سىزنىڭ ئۆزگەرتمەكچى بولغىنىڭىز دەل ئۆزىڭىز بولۇڭ

سىزنىڭ ئۆزگەرتمەكچى بولغىنىڭىز دەل ئۆزىڭىز بولۇڭ

تۈنۈگۈن ئەقىللىق ئىدىم، شۇڭا دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە تىرىشاتتىم، بۈگۈن ھېكمەتلىك بولۇپ قالدىم، شۇڭا ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىمەن.

جالالىددىن رۇمىي

 دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ، گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ، دېڭىز، ئوكيان، ھەتتا تاغلارمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پەقەتلا ئىنسان ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ. ئىنسان ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزىنى ئەۋزەللىككە قاراپ ئۆزگەرتىشكە موھتاج. ھەممىمىز ئۆزگىرىشكە موھتاج تۇرۇقلۇق، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئۆزىنى ئۆزگەرتمىسە تەرەققىي قىلالمايدۇ. بىز ھەمىشە باشقىلارنى تەنقىدلەشنى ۋە ئۆزگەرتىشنى خالايمىز، ئەمما ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز.

بىز ئۆزىمىزنى ناچار ھالەتتىن ياخشى ھالەتكە، ياخشى ھالەتتىن تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە ئۆزگەرتىشكە موھتاج بولۇپ تۇرىمىز. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك ئەھۋالىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. «ھەرقانداق بىر قەۋم ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ». پىكىر- قاراشلىرىمىزنىڭ ۋە چۈشەنچىمىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى ئەيىب ئەمەس، ئەيىب بولغىنى ئۆز پىكىرى خاتا بولسىمۇ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇۋېلىش، يېڭىلىقنى ۋە يېڭىلىنىشنى قوبۇل قىلماسلىقتۇر. جاھىللار بىلەن تەقلىدچىلەرلا ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ.

ئىنسانلارنى ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشتىن كۆرە ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتكىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى، ئۆزگەرتەلەيدىغىنىمىز مۇشۇدۇر. ئەگەر بىز ئۆزگەرسەك، جەمئىيەت ئۆزگىرىدۇ، دۇنيا ئۆزگىرىدۇ. ئەڭ ئاۋۋال بىزنىڭ مەسىلىلەر ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئۆزگىرىدۇ، دۇنيا قاراشلىرىمىز ئۆزگىرىدۇ.

شەخسلەرنىڭ ئۆزگىرىشى زۆرۈرۈ بولغاندەك، جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. شەخسلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ، ھەتتا بىر كېچە-كۈندۈزدىمۇ ئۆزگىرەلەيدۇ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن بىر قانچە ئەۋلادنىڭ يېڭىلىنىشى كېرەك بولىدۇ. ئەگەر بىز بىر مىللەت سۈپىتىدە ئاللاھنىڭ ياردىمىگە لايىق بولغان بىر مىللەت بولۇپ ئۆزگىرىشنى خالىساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز شەرت.

خۇددى ئېقىن سۇ ئىلگىرىلەپ، داۋانلارنى ئېشىپ تۇرغاندەك، ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ تۇرغان كىشىلەرمۇ تەرەققىي قىلالايدۇ، ئەمما ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگەنلەر خۇددى تۇرغۇن سۇدەك بىر ئىزىدا توختاپ قالغاننىڭ ئۈستىگە ئۆزگىرىپ تۇرغان زامانغا ماسلىشالمايدۇ.

تارىخلار پەقەتلا ئۆزگىرىشلەردىن ئىبارەتتۇر. ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى بىلگەنلەر دۇنيانى ئۆزگەرتكەن. جەمئىيەتنى ياكى دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى لازىم. ناۋادا ھەربىر ئادەم ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلسە، جەمئىيەت ئۆزگىرىدۇ، دۇنيا ئۆزگىرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز — خۇددى گەندى دېگەندەك، — دۇنيادا سىز كۆرمەكچى بولغان ئۆزگىرىش ئۆزىڭىز بولۇڭ!

ئىبرەت

—            سىز ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان ۋاقىتتىن كېيىن دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ھاجەت بولمايسىز.

—            شەخسلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئەمما جەمئقيەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئۈچۈن بىر قانچە ئەۋلادنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەك بولىدۇ.

—            ئۆزگىرىش شەخسلەر ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ئوڭاي ئەمەس، ئەمما بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش ئۆتمۈشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تەكرالاش دېگەنلىكتۇر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار