پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەر
مۇھەممەد يۈسۈپ

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئوبدان تەتقىق قىلىدىغان بولساق، ئەلۋەتتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بارلىق ھايات ساھەلىرىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەڭ مۇكەممەل ئۆرنەك ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىمىز. ئەپسۇسكى، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقى تارىختىن بېرى ئىسلام تارىخىدىن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن پەقەتلا ئۇرۇش مەيدانلىرىنىلا ئۈلگە قىلىپ كەلگەن. شۇڭا ئىسلام تارىخى دېيىلگەن ھامان ھەممە كىشىنىڭ ئەقلىگە جىھاد مەيدانلىرى كېلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى دېيىلگەن ھامان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غازاتلىرى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام تارىخى ئۇرۇشلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى قوراللىق جىھاد بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئىسلام تارىخى ئىنسانىيەتكە نۇرغۇنلىغان ئېسىل خىسلەتلەرنى ئۆگەتكەن، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىر- قىممىتىنى كۆتۈگەن، ئىنسانىيەتكە ئىلىم – ئىرپان ۋە مەدەنىيەت ياراتقان ئۇلۇغۋار تارىخ بولغىنىدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ رەھىم – شەپقىتى بىلەن قۇچاقلىغان، ئۇلارغا گۈزەل ئەخلاق، پەزىلەتلەرنى ئۆگەتكەن بىردىنبىر ئۈلگىلىك ھايات ئىدى. ئۆلىمالار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىھاد قىلغان چاغلىرىنى ئۇنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىغا چاچقاندا، ئۇنىڭ جىھاد مەيدانلىرىدىكى ھاياتى ئىككى ئايدىن ئاشمايدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى ئۆگىتىدىغانلار، سۆزلەيدىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە سوۋغا قىلغان نۇرغۇنلىغان ئۈلگىلىك تەرەپلىرىنى قويۇپ، ئۇنىڭ جىھادلىرىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقىنى تەرىپلەپ: «رەسۇللۇللاھنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى»دېگەن. ھەقىقتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتا، ئىبادەتلەرنى ئورۇنداشتا، ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتا، بارچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا مۇئمىنلەر ئۈلگىسى ئىدى. ئۇ گۈزەل ئەخلاق جەھەتتىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق ئىش _ ئىزلىرىدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا تېخىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ:

  1. ئاللاھ تائالاغا قارىتا ئەخلاقى

  2. ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەخلاقى

  3. مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئەخلاقى

  4. ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا ئەخلاقى

  5. بالىلارغا قارىتا ئەخلاقى

  6. دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئەخلاقى

  7.ئۇرۇش ئەسناسىدىكى ئەخلاقى

  8. ھايۋانلارغا قارىتا ئەخلاقى

  9. مۇھىت ۋە تەبىئەتكە قارىتا ئەخلاقىي

  10. سۆھبەتداشلىرىغا قارىتا ئەخلاقى

1. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانى ئەڭ ياخشى تونۇغان، ئۇنى ھەقىقىي مەنىدە قەدىرلىگەن ۋە ئۇنىڭغا بولغان بەندىچىلىك بۇرچىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن زات ئىدى. ئۇ ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلايتتى، ھەمىشە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدلىنىش ۋە غەزىپىگە ئۇچراشتىن ھەزەر ئەيلەشتىن ئىبارەت تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايتتى. دۇنيالىقتىكى ھەممە قىممەتلىك نەرسىسىنى، ھەتتاكى پۈتۈن ھاياتىنى  ئاللاھنىڭ يولىغا ئاتاشتا ئىنسانىيەتكە ئۈلگە ئىدى.

ئاللاھتىن كەلگەن خۇشاللىق ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلاتتى، ئاللاھتىن كەلگەن مۇسىبەت ياكى غەم – قايغۇ ئۈچۈن ئاللاھتىن سەۋر تىلەيتتى. ئاللاھ ئاتا قىلغان قىسمەتكە كۆڭلىدىن رازى بولاتتى. ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان تۇرۇپمۇ، كېچىلىرى ئاللاھقا ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى.

2. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەخلاقى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئىمان ئېيتقان ۋە ئېيتمىغان پۈتۈن ئىنسانلارغا رەھىم _ شەپقەت، كەڭچىلىك، كەچۈرۈم، ئازادىلىك ۋە ھۆرلۈكنى دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ تەشۋىق قىلغان ھەم ئەمەلىيىتى بىلەن تەتبىق قىلغان زاتتۇر. ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى سۆيگەنلىكىدىن ھەمىشە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىپ نىجاتلىققا ئېرىشىشىگە تىرىشاتتى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق تىلەيتتى. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى دۈشمەنلىرىمۇ بىردەك تەرىپلىشەتتى.

3. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئەخلاقى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارغا ئەڭ مېھرى – شەپقەتلىك، ئەڭ كۆيۈمچان زات ئىدى. «قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭ ئەخلاقىنى ئالاھىدە مەدھىيەلەپ: ﴿وَإِنَّكَ لَعَلَى خُلُقٍ عَظِيْمٍ﴾ يەنى ﴿سەن ھەقىقەتەن يۈكسەك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾([1]) دېگەن.

«قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان گۈزەل ئەخلاقىنى ماختاپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَبِمَا رَحْمَةٍ مِّنَ اللّهِ لِنْتَ لَهُمْ وَلَوْ كُنْتَ فَظًّا غَلِيْظَ الْقَلْبِ لاَنْفَضُّواْ مِنْ حَوْلِكَ﴾ يەنى ﴿ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى﴾([2]) .

4. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە قارىتا ئەخلاقى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەڭ ئۈلگىلىك بىر ئەر، ئەڭ شەپقەتلىك بىر ئاتا ۋە ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچان بىر ئائىلە باشلىقى ئىدى. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ساھابىلەرنىڭ: «ئاياللارغا مېھرىبانلىق قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئارتۇق بىراۋنى كۆرمىدۇق»([3]) دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىمۇ بۇ ياخشى ئەخلاققا چاقىرىپ: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار، ئۆز ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر. مەن ئۆز ئەھلىگە ئەڭ مېھرىبان كىشىڭلارمەن»([4]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۆلەتنىڭ رەئىسى، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلارنىڭ رەھبىرى، ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانى، مەسجىدتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىماملىقى قاتارلىق ئېغىر يۈكلەر ۋە مەسئۇلىيەتلەر ئۈستىگە يۈكلەنگەن تۇرۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىنى جايىدا ۋە تولۇق ئورۇندىغاننىڭ سىرتىدا، ئائىلىسى ئېھتىياجلىق بولغان سۆيگۈ _ مۇھەببەت، ئۆي ئىشلىرىدا ئاياللىرىغا ياردەملىشىش، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە دەرتلىرىنى ئاڭلاشقا ۋاقىت ئاجرىتىش ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بۇرچىنىمۇ ھېچ ئۇنتۇپ قالمايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارنىڭ ئىسلام دىنىدىكى قەدىر _ قىممىتىنى ناھايىتى ياخشى بىلگەن ۋە ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكتىن، ئۆي ئىشلىرىدا ئاياللىرىغا ياردەملىشەتتى، ئۇلارغا ئېغىرلىق سالمايتتى، ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزى ياماپ، بەزىدە ئۆزى يۇيۇپ كىيەتتى، يېمەك _ ئىچمەكلىرىنى كۆپ ھاللاردا ئۆزى تەييارلايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرى توغرۇلۇق سورالغىنىدا: «رەسۇلۇللاھ ئۆيدە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش بىر ئىنسان ئىدى، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى يامايتتى، ماللىرىنى ساغاتتى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى»([5]) دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە بىر قېتىم «رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە نېمە ئىش قىلاتتى؟» دەپ سورالغىنىدا: «رەسۇلۇللاھ ئۆيىدە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بولاتتى، ناماز ۋاقتى كەلگەن ھامان مەسجىدكە چىقىپ كېتەتتى»([6]) دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى ئالدىدا  بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەرلىرىمىز نەدە؟ «ئەر كىشى تاماق ئەتسە بولمايدۇ»، «ئەر كىشى كىر يۇيۇسا بولمايدۇ» ۋە «ئەر كىشى بالا باقسا بولمايدۇ» دېگەنلەرنى كىم ئېيتىپتۇ؟ بىز پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشەمدۇق ياكى ئىسلام ئەخلاقىغا يات كېلىدىغان ناچار ئادەتلىرىمىزگىمۇ؟!

قولىدا بالىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ياكى ئوچاق بېشىغا كەلگەن ئەرنى ئەيىبلەيدىغان ناچار ئادەتنىڭ ھازىرمۇ بەزى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ۋە سەسكىنەرلىك ئىش.

5. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلارغا قارىتا ئەخلاقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كىشىگە ئۇنىڭ ئەقلى ۋە سەۋىيەسىگە مۇناسىپ مۇئامىلىدە بولاتتى. بالىلارنى ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. بالىلارنىڭ قىينىلىپ قېلىشىغا زادى چىداپ تۇرالمايتتى. ھەمىشە يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلايتتى. بەزىدە بالىلارنىڭ ئەقلىگە ماسلىشىپ ئۇلار بىلەن ئويۇن ئوينايتتى. بالىلارمۇ بۇ ئۈلگىلىك پەيغەمبەرنى ئۆز ئاتا – ئانىسىدىنمۇ بەك سۆيەتتى ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى تىلەيتتى. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا : «يا رەسۇلۇللاھ! سىز بالىلارنى سۆيىدىكەنسىز، مېنىڭ ئون بالام بار، ھازىرغىچە بىرىنىمۇ سۆيۈپ باققىنىم يوق» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تاش يۈرەكلىكىگە ئېچىنىپ: «كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلمىغانلارغا ئاللاھ رەھىم قىلمايدۇ»([7]) دېگەن.

6. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارىتا ئەخلاقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۈشمەنلىرىگىمۇ ناھايىتى مېھرى _  شەپقەتلىك زات بولغانلىقتىن، ئۇلار ئىچىدىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى. دۈشمەنلىرى ئۇنىڭ چاقىرغان دىنىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى، راستچىللىقىنى ۋە ئىنسانىيەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مېھرى – شەپقەت، رەھىمدىللىك ، ئادالەت ۋە باشقا بارلىق ئېسىل سۈپەتلەرنىڭ ئۇنىڭدا مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى ئىقرار قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئىنسان چىداپ تۇرالمايدىغان ئېغىر زۇلۇملارنى سالغان، ئۇلارنى ئەڭ ۋەھشىي قىيىن – قىستاقلارغا ئالغان، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇنى ئاز دەپ ئۇلارنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى خالىغانچە تالان-تاراج قىلغان، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان قۇرەيش قەبىلىسى باشچىلىقىدىكى مەككىلىك ئەرەبلەر مەككە ئازاد بولغان كۈنى بىر تەرەپتىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى قانداق ئېغىر جازالارغا تارتىدىغانلىقىنى كۈتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مېھرى – شەپقىتى ھەممىگە ئومۇم بولغان بۇ ئۇلۇغ زاتنىڭ شەپقىتىگە تەلمۈرۈپ، قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە تۇرۇشقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى: «تارقىلىڭلار، ئازاتسىلەر!» دېگەنلىكى، مەككىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن بىرى بولغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئىسلام دىنىغا قاتتىق ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە بارچە ئېغىر جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆتكۈزگەننىڭ سىرتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى زەينەب رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئۇرۇپ قورسىقىدىكى بوۋىقىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ھىبار ئىبنى ئەسۋەد دېگەن ئادەمنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكى ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كەچۈرۈم بولغانلىقتىن، ئەرەبلەر توپ – توپ بولۇپ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسلام دىنىغا كىرىشكە باشلىغان ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان.

7. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇرۇش ئەسناسىدىكى ئەخلاقى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەسىلىنى ئۇرۇشسىز ھەل قىلىشقا تىرىشاتتى. پەقەت ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا چارە قالمىغان ياكى دۈشمەنلەر بېسىپ كەلگەن ۋاقىتتىلا ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئۇرۇشقا چىقىشتىن ئاۋۋال مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگە يول يورۇق بېرىپ: «سىلەرگە تىغ تەڭلىمىگەنلەرنى، ياشانغانلارنى، ئاياللارنى، بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار! زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماڭلار، دۈشمەنلەرنىڭ بەدەنلىرىنى پارچىلىماڭلار، ئەسىرلەرنى خورلىماڭلار» دەپ جېكىلەيتتى.

8. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايۋانلارغا قارىتا ئەخلاقى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەپقىتى ئىنسانلارغىلا ئەمەس، بەلكى ھايۋانلارغىمۇ ئورتاق ئىدى . نان، سۇ بەرمەستىن باغلاپ قويغانلىقى تۈپەيلى ئۆلگەن بىر مۈشۈك سەۋەبلىك بىر ئايالنىڭ دوزىخى بولۇپ كەتكەنلىكىنى، بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ئۇسسۇزلۇقتىن تىلىنى چىقىرىپ تەلمۈرۈپ تۇرغان بىر ئىتنى ئۆتۈكىنى سېلىپ، قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ سۇغۇرغانلىقى ئۈچۈن جەننىتى بولۇپ كەتكەنلىكىنى مۇسۇلمانلارغا سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق بارلىق جانلىقلارغا رەھىم – شەپقەت قىلىشنى ئۆگەتكەن زات مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

بىر ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىق تۈپەيلى بىر ئايالنىڭ دوزاخقا، يەنە بىر ھارام ھايۋاننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قويغان بىر بۇزۇق ئايالنىڭ بۇ ياخشىلىقى ئۈچۈن جەننەتكە لايىق بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئاددىيغىنا قىسسە چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، بىزگە شەپقەتنىڭ ئاللاھ تائالا دەرگاھىدا قانچىلىك كاتتا ئورنى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن.

پەيغەمبىرىمىز ھايۋانلارنى بۇغۇزلىغاندىمۇ ئۇلارغا رەھىم شەپقەت كۆرسىتىشنى بۇيرۇغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھەممە نەرسىگە رەھمەتنى پۈتۈۋەتكەن. مال بوغۇزلىغاندا، مالنى قىينىماستىن ياخشى بوغۇزلاڭلار». بىر ئادەمنىڭ پىچاقنى قوينىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۆلىگەنلىكىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا: «پىچاقنى مالغا كۆرسەتمە! ئۇنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟» دەپ كايىغان.

9. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھىت ۋە تەبىئەتكە قارىتا ئەخلاقىي
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇھىت تازىلىقىنى ۋە تەبىئەت ساپلىقىنى ساقلاشقا ئەڭ زور ئەھمىيەت بەرگەن زات بولۇپ، «پاكىزلىق __ ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن پىرىنسىپنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئۆي ئىچىنى، كىيىم – كېچەكلەرنى، يېمەك – ئىچمەكلەرنى ۋە بەدەننى پاكىز تۇتۇشقا بۇيرۇغان، ناماز ئوقۇش، «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىش، كەبىنى تاۋاپ قىلىشقا ئوخشىغان ئىبادەتلەرنى تاھارەتتىن ئىبارەت پاكىزلىق بىلەن ئورۇنداشقا، كۆپچىلىك توپلىشىدىغان سورۇنلارغا يۇيۇنۇپ، خۇشبۇيلارنى سۈرتۈپ بېرىشقا ئەمر قىلغان ئىدى.

ئۇندىن باشقا ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلارنىڭ مەككىنىڭ دەل – دەرەخلىرىنى، ئۆسۈملۈكلىرىنى ۋە زىرائەتلىرىنى كېسىشتىن ۋە يۇلۇشتىن مەنئى قىلغانلىقى، ئۇرۇش ئەسناسىدا ئەسكەرلەرنىڭ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلماسلىقىنى، دەل _ دەرەخلەرنى كەسمەسلىكىنى ۋە ئوت قويماسلىقىنى قاتتىق جېكىلىگەنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبىئەتنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئاسراشقا قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

10. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبەتداشلىرىغا قارىتا ئەخلاقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئالىي پەزىلىتى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن سۆھبەتداشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئادەم قايتا سۆھبەتلىشىشنى ئارمان قىلاتتى. قىسقىسى، ئۇنىڭ سۆھبىتىگە تويمايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەيتتى ۋە بۇنداق قىلىشنى ئەخلاقسىزلىق دەپ بىلەتتى. سۆزلەۋاتقان كىشىدىن ھېچ ۋاقىت يۈزىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇمايتتى. ئۇنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايتتى. قارشى تەرەپنىڭ ئەدەپسىزلىكىگە ھەرگىزمۇ ئاچچىقلاپ قالمايتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن كىچىك پېئىل ۋە تولىمۇ كەمتەر زات بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا __ باشقا مىللەتلەر كاتتىلىرىغا ئورنىدىن تۇرغاندەك__ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشىنى ياقتۇرمايتتى. ئولتۇرغاندا ئادەتتىكى كىشىلەردەك قەيەردىن ئورۇن تەگسە شۇ يەردە ئولتۇراتتى. ئالاھىدە بولۇۋالمايتتى. شۇڭا بىرەر ناتونۇش كىشى رەسۇلۇللاھنى ئىزدەپ كەلسە: پەيغەمبەر ئەلەيىھسسالام قايسىڭلار؟ دەپ سورايتتى. پەيغەمبىرىمىز ئاجىزلارنى ۋە كەمبەغەللەرنى خور كۆرمەيتتى، ئۇلارنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلايتتى. (پېقىرنىڭ «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى).

 



([1]) 68- سۈرە قەلەم 4- ئايەت
([2]) 3- سۈرە ئال ئىمران 159- ئايەت
([3]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
([4]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى
([5]) ئىمام ئەھمەت رىۋايىتى
([6]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
([7]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار