دەۋەتچىنىڭ ئەخلاقى

دەۋەتچىنىڭ ئەخلاقى

مۇھەممەد يۈسۈپ

پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئەھلى-ئىلىملەرنىڭ، خۇسۇسەن دەۋەت سېپىدىكى قېرىنداشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن زىننەتلىنىشى زۆرۈر بولغان گۈزەل ئەخلاقلار تۆۋەندىكىچە:

1.           نىيەتنىڭ خالىس بولۇشى

   دەۋەتنىڭ نىشانى كىشىلەرنى ھىدايەتكە يېتەكلەش، دەۋەتچىنىڭ مەقسىتى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىن ئىبارەت بولۇشى لازىم. بۇ پىرىنسىپنى قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان ۋە پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئەمەل قىلغان. ﴿ قُلْ مَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مِنْ أَجْرٍ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُتَكَلِّفِينَ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئېيتقىنكى، «مەن بۇنىڭغا (يەنى دىننى يەتكۈزگەنلىكىمىگە) سىلەردىن قىلچە ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (بۇيرۇلمىغان ئىشنى قىلىپ) ئۆزىنى جاپاغا سالغۇچىلاردىن ئەمەسمەن»[1].

ئەكسىچە بولغاندا، يەنى دەۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن مەقسەت مال-دۇنياغا ياكى يۈز-ئابرۇيغا ئىگە بولۇش بولۇپ قالغاندا، دەۋەتنىڭ قىممىتى قالمىغاندەك، ئۇنىڭ تەسىرىمۇ بولمايدۇ. ئوقۇپ بىلىم ئېلىش قانچىلىك تەس بولسا، ئوقۇغاننى توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈش تېخىمۇ تەس. خەلقىمگە دىننى بىلدۈرەي، بىلمىگەنلىرىنى ئۆگىتەي دەپ يولغا چىققان كىشىلەرنىڭ ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلىرى ئاز بولمايدۇ، ئۇلارغا يېتىدىغان ئەزىيەتلەرمۇ كەم بولمايدۇ. مۇشۇنداق قىيىن ۋە جاپالىق بىر ئىشنى پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلمىغان ئادەم زىيان تارتىپ قالىدۇ. چۈنكى ھېچكىم ئاللاھ تائالادەك مۇكاپات بېرەلمەيدۇ.

ئەقىللىق دەۋەتچىنىڭ مەقسىتى يەنە بىلگەنلىرىنى چىقىرىۋېلىش ئەمەس، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش بولۇشى كېرەك.

2.           ئۈلگە بولۇش

  دەۋەت قىلغۇچىنىڭ گۈزەل ئەخلاقتا ۋە ئىبادەتلەردە ئۈلگە بولۇشى، سۆزى بىلەن ئەمەلى بىردەك بولۇشى كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى دەۋەتچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىدى. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇ زاتنى ئۈلگە قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: ﴿لَّقَدْ كَانَ لَكُمْ فِي رَسُولِ اللَّهِ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ) «سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدە گۈزەل ئۈلگە بار»[2].

كىشىلەر دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەس، ئەمەلىيىتىگە، ئىلىمىگە ئەمەس، ئەخلاقىغا قارايدۇ. چۈنكى سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا ئەمەلىيىتى كۆرۈلمىگەن تەسىرلىك سۆزلەرنىڭ، سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزنى ئىسلاھ قىلالمىغان ئىلىمنىڭ باشقىلارنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنمۇ؟!

دىنغا ئەمەل قىلىش ياكى تەقۋالىق دېيىلگەن ھامان كۆپلىرىمىزنىڭ ئەقلىگە ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنداش كېلىدۇ. بۇمۇ زۆرۈر، ئەمما دىندارلىقنىڭ ۋە تەقۋالىقنىڭ بېشىدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش كېلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنى راسچللىق بىلەن سۈپەتلىگەندەك، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى ۋەدىسىدە راستچىل دەپ سۈپەتلىگەن. ﴿وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَّبِيًّا﴾ «(ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭگە) قۇرئاندىكى ئىسمائىل (قىسسىسى)نى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، رەسۇل ھەم نەبى ئىدى»[3]. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، چاقىرغان يەرگە ۋاقتىدا بېرىش ئەڭ چوڭ راستچىللىقتۇر.

 

3.          ئىلىم-ھېكمەت

 دەۋەت قىلغۇچى شەرئىي ئىلىملەرنى ياخشى بىلىشى، قۇرئان - سۈننەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، دەۋەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سەۋىيەسىگە ماس ھالدا سۆزلەشنى بىلىشى لازىم. ﴿ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ) «رەببىڭنىڭ يولىغا ھېكمەت ۋە ياخشى نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىل»[4]. ئىلىم دەۋەتچىنىڭ قورالى، ھېكمەت ئۇنىڭ زىننىتى بولۇپ، ئىلىم-ھېكمەتتىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغان دەۋەت پايدىسىزدۇر.

نەدە نېمە دېيىشنى، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىگە كىرىشنى بىلمىگەن دەۋەتچى دەۋىتىدە كىشىلەرنى زېرىكتۈرۈشتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا ھەربىر مۇناسىۋەتكە شۇنىڭغا مۇناسىپ سۆزلەرنى قىلىش، قىسقا ۋە مەزمۇنلۇق سۆزلەش، قىرىق يىلدىن بېرى يادلىۋالغان سۆزلەرنى ھەممىلا يەردە تەكرارلىماسلىق لازىم. چۈنكى، ھېكمەت — ھەربىر ئىشنى ۋە ھەربىر سۆزنى ئۆز ئورنىدا ۋە توغرا شەكىلدە قىلىش دېگەنلىكتۇر.

جەمئىيەتنى، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ساقلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەش ۋە ھەر زھمھن ھوشيار تۇرۇشمۇ ھېكمەتنىڭ جۈلىسىدىن سانىلىدۇ.

4.          سەۋر ۋە چىدامچانلىق

دەۋەت قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىگە، نامۇۋاپىق سۆزلىرىگە، ھەتتا مەسخىرىلىرىگە سەۋرچان بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دەۋەتتە سەۋرچانلىققا بۇيرۇپ: ﴿فَاصْبِرْ كَمَا صَبَرَ أُولُو الْعَزْمِ مِنَ الرُّسُلِ وَلَا تَسْتَعْجِل لَّهُمْ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) سەن ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەردەك چىداملىق بولغىن، ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا كېلىدىغان ئازابقا) ئالدىراپ كەتمىگىن»[5].

پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋەت يولىدا چەككەن ئەزىيەتلىرى ۋە پولاتتەك ئىرادە بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرى غەلىبە قىلغانلىقى بۇنىڭ مىسالى. يېقىنقى زاماندىكى بىر ئۈلگىنى مىسال قىلساق، كۇۋېيتلىك دوكتور ئابدۇراھمان سەمىت ھاياتىنى دەۋەت ئىشلىرىغا ئاتاپ ئافرىقىنىڭ ئەڭ نامرات جايلىرىدا 29 يىل ھارماستىن دەۋەت قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئىچىدىغان سۇنىڭ ناچارلىقى ۋە ھاۋا رايى بىلەن ماسلىشالماسلىقى سەۋەبلىك نەچچە قېتىم قاتتىق كېسەل بولىدۇ، يەنە بىر نەچچە قېتىم چايان چېقىۋالىدۇ، ئەمما يولىدىن قايتمايدۇ. نەتىجىدە، 6 مىليون ئافرىقىلىقنى مۇسۇلمان قىلىدۇ، 860 مەدرەسە قۇرىدۇ،5700 مەسجىد سالىدۇ، تۆت ئۇنىۋېرستېت تەسىس قىلىدۇ.

5.           كەمتەر ۋە مۇلايىم بولۇپ سىلىق گەپ قىلىش

 دەۋەتچىنىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلىتى كىشىلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلمايدىغان، كەمتەر، يۇمشاق سۆزلۈك، مۇلايىم بولۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋنى ئىمانغا دەۋەت قىلىشقا ئەۋەتكەندە، ئۇلارغا: ﴿فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ﴾ «ئۇنىڭغا سىلىق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ئەقلىنى تېپىشى ياكى (زۇلۇمنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقىشى مۇمكىن»[6] دېگەن. چۈنكى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە كىرىدىغان يول كەمتەرلىك ۋە چىرايلىق سۆزدۇر. ئەجدادلىرىمىز «چىرايلىق سۆز تاشنى ئېرىتىدۇ» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان.

خەلىپىلەردىن بىرىگە بىر ئۆلىما سەل قوپالراق تىل بىلەن نەسىھەت قىلىدۇ. خەلىپە ئۆلىماغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى زالىم پىرئەۋنگە سىلىق سۆز قىلىشقا بۇيرىدى. سىز مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئەۋزەل ئەمەس، مەنمۇ پىرئەۋندىن ئەسكى ئەمەس. نېمە ھاجەت بار بۇ قوپال گەپكە؟» دەيدۇ.

6.           كۆيۈمچانلىق

  دەۋەت قىلغۇچى كىشىلەرگە، خۇسۇسەن گۇناھكارلارغا ۋايىغا يەتكەن كۆيۈمچانلىق ۋە مېھىر-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. دەۋەت قىلغۇچى نەپرەتنى گۇناھ سادىر قىلغان كىشىلەرگە ئەمەس، بەلكى ئۇلار سادىر قىلغان قىلمىشلارغا قارىتىشى لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بىر ئادەم ھاراق ئىچكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا دەررە ئۇرۇش جازاسى يۈرگۈزۈلگەن. شۇ ئەسنادا ساھابىلەردىن بىرى ئۇ ئادەمگە ئاچچىقلىنىپ: «لەنەت بولسۇن!» دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ قېلىپ، «ئۇنداق دېمە، چۈنكى ئۇ ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەن. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ سۆزىدىن بىر مۇئمىنگە گۇناھى سەۋەبلىك لەنەت ئوقۇماسلىق ۋە ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىگە قاراش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىمىز.

7.          يېڭىلىنىش

دۇنيادا ھەممە نەرسە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئىنسانلا يېڭىلىنىشنى خالىمايدۇ. دۇنيامۇ ناھايىتى تېزلىكتە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان نەرسىلىرىمۇ ۋە قوبۇل قىلىش تەرزىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئاۋۋال ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئاندىن دەۋەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىشى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە ۋە سەۋىيەسىگە مۇۋاپىقلىشىشى زۆرۈر.

ئاللاھ يولىدىكى بىر دەۋەتچىنىڭ ئۆزىنى يېڭىلىشى ھەر كۈنى ئۆزىگە مۇراجىئەت قىلىش، نىيىتىنى توغرىلاش، ئىخلاسىنى يېڭىلاش، بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بولغاندەك، دەۋەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى ۋە ئۇنىڭ زامانىۋى تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بولىدۇ.

بۇ يولدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. چۈنكى زامانىمىزدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە پەن-تېخنىكىلىرى ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا نېمىتى بولۇپ، بۇلاردىن پايدىلىنىش ھەممىمىزنىڭ ھەققىدۇر.

8.          جۈرئەتلىك بولۇش

تارىخ جۈرئەتلىك بولغانلارنى خاتىرىلەيدۇ، قورقۇنچاقلارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. بۇ كىمنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئەمما مېنى قايىل قىلغان سۆز.

جۈرئەت ۋە شىجائەت پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق سۈپىتى بولۇپ، پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى جۈرئەتلىك ۋە شىجائەتلىك بولغان، قارشى چىققۇچىلاردىن قەتئىي قورقۇپ قالمىغان. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ﴿فَاصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ﴾ « ساڭا بۇيرۇلغاننى ئوچۇق _ ئاشكارا جاكارلىغىن، مۇشرىكلارغا پەرۋا قىلمىغىن»[7] دەپ ئەمر قىلغان.

توغرا بولغاننى خەلق نېمە دەپ قالار، دېمەستىن دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش ھەربىر ئۆلىمادىن تەلەپ قىلىنىدۇ. زامانىمىزدا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېگىشلىك كۆپ ئىشلار بار. پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق مەكتەپلەرگە بېرىش، توي-تۆكۈن ئىشلىرىنى ئىسلامىي ئەخلاققا ۋە مىللىي ئەنئەنىگە ئۇيغۇن ئېلىپ بېرىش، ۋەز-تەبلىغلەرنىڭ سۈپىتى ھەققىدە بىر ئىتتىپاققا كېلىش كېرەك.

مىسىرلىق شائىر ئەھمەد شەۋقىي شىجائەت ھەققىدە مۇنداق يازغان ئىكەن:
إن الشجاعة في القلوب كثيرة،
ووجدت شجعان العقول قليلاَ.
قەلبلەردە شىجائەت كۆپتۇر،
ۋە لېكىن ئەقىللاردا ئانچە يوقتۇر.

 

   ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسسالامنىڭ ھەقىقەتنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى كەسكىنلىكىدىن ئىككى ئۆرنەك

1.   ھېيت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مىسىر ھاكىمى نەجمىددىن ئەييۇب قاھىرەدىكى چوڭ قەلئەگە چىقىپ، ئەسكەرلەرنىڭ مانىۋېرىنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتى، ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالام ھاكىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ: «ئەي ئەييۇب! قىيامەت كۈنى ئاللاھ سەندىن ‹مەن ساڭا مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاتا قىلسام، سەن ئۇ جايدا ھاراق سېتىشقا رۇخسەت قىلدىڭمۇ؟› دەپ سورىسا، سەن نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن؟» دەيدۇ. ھاكىم: «بۇ ئىش مەرھۇم دادامنىڭ زامانىسىدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالام ھاكىمغا دادىللىق بىلەن رەددىيە بېرىپ: «سىلەرمۇ خۇددى مۇشرىكلارغا ئوخشاش ‹ئاتا-بوۋىلىرىمىز شۇنداق قىلاتتى، بىزمۇ شۇلارغا ئەگىشىمىز› دەۋاتىسىلەر» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاكىم مىسىردىكى ھاراق دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاقاش توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈرىدۇ. شۇ چاغدا، ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالامنىڭ تالىبلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا : «ھاكىمنىڭ ھەيۋىتىدىن قورقماي ئۇنىڭغا قارشى چىقتىلىغۇ؟» دېگەندە، ئۇ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگەن ۋاقتىمدا، يەر يۈزىنىڭ پادىشاھلىرى كۆزۈمگە چىۋىنچىلىكمۇ كۆرۈنمەيدۇ» دەيدۇ.

2.   ھىجرىيەنىڭ 656-يىلى ئۆز ۋاقتىدىكى ئىسلام پايتەختى باغداد چىنگىزخاننىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، مىسىردىن باشقا ئىسلام دىيارىنىڭ ھەممىسى چىنگىزخاننىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان بولىدۇ. مىسىردا نەجمىددىن ئەييۇب ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەختىگە ئوغلى تۇران شاھ ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي، سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سەيفۇددىن قۇتۇز تەختكە چىقىدۇ ئۇ بارلىق ئۆلىمالارنى، ئەمىرلەرنى توپلاپ يىغىن ئاچىدۇ، يىغىندا چىنگىزخاننىڭ موڭغۇل ئەسكەرلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت ئېلىپ بېرىپ، ئىسلام ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن خەلقتىن ياردەم توپلاش قارار قىلىنىدۇ. ئەمما ئەمىرلەرنىڭ خەزىنىسىدىكى پۇل-مال توغرۇلۇق گەپ-سۆز بولمايدۇ. شۇ چاغدا ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسالام خۇتبە سۆزلەپ، ھاكىمنىڭ ۋە ئەمىرلەرنىڭ خەزىنىسىدىكى پۇل-ماللارنىمۇ ئىسلام ئەسكەرلىرىنى جابدۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۆتىرىدىغان، ئىمانىنى كۈچەيتىدىغان تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاكىم ۋە ئەمىرلەرمۇ ئادەتتىكى خەلققە ئوخشاشلا قول ئىلكىدە بار بولغان مال-دۇنيانى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، قۇتۇز ئەسكەرلىرى ئەينىجالۇت دېگەن جايدا چىنگىزخاننىڭ موڭغۇل قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىر چىنگىزخاننىڭ ئىشغالىدىن ئامان قالىدۇ.

ئەللامە ئىز ئىبنى ئابدۇسسالام ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق شىجائىتى ۋە جۈرئىتى بىلەن «ئۆلىمالارنىڭ سۇلتانى» دەپ نام ئالغان.

 

[1] ساد سۈرىسى: 86- ئايەت.
[2] ئەھزاب سۈرىسى: 21-ئايەت.
[3] مەريەم سۈرىسى: 54- ئايەت.
[4] نەھل سۈرىسى: 125-ئايەت.
[5] ئەھقاف سۈرىسى: 35- ئايەت.
[6] تاھا سۈرىسى: 44- ئايەت.
[7] ھىجر سۈرىسى: 94- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار