئۈلگىلىك زاتلاردۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارغا يولباشچى قىلىپ ئەۋەتكەن. قۇرئان كەرىمدە 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسىم- زاتلىرى زىكىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئىسىملىرى زىكىر قىلىنمىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ) وَرُسُلًا قَدْ قَصَصْنَاهُمْ عَلَيْكَ مِنْ قَبْلُ وَرُسُلًا لَمْ نَقْصُصْهُمْ عَلَيْكَ( «(بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدا) ئىلگىرى بىز ساڭا بايان قىلغان پەيغەمبەرلەرمۇ، بايان قىلمىغان پەيغەمبەرلەرمۇ بار». ئاللاھ تائالا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىش ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر، يەنى بىرەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ. شۇڭا، يەھۇدىيلار ئىيسا ئەلەيھىسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن، خىرىستىيانلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىش بىلەن كاپىر بولۇپ كەتكەن. چۈنكى بىرەر پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغانلىق ھەممىسىنى ئىنكار قىلغانلىق بىلەن تەڭدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرى بۇنىڭغا ئىشارەت قىلغان. ) كَذَّبَتْ عَادٌ الْمُرْسَلِينَ( «ئاد قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»، )كَذَّبَتْ ثَمُودُ الْمُرْسَلِينَ( « سەمۇد قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»،  )كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ الْمُرْسَلِينَ( «لۇتنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى»، )كَذَّبَتْ قَوْمُ نُوحٍ الْمُرْسَلِينَ( «نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى» دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى. گەرچە يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرى ئۆز پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھەممە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىق سانالغان.

 پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلىك ۋە ئۇلۇغ زاتلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەرتىۋە پەرقى بار. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مەرتىۋىلىرىنى بىر-بىرىدىن پەرقلىق قىلغان. ) وَلَقَدْ فَضَّلْنَا بَعْضَ النَّبِيِّينَ عَلَى بَعْضٍ ( «بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا يەنە نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاتارلىق بەش پەيغەمبەرنى ئالاھىدە مەرتىۋىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇلار قۇرئان كەرىمدە «أولوالعزم» (ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر) دەپ سۈپەتلەنگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ھەق دىننى يەتكۈزۈش يولىدىكى جاپا-مۇشەققەتلىرى، باتىل كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلىرى يۈزىسىدىن بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى جىمى پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن، ھۆرمەتلىك ۋە ئۇلۇغ قىلغان. ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ئىرادىلىك بەش پەيغەمبەردىن، شۇنداقلا جىمى پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن ۋە ئالىي مەرتىۋىلىك ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق ۋە ھېچبىر ئىختىلاپ يوقتۇر.

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئالاھىدە ھۆرمەتلىگەن، قەدرىنى كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا جىمى پەيغەمبەرلەردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلغان. بۇنىڭ مىساللىرى ئىنتايىن كۆپ. بۇ يەردە بىرلا مىسال كەلتۈرىمىز. ئۇ بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «پەيغەمبەرلىك»تىن ئىبارەت كاتتا ئۇنۋانى بىلەن خىتاب قىلغانلىقىدۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە شۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمى بىلەن خىتاب قىلغانلىقىنى، پەقەت ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىلا «پەيغەمبەرلىك» ئۇنۋانى بىلەن خىتاب قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: )يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ ( «ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرغىن»، )يَا نُوحُ اهْبِطْ بِسَلاَمٍ مِنَّا( « ئى نۇھ! سەن بىز تەرەپتىن چۈشكەن ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن»، ) وَنَادَيْنَاهُ أَنْ يَا إِبْرَاهِيمُ( «بىز ئۇنىڭغا: ‹ئى ئىبراھىم!› دەپ نىدا قىلدۇق»، ) يَا مُوسَى إِنِّي أَنَا رَبُّكَ( «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ رەببىڭمەن« ، )يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ اذْكُرْ نِعْمَتِي عَلَيْكَ (««ئى مەريەم ئوغلى ئىيسا! ساڭا ۋە سېنىڭ ئاناڭغا بەرگەن نېمىتىمنى ئەسلىگىن» دېگەن ئايەتلەردە يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرگە ئۆز ئىسىملىرى بىلەن خىتاب قىلغان. ئەمما ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىرەر قېتىممۇ ئۆز ئىسمى بىلەن خىتاب قىلىپ «ئى مۇھەممەد!» دېمىگەن، بارچە خىتابلىرىدا ) يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ(  ، )  يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ( يەنى (ئى پەيغەمبەر!) دەپ خىتاب قىلغان.

ئەپسۇسكى، تەپسىر كىتابلىرىدا ۋە قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىدە، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد!» دەپ ئاتاش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇرۇنقى مۇپەسسىرلەر دىققەتسىزلىكتىن سادىر قىلغان بۇ كەمچىلىكنى كېيىنكىلەر ھېچبىر ئويلىماستىن، ئەقلىنى ئىشلەتمەستىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىدىمۇ «ئى مۇھەممەد!» دەپ ئېلىنغان. بىز ئەمالارچە تەقلىدچىلىكتىن قاچان قۇتۇلىمىز؟ قاچان ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشنى ئۈگىنىمىز؟ پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھېچكىم مەسۇم ئەمەس، خاتالىقتىن خالىي ئەمەس. مەيلى قانداق كاتتا مۇپەسسىرلەر بولۇپ كەتسۇن، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى خاتالىق دەپ ئېتىراپ قىلىشىمىز ۋە توغرىسىنى قىلىشىمىز لازىم.

ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنى پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت ئەڭ ئېسىل مەرتىۋىسى ۋە ئۇنۋانى بىلەن چاقىرىپ ﱡئى پەيغەمبەر! ﱠ دېگەن تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ﱡئى مۇھەممەد! ﱠ دەيمىز؟ ھالبۇكى بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەككىلىك كاپىرلارنىڭ چاقىرىشى ئەمەسمۇ؟! چۈنكى مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ زاتنى ئادەتتىكى كىشىلەرنى چاقىرغاندەك «ئى مۇھەممەد!» دەپ چاقىراتتى. ئەمما مۇئمىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «يارەسۇلۇللاھ!» (ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى!) دەپ چاقىراتتى.

بىز ئۆلىمالىرىمىزنى ۋە زىيالىيلىرىمىزنى ئۇنۋانى بىلەن چاقىرىپ،  داموللام ، دوكتور دەيمىز · نېمىشقا ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنى ئى مۇھەممەد دەيمىز ؟.                                                           «سەئۇدى ئەرەبىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى»، «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى»تەرىپىدىن 100 دىن كۆپرەك ئۆلىمانىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ھازىرلىنىپ، «پادىشاھ فەھد قۇرئان بېسىش ئاكادېمىيىسى»دە بېسىپ تارقىتىلغان«التفسير الميسر» (تەپسىرى مۇيەسسەر) دېگەن تەپسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تەپسىرنى نەشرگە تەييارلىغان مەخسۇس كومىتېت ئىلگىرىكى تەپسىرلەردە كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن ﱡئى مۇھەممەد! ﱠ دېگەن سۆزنى ﱡئى پەيغەمبەر! ﱠ دەپ ئۆزگەرتتى. پەقەت 11 ئورۇندىلا ئۆز پېتى قالدۇرۇلدى. بۇ مۇشۇ11 ئورۇندىكى خىتابنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلارنىڭ تىللىرىدىن ھېكايە قىلىنغان خىتابلار بولغانلىقى سەۋەبتىن ئىدى» ().

قۇرئان كەرىمنىڭ تۈركچە تەرجىمىلىرىدە ناھايىتى ئېسىل ئىبارە بىلەن  «Ey resülüm» يەنى (ئى پەيغەمبىرىم!) دەپ ئېلىنغان


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار