ساتقۇنلۇقنىڭ ئاقىۋىتى

ساتقۇنلۇقنىڭ ئاقىۋىتى
مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەرەبلەردە بۇنىڭدىن 15 ئەسىر ئىلگىرىكى ۋاقتىلاردىن بېرى ئەبۇ رىغال ئىسىملىك بىر ئادەم  ساتقۇنلۇقنىڭ بىردىنبىر ئوبرازى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.  تاھازىرغىچە ئەدىبلەر ئەسەرلىرىدە، شائىرلار شېئىرلىرىدە ئەبۇ رىغالغا لەنەت ئوقۇيدۇ.

      «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مىلادىيە بەشىنچى ئەسىردىكى يەمەن پادىشاھى ئەبرەھە ئەرەبلەرنىڭ مەككىگە بېرىپ كەئبىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك قىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق بىئارا بولىدىكەن. ئۇلارنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىكەن، ئەمما ئۇلارنى توسالمايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى مەككىگە بېرىشتىن توسۇش ئۈچۈن يەمەن پايتەختى سەنئا شەھىرىگە بىر كاتتا چېركاۋ بىنا قىلىدىكەن ۋە ئۇنى قۇللەيس چېركاۋى دەپ ئاتايدىكەن.  ئاندىن تۇرماستىن كىشىلەرنى مەككىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا بۇ چېركاۋغا بېرىپ زىيارەت قىلىشقا قاتتىق تەشەببۇس قىلىدىكەن. لېكىن ئادەملەر بۇ چېركاۋغا كۆنمەيدىكەن. بۇ ئارىدا ئەرەبلەردىن بىرى بۇ چېركاۋغا كىرىپ تەرەت قىلىپ قويىدىكەن. بۇنى ئاڭلىغان يەمەن پادىشاھ ئەبرەھەنىڭ غەزەپتىن ئەرۋايى چىقىپ، ئەرەبلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىۋالغان شۇ كەئبىنى يىقىتىپ تاشلاشقا قەسەم قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئەبرەھە مىلادىيە 571- يىلى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلى نۇرغۇن پىللار بىلەن قوراللانغان زور بىر قوشۇن بىلەن مەككىگە قاراپ يولغا چىقىدىكەن. ئەبرەھە كۈچلۈك پادىشاھ بولغانلىقتىن، يول بويى ئۇنىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى چىققان قەبىلىلەر ھەممىسى دېگۈدەك مەغلۇپ بولىدىكەن. قوشۇن ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تائىف شەھىرىگە كەلگىنىدە، تائىف شەھىرىنىڭ ھاكىمى بۇ زور قوشۇنغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇش ۋە مەككىگە ماڭغان قوشۇنغا تەگمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبرەھەنىڭ تەلىپى بىلەن مەككىگە ماڭغان قوشۇنغا يول كۆرسىتىشكە ئەبۇ رىغال دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇلنى تەيىنلەپ ئۇنى قوشۇنغا يول باشلاشقا بۇيرۇيدىكەن. ئەبۇ رىغال كەئبىنى يىقىتماقچى بولغان قوشۇنغا يول باشلاپ ماڭغىنىدا، يول بويى پۈتۈن خەلق ئۇنىڭغا لەنەت ئوقۇيدىكەن، ئۇنى خائىن، ساتقۇن ۋە مۇناپىق دەپ تىللايدىكەن، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدىكەن. قوشۇن تائىفتىن چىقىپ مەككە يولىدىكى  مۇغەممەس دېگەن جايغا كەلگەندە، ئەبۇ رىغال نامەلەم بىر  سەۋەب بىلەن ئۆلىدىكەن ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنىدىكەن. شۇنىڭدىن بىرى تا ھازىرغىچە مۇغەممەس دېگەن شۇ جايدىن ئۆتكەن ھەرقانداق ئادەم ئەبۇ رىغالغا لەنەت ئوقۇپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئەخلەت ۋە گەندىلەرنى تاشلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن».

ئەبرەھە قوشۇنى مەككە يولىدا

    يەنە ئىسلام تارىخ مەنبەلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەبرەھەنىڭ قوشۇنلىرى ھېچبىر قارشىلىقسىز مەككىگە يېتىپ بارىدىكەن. ئۇلار مەككىگە كىرىشتىن ئاۋۋال مەككىنىڭ ئاقساقىلى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى بولغان ئابدۇلمۇتتەلىبكە ئەلچى ئەۋەتىدىكەن. ئەلچى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، يەمەن پادىشاھى ئەبرەھە مەككىگە كىرمەكچى، بىراق ئۇنىڭ مەقسىتى سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى كەئبىنى يىقىتىپ تاشلاشتۇر. شۇڭا سىلەر قارشىلىق كۆرسەتمىسەڭلار سىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، دېگەن ئاساستا ئەلچىلىكنى ئادا قىلىدۇ ۋە ئابدۇلمۇتتەلىبنى ئەبرەھە بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەلچى ئەبرەھەگە ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ مەككىلىك ئەرەبلەرنىڭ ئاقساقىلى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىك بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى تونۇشتۇرىدۇ. ئابدۇلمۇتتەلىب ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە كېلىشكەن بىر ئادەم بولغانلىقتىن، ئۇنى كۆرگەن ئەبرەھە ئۇنىڭغا ئالاھىدە چوڭ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ تەختىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قانداقلا بىر تەلىپى بولسا ئورۇندايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇلمۇتتەلىپ پادىشاھقا: سىزنىڭ ئادەملىرىڭىز مېنىڭ ئىككى يۈز باش تۆگەمنى مۇسادىرە قىلىپ ئېلىۋاپتۇ. شۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭلار، باشقا تەلىپىم يوق، دەيدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەبرەھە ھەيران بولۇپ، ئابدۇلمۇتتەلىبكە:  ئەي ئاقساقال! مەن سېنى خېلى پەزىلەتلىك، ئېسىل ئادەم ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قاپتىمەن. ئەمما سەن ئۇنداق ئەمەسكەنسەن. پۈتۈن مەككىلىكلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەرەبلەر ئۇلۇغلاپ كەلگەن كەئبىنى يىقىتىپ تاشلايمەن دەپ تۇرسام، سەن ئۇنى تىلىۋالماي، ئىككى يۈز تۆگەڭ بىلەن قالغىنىڭنى قارىمامسەن؟ دەيدۇ. ئابدۇلمۇتتەلىب پادىشاھقا: تۆگىلەر ماڭا ئائىت شۇڭا ئۇنى مەن قوغدىشىم كېرەك. ئەمما كەئبە ئاللاھقا ئائىت، ئۇنى ئۆزى قوغدايدۇ، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەبرەھە ئابدۇلمۇتتەلىبكە ئىككى يۈز تۆگىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئەمر قىلىدۇ ۋە كەئبىنى يىقىتىش ئۈچۈن يولىغا  داۋام قىلىدۇ».

كەئبىنى يىقىتماقچى بولغان قوشۇننىڭ ئاقىۋىتى

   يەنە مەزكۇر تارىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئەبرەھە قوشۇنى پىللارنى ئالدىغا سېلىپ كەئبىنى يىقىتىشقا كىرىشىدۇ. ئەمما پىللار كەئبىنىڭ يېنىغا كېلىپ بولۇپ، ئالدىغا ئىلگىرلىمەستىن تۇرىۋالىدۇ. ئەسكەرلەر پىللارنى ئۇرىدۇ ۋە ئالدىغا مېڭىشقا چاقىرىدۇ. ئەمما پىللار تۇرغان يېرىدىن قوزغالمايدۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىردىنلا ئاسماندا  توپ-توپ قوشلار پەيدا بولىدۇ ۋە بۇ قۇشلارنىڭ ھەربىرى ئاغزىدىن تاشلار ياغدۇرۇپ، ئەبرەھە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىپ تۈگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەئبە ئەبرەھە قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ. شۇ ۋەقەلىك ھەققىدە قۇرئان كەرىمدىن مۇنۇ ئايەت چۈشىدۇ: «رەببىڭنىڭ پىل ئىگىلىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟  ئۇ ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىنى بەربات قىلمىدىمۇ؟  ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ ـ توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى. قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئېتىپ، ئۇلارنى چاينىۋېتىلگەن ساماندەك قىلىۋەتتى».

بۇ قىسسىدىكى ئىبرەتلەر

بۇ قىسسىدە ئۈچ چوڭ ئىبرەت بار.

1. ئۆز ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان، دۈشمەنلەر بىلەن ھەمكارلاشقان ساتقۇنلار قەۋم- قېرىنداشلىرىنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ تىلىدا مەڭگۈلۈك لەنەتكە قالىدۇ. 

2. ئاللاھقا قارشى چىققانلار ئىبرەتلىك ھالدا جازالىنىدۇ. چۈنكى كەئبە ئاللاھنىڭ ئىبادەت ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن ئۆيىدۇر. ئۇنى يىقىتماقچى بولغان ئەبرەھەنىڭ نابۇت بولغانلىقى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئاللاھنىڭ دىنىغا قارشى چىققانلار چوقۇم مەغلۇپ بولىدۇ. پىرئەرۋەن، قارۇن، ئەبۇ جەھل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىغا قارشى چىقىپ ئاخىرى ئۆزلىرى مەغلۇپ بولغان.

3. مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىشەنچنىڭ يوقۇلىشى، مەنىۋىيەتنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ۋە ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدۇ


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار