تەپسىر جەۋھەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىشى ئاپتورى:مۇھەممەت يۈسۈپ مىكروفۇن ئالدىدا:قارىخان тәпсир җәвһәрлириниң рояпқа чиқиши аптори:муһәммәт йүсүп микрофун алдида:қарихан

 

«تەپسىر جەۋھەرلىرى»نىڭ روياپقا چىقىشى

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر! جانابى ئاللاھ ئىگەم ھەممىڭلارغا ئوقۇغانلىرىڭلاردىن نەپ ئېنىشنى ۋە ئەمەل قىلىشنى نېسىپ قىلغاي، ئامىن.

«تەپسىر جەۋھەرلىرى» نەشردىن چىققاندىن كېيىن، ئوقۇرمەنلىرىمىز ئارىسىدىن ئۇنىڭ روياپقا چىقىش جەريانىغا قىزىقىدىغانلار خېلى كۆپ بولدى، ھەتتا بەزىسى بۇ تەپسىرنىڭ بۇ ھەقتە ئايرىم يازما يېزىپ شۇ قىيىن جەرياننى يورۇتۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. پېقىر شۇ سەۋەبتىن قەلەم تەۋرىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

قۇرئان كەرىم بىزنىڭ ھايات دەستۇرىمىز ۋە يول خەرىتىمىز. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېيتقانداق «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن ئادەمدۇر». بالىلىق چاغلىرىمدا دادامنىڭ نامازدىكى قىرائىتى، ئانامنىڭ ھەر جۈمە كۈنىدىكى كەھف سۈرىسىنى ئۈنلۈك ئوقۇغان مۇڭلۇق ئاۋازى مېنىڭ يۇمران دىلىمغا قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەببىتىنى سالغان ئىدى. مەنمۇ شۇنداق مۇڭلۇق ئوقۇشنى ئۆگىنىشكە بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتىم. مەن 5 ياشقا كىرگەن چېغىمدا رەھمەتلىك ئانامنىڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يان كوچىدىكى قوشنىمىز ئايشەمخان خەلپەمگە «بالامغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىپ قويغايلا» دەپ بىر داستىخان ھەدىيە بىلەن ئېلىپ بارغانلىقى، ئەمدىلا 12 ياشقا قەدەم باسقان كۈنلىرىمنىڭ بىر ئاخشىمى رەھمەتلىك دادامنىڭ تام قوشنىمىز مۇھەممەد قۇربان قارىھاجىمغا قولۇمدىن تۇتۇپ ئەكىرىپ، «بالامنى قارىي قىلىپ بەرگەيلا»دەپ ئۆتۈنگەنلىكى ھېلىھەم ئېسىمدە.

قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەببىتى قەلبىمدە ئەنە شۇنداق ئورۇن ئالدى. شۇنداق قىلىپ، 12 يېشىمدا قۇرئان كەرىمنى يادلاشقا باشلىدىم. ئۇ چاغدا مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتاتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن كۈندۈزى مەكتەپكە بېرىپ، ئاخشىمى مەدرىسىگە بارىدىغان بولدۇم.

1984- يىلى قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ بولدۇم. رەھمەتلىك ئانام مېنىڭ ناھىيەلىك چوڭ جامىدە تۇنجى قېتىم خەتمە ئۆتىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ناھايىتى بەك خۇشال بولغان ۋە رامىزاننى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئىدى. ئەپسۇسكى، شۇ يىلى رامىزانغا 40 كۈن قالغاندا ئانام پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە تۇيۇقسىز كېتىپ قالدى. پېقىر تۇنجى خەتمىنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇستازىم مەرھۇم مۇھەممەد قۇربان قارىھاجىم: «ئوغلۇم! ئەمدى سەن مېنىڭ ئىمتىھانىمدىن ئۆتۈپ بولدۇڭ. بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم ئىشىڭ سەن يادلىغان مۇشۇ قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلىش ۋە پەرزەنتلەرگە ئۆگىتىشتۇر. شۇڭا سېنى شەھەرنىڭ راھىتىدىن يىراق بىر يېزىغا ئەۋەتىمەن، شۇ يەردە ناھىيە بويىچە ئەڭ كاتتا ئالىم ئىمىن ھاجىمدا ئوقۇيسەن» دەپ ماڭا ئىجازەت بەردى.

شۇنىڭ بىلەن ئارال يېزىسىغا بېرىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيگە بارغىلى قوياتتى. تالىپلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقتىن ھۇجرىلارغا سىغىشمايتتۇق، كېچىلىرى بىر يېرىم غېرىچتىن يەر تېگەتتى، تىزىلغان سەرەڭگىدەك ياتاتتۇق ۋە تۈپتۈز ياتقان پېتى قوپاتتۇق. ئۇستازىمىز ھەر جۈمە كۈنلۈكى قۇرئان كەرىمدىكى قىسسىلەردىن سۆزلەپ بېرەتتى، بىز بەكمۇ قىزىقىپ ئاڭلايتتۇق. بىر كۈنى ئەسھابۇلكەھفنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. چوڭ تالىپلاردىن بىرى «ئۇستاز بەك ياخشى قىسسىلەرنى سۆزلەپ بەردىلە، مۇمكىن بولسا ھەر جۈمە كۈنى قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىپ بەرگەن بولسىلىكەن» دېۋىدى. ئۇستازىمىز: «ياق، قۇرئان نەدە، مەن نەدە؟ مەن تەپسىر قىلالمايمەن» دېدى. بۇنىڭ ئاڭلاپ مېنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىم يەر بىلەن يەكسان بولغاندەك بولدى. چۈنكى مەن قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىمەن دەپ بۇ يېزىغا كېلىپ، مىڭ جاپادا ئوقۇۋاتسام، ئەمدى بۇ ئۇستاز مەن تەپسىر قىلالمايمەن دەپ تۇرسا، قانداق قىلارمەن، دەپ ئەنسىرىدىم. ئاندىن چوڭ تالىپلاردىن ئۇستازنىڭ بۇ گېپى توغرۇلۇق سورىسام، ئۇلار: «ئۇستاز تەپسىر قىلالايدۇ. ئەمما ئېھتىيات قىلامدۇ ياكى كەمتەرلىكمۇ بىلمىدىم زادى تەپسىر قىلغىلى ئۇنىمايدۇ» دېدى. شۇ كۈندىن باشلاپ چەتئەلگە چىقىشنى ۋە ئالىي ئىسلام يۇرتلىرىدا ئوقۇپ قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىشنى ئۆزۈم ئۈچۈن غايە قىلدىم. گەرچە بۇرۇن يۇرتۇمدىن ئايرىلىشقا قىيالماي چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئانچە قىزىقمىغان بولساممۇ، بۇ قېتىم ئۇنى رەسمىي پىلانلىدىم ۋە ھەج سەپىرىگە تەييارلىنىۋاتقان مەرھۇم ئۇستازىم مۇھەممەد قۇربا قارىھاجىمغا يالۋۇرۇپ ماڭا چەتئەلگە چىقىشىم ئۈچۈن بىرەر دۆلەتنىڭ چاقىرىقىنى ئېلىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدىم. تەلىيىمگە يارىشا ئۇستازىم 1984- يىلىنىڭ ئاخىرى ھەجدىن قايتىپ، پاكىستاننىڭ چاقىرىقىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

1986- يىلى پاكىستان ئارقىلىق ھەرەمگە يېتىپ باردۇق. ھەج ئىبادىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كېرىيەدىن مەن بىلەن چىققان 48 كىشى ۋەتەنگە قايتىشتى، ئۇلار مېنى قويۇپ كېتىشكە قىيالماي كۆز  ياشلىرىنى تۇتالمىدى. شۇنىداق قىلىپ، پېقىر مەككىدە يالغۇز قالدىم. بۇ ئارىدا مىسىرغا بارىدىغان دوستلار بىلەن ئۇچراشتىم. ئاخىر بىز 13 كىشى شۇ يىلى 9- ئايدا مىڭبىر جاپا بىلەن قاھىرە شەھىرىگە يېتىپ باردۇق.

مىسىردا ئەزھەر بىلىمگاھىغا ئوقۇشقا كىرىشمۇ ئوڭاي بولمىدى. بىزدىن بۇرۇن بارغان دوستلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئوقۇشقا كىرگەن بولدۇق. ئەزھەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپ، مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئاۋام خەلققە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىسىنى، ئاللاھ تائالانىڭ مەقسىتىنى توپتوغرا، ئۇدۇللا كۆرسىتىپ بېرىدىغان، چۈشىنىشلىك بىر تەپسىرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. لېكىن ئۇ چاغلاردا بۇنداق بىر تەپسىرنى يېزىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم. چۈنكى، «قۇرئان كەرىم» نى تەپسىر قىلىپ ئۇنىڭ مەقسەت- مۇددىئالىرىنى توغرا شەكىلدە چۈشەندۈرۈش يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدىم. چۈنكى، دەسمايەم ئاز، سەۋىيەم تۆۋەن، تەجرىبەم يېتەرسىز ئىدى. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىلىرىنى ھەركىم ئاسانلا چۈشىنەلەيدىغان ئاددىي سۆزلەر بىلەن كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك ۋە ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىرەر تەپسىرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى ئويلىدىم. ئەمما  مەكتەپنىڭ دەرسلىرى، قوشۇمچە ماتېرىياللارنى ئوقۇپ ئۆزۈمنى يېتىشتۈرۈش دېگەندەك ئىشلار بىلەن مىسىردىكى ئوقۇشۇم پۈتتى. تەپسىر ھەققىد ئويلىغانلىرىم ئەمەلگە ئاشماي شۇ پېتى قالدى.

1993- يىلى 6- ئايدا ئەزھەرنىڭ شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر قانچە دوستلار بىلەن تۈركىيەگە كەلدۇق. شۇ يىلى ۋەتەنگە قايتتىم ۋە ئۈرۈمچىدە مەرھۇم ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم بىلەن كۆرۈشتۈم. چۈنكى ئۇ كىشى 1991- يىلى مىسىرغا بارغىنىدا ئوبدان تونۇشۇش پۇرسىتىمىز بولغان ئىدى. شۇ چاغدا بىزنى ۋەتەنگە دەۋەت قىلغان ۋە ئۆزى بىلەن ئۇچرىشىشنى ئېيتقان ئىدى. داموللاھاجىم مېنى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئېنىستىتوتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىشىمىنى تەلەپ قىلدى. مەن كېرىيەگە قايتىپ ئۆيدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاب بېرەي دەپ يۇرتۇمغا قايتتىم. ئۆيدىكىلەر مېنى يەنىلا مىسىرغا قايتىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۈرۈمچىدە قېلىشىمنى قوبۇل قىلمىدى. شۇ يىلى يازدا ئۇكا-سىڭىللىرىمغا ئەللامە سەييىد سابىقنىڭ «ئىسلام ئەقىدىسى» ناملىق كىتابىنى ئۈچ ئاي ئۆگەتىىم. مەكتەپلەرنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۆيدىكىلەر مېنى چىقىپ كېتىشكە ۋە يەنىلا ئوقۇش ۋە ئىزدىنىش بىلەن بولۇشقا تەرغىب قىلدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ يىلى 9- ئايدا ۋەتەندىن ئايرىلدىم. ئۇكا-سىڭىللىرىمغا ئۆگەتكەن كۈندىلىك دەرسلەرنى يېزىپ ۋە سوئاللىرىنى چىقىرىپ ماڭغان ئىدىم. ۋەتەندىن ئايرىلىدىغان چاغدا بۇ قوليازمىنى ئېلىپ چىقتىم ۋە مىسىردا، كېيىنچە تۈركىيەدە ئۇنى تاماملاپ،  1994- يىلى «ئىسلام ئەقىدىلىرى» ناملىق كىتابنى نەشرگە تەييارلىدىم.

1993- يىلىنىڭ ئاخىرى مىسىردا ئاز ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن ماجىستىرلىق ئوقۇشنى تۈركىيەدە ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئىستانبۇلغا قايتتىم. ئىستانبۇلدا ئالىي مەكتەپكە تىزىملىتىپ قويۇپ ساقلىدىم، ئەمما جاۋاب كەلمىدى. شۇ ئارىدا مىسىردا بىللە ئوقۇغان تۈرك ساۋاقداشلىرىم مېنى ئىستانبۇل ئۈسكۈداردىكى قۇرئان كۇرسىدا خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 1994- يىلىنىڭ بېشىدىن 1995- يىلىنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئاشۇ قۇرئان كۇرسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار، قىرغىز قاتارلىق بالىلارغا ئەرەب تىلى ۋە قۇرئان ئۆگىتىش بىلەن بولدۇم.

1995- يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىردا تۈركىيەدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا بارىدىغان تۈرك مۇئەللىملەر بىلەن قازاقىستانغا بېرىش تەكلىپى كەلدى. ئەمما مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ماجىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئوقۇش ئۈچۈن جاۋاب كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىمنى ئېيتقىنىمدا، ئۇلار ئالمۇتىدىكى ئۇنۋېرستېتتا ئەرەب تىلى دەرسلىكلەر بار. شۇ يەردە ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېدى. شۇنىڭ بىلەن قازاقىستانغا كەتتىم. ئەمما ئۇلار مېنى ئالمۇتىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىسىك دېگەن ناھىيەدىكى «قازاق-تۈرك شەرقىيەت ئىنىستىتۇتى»غا تەيىنلىدى. ئۇ جاي ماڭا بەكمۇ غۇربەتچىلىك تۇيۇلدى. ئەمما ئەڭ ياخشىسى دوستۇم ۋە ساۋاقدىشىم ئابدۇلئەھەد ھاپىز ئۇ جايدا بار ئىكەن. بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم. ئىنىستىتۇتنىڭ دەرسلىرى ئەتىگەن سائەت  9 دىن كەچ سائەت 5 كىچە داۋاملىشاتتى. دەرسكە تەييارلىق قىلىش ۋە دەرس ئۆتۈش دېگەندەك ئىشلار بىلەن بىر كۈن تولۇق كېتەتتى. شۇڭا مېنىڭ ئالمۇتىغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىم بولمىدى. ماڭا ئۆزۈمنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كىتاب ئوقۇش ۋە يېزىش جەريانىدا ئىزدىنىشتىن باشقا پۇرسەت بولمىدى.

1995- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتىم، ئۇزۇنغا قالماي «ئۇيغۇر ئاۋازى» ۋە «يېڭى ھايات» گېزىتلىرى تەھرىرات بۆلۈمىدىكى پېشقەدەم قەلەم ئىگىلىرى بىلەن تونۇشتۇم ۋە ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ ئىككى گېزىتقا ھەپتىلىك ماقالە يېزىشقا ۋەدە بەردىم. شۇ ئايدىن باشلاپ ھەر ئىككى گېزىتقا دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ماقالىلەرنى يېزىشقا باشلىدىم. بىرىنچى ماقالەم «ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئەقىلنىڭ كامالىتىدۇر» دېگەن ماقالە ئىدى. بۇ ماقالە تارقالغان كېيىن قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردىكى مەسجىدلەرنىڭ نامىدىن بۇ ئىككى گېزىتقا مۇشتەرى بولۇش دولقۇنى قوزغىلىپ، گېزىتلەرنىڭ تراژى ئالاھىدە ئېشىشقا باشلىدى. چۈنكى، مەزكۇر ئىككى گېزىتقا تۇنجى قېتىم «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دەپ باشلانغان دىنىي ماقالىلەر يېزىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي قىرغىزىستاندىن مەرھۇم ئابدۇلمەجىد قارىھاجىم، ئالمۇتا قىزىل غەيرەت يېزىسىدىن مەرھۇم يولداش مۇھەممەد ئاكا، قەينەزەر مەھەللىسىدىن ئوسمان قارىھاجىم ئاكا قاتارلىق كىشىلەر ئىسىكتىكى ئىنىستىتۇتقا كېلىپ مېنى تەبرىكلىدى ۋە يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى تەۋسىيە قىلىشتى. 2001- يىلى مەزكۇر ئىككى گېزىت تەھرىرات بۆلۈمى شۇ چاققىچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىمنى توپلاپ، «بۇ بىزنىڭ دىنىمىز» ۋە «دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى» دېگەن ئىسىم بىلەن ئىككى توم ھالىتىدە نەشر قىلىپ تارقاتتى.

1996- يىلى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ۋە گېزىت مۇھەررىرلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «ناماز ئوقۇش قائىدىسى» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، بارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە تارقاتتۇق. ھازىرغىچە بۇ ئەسەر 18 قېتىم نەشر قىلىنىپ بولدى.

1997- يىلى قازاقىستان خەلقىنىڭ ئائىلە ئىچىدىكى ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە بولغان زور ئېھتىياجى مېنى كۆپ ئويلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامنىڭ ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىدىغان بىرەر كىتاب يازاي دەپ، «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» ناملىق ئەسەرنى يازدىم. مەزكۇر كىتاب شۇ يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى. كېيىنچە قازاقىستاندا كىرىل ھەرپىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىندى.

1998- يىلى ئىسلامنىڭ بەش چوڭ پەرزى ھەققىدە بىرەردىن كىتاب يېزىشنى پىلانلاپ، يۇقىرىقى «ئىسلام ئەقىدىلىرى»، «ناماز ئوقۇشنى قائىدە-تەرتىپلىرى» دېگەن كىتابلىرىمغا ئەگەشتۈرۈپ، «زاكات پەرزى»، «روزىنىڭ ئەھكاملىرى» قاتارلىق كىتابلارنى يېزىپ، ھەر ئىككى ئۇيغۇرچە يېزىقتا نەشر قىلدۇردۇق.

2001- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن دوستۇم ئابدۇلئەھەد ھاپىز بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىگە دىكتور بولۇپ باردۇق. شۇ يىلى «ئىلاھىي قورغان» ناملىق قازاقىستاندا باشلاپ قويغان دۇئا كىتابىمنى يېزىپ تۈگەتتىم. 2005- يىلى «ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا نەشر قىلدۇردۇق.

 

ئەمدى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەپسىر جەۋھەرلىرىگە كەلسەك،

 پېقىر 2002 يىلى 4- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىشقا كىرگەن كۈنۈمدىن باشلاپ قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەپسىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىشىمنى باشلىۋەتتىم.

رادىيونىڭ كۈنلۈك ئاڭلىتىشىنىڭ باشلىنىشىدا 15 مىنۇتلۇق قۇرئان كەرىم تەرجىمە ۋە تەپسىر پروگراممىسى بار ئىكەن. مەن بۇ پروگراممىنى تەييارلاپ ئاڭلىتىش ئىشىنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ئۈستۈمگە ئالدىم ۋە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن تەپسىر پروگراممىسىنى فاتىھە سۈرىسىدىن باشلاپ ئاڭلىتىشقا باشلىدىم. بۇ پروگرامما ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، ناس سۈرىسىنىڭ تۈگىگەن يېرىدىن باشقا قايتىپ فاتىھە سۈرىسىدىن داۋام قىلىدۇ.

بۇ پروگراممىنى تەييارلاشتا ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئۇستازى دوكتور مۇھەممەد مەھمۇد ھىجازىينىڭ «التفسير الواضح» (تەپسىرى ۋازىھ) ناملىق ئۈچ توملۇق تەپسىرىنى ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ مۇدەررىسلىرىدىن ئەللامە ئەبۇ بەكرى جابىر ئەل جەزائىرىينىڭ »أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير» (ئەيسەرۇتتەفاسىر)ناملىق بەش توملۇق تەپسىرىنى ئاساس قىلدىم. چۈنكى، بۇ ئىككى تەپسىرنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تولۇقلايتتى. بۇ ئىككى تەپسىر زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىنىڭ مەقسەت قىلىنغان مەنىلىرىنى چۈشىنىشكە بولغان زور ئېھتىياجىنى نىسبەتەن تەمىن ئېتىدىغاندەك تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى تەپسىرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ۋە يەنە باشقا مۆتىۋەر تەپسىرلەرنىڭ جەۋھەرلىرىنى سۈزۈپ ئېلىش قارارىغا كەلدىم. دوستلىرىممۇ بۇ پىكىرىمنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىدى ۋە ماڭا مۇۋەپپەقىيەت تىلىگەن بولدى.

ئاندىن بۇ ئىككى تەپسىرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكى تەپسىرلەرنىڭ جەۋھەرلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن سۈزۈپ چىقىلدى:

1.          تەپسىرى تەبەرىي (جامع البيان في تفسير القرآن).

2.          تەپسىرى قۇرتۇبىي (تفسير القرطبي)

3.          تەپسىرى بەغەۋىي (معالم التنزيل).

4.          تەپسىرى ئىبنى كەسىر (تفسير القرآن العظيم).

5.          تەپسىر جەلالەين(تفسير الجلالين).

6.          تەپسىرى رازىي (التفسير الكبير للرازي)

7.          تەپسىر سەفۋەتۇتتەفاسىر (تفسير صفوة التفاسير).

8.          تەپسىرى سەئدىي(تيسيرالكريم الرحمن في تفسير كلام المنان).

9.          تەپسىر شەئراۋىي(خواطر الشعراوي حول القرآن).

10.      تەپسىرى ئىبنى ئاشۇر (التحرير والتنوير).

11.      تەپسىرى مۇيەسسر (التفسير الميسر).

12.      تەپسىرى مۇختەسەر (المختصر في التفسير).

13.      «ئەل جەدۋەل فى ئىرابىل قۇرئان» (الجدول في إعراب القران).

 

يۇقىرىقى تەپسىرلەردىن باشقا يەنە «فى زىلالىل قۇرئان» (في ظلال القرآن)، «تەپسىرى شىنقىيتىي» (أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن)، «تەپسىرى كەششاف» (الكشاف)، «تەپسىرى بەيزاۋى» (أنوار التنزيل وأسرار التأويل) قاتارلىق تەپسىرلەردىن پايدىلىنىلدى.

 

تەپسىردىكى ئاساسلىق باسقۇچلار

 «تەپسىر جەۋھەرلىرى» ناملىق بۇ تەپسىر تۆۋەندىكىدەك تۆت باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن بولدى:

 بىرىنچى باسقۇچ: «التفسير الواضح» (تەپسىر ۋازىھ) بىلەن »أيسر التفاسير لكلام العلي الكبير» (ئەيسەرۇتتەفاسىر) دىن ئىبارەت ئىككى تەپسىرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى تاللاپ ئېلىش.

 ئىككىنچى باسقۇچ: يۇقىرىدا ئىسىملىرى زىكىر قىلىنغان مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، بۇ تەپسىرلەردىكى جەۋھەرلەرنى سۈزۈپ چىقىپ بۇ تەپسىرىنى بېيىتىش

ئۈچىنچى باسقۇچ: بۇ تەپسىرنى يۇقىرىقى تەپسىرلەرگە بىر _ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ چىقىپ، مۇپەسسىرلەرنىڭ دەلىل جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك قاراشلىرىنى تاللاپ چىقىش.

تۆتىنچى باسقۇچ: كۆپ مەنىگە دالالەت قىلىدىغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە ئىمكانقەدەر مەشھۇر مۇپەسسىرلەرنىڭ قاراشلىرىنى بىر _ بىرلەپ بايان قىلىش.

 

2014 _ يىلى 25 _ ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇز پارىنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى تۈگىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئاۋازغا ئېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى تۈركىستان بۆلۈمىنىڭ ئارخىپىغا تولۇق كىرگۈزۈلۈپ بولدى. ئون ئىككى يىللىق بۇ شەرەپلىك ئەمگەكنىڭ بىرىنچى باسقۇچى تاماملانغان بۇ كۈندە، ئۆزۈمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغان بولساممۇ، بۇنىڭ ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ كۆپ قول تۇتىدىغان باسقۇچلارغا يۆتكىلىش ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ئۇزاققا قالماي بىلدىم. چۈنكى، ئىشنىڭ ئەڭ قىيىن، ئەڭ جاپالىق ۋە ئەڭ كۆپ قول تۇتىدىغان باسقۇچلىرى ئۇنىڭ كېيىنكى باسقۇچلىرى ئىكەن. ھەقىقەتەن تەرجىمە بىلەن تەپسىرنى يۇقىرىقى مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە بىر_ بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ چىقىش، مەنىسىنى، ئىملاسىنى ۋە جۈملىلىرىنى باشتىن ئاخىر ئالدىرىماي تەكشۈرۈپ چىقىپ ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش ئېلىپ بېرىش، ئايەتلەردىن ئېلىنىدىغان ئەھكاملارنى ئىسلام مەنبەلىرىگە سېلىشتۇرۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىشلار ئالدىنقىسىدىن كۆپ قىيىن ۋە تولىمۇ نازۇك ئىكەن.

 2015- يىلى بۇ تەپسىرنى تۆت نۇسخا كۆپەيتىپ، مىسىر، تۈركىيە، قازاقىستان، مەككە قاتارلىق جايلاردىكى ئۆلىما قېرىنداشلارغا بىر نۇسخىدىن ئەۋەتىپ بەردۇق. مىسىرغا ئەۋەتكەننى دوستۇم ۋە ساۋاقدىشىم دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھقا تاپشۇردۇق. دوكتور ئۇنى باشقا قېرىندشلارغا بۆلۈپ تارقىتىپ كۆزدىن كەچۈرۈش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى، ئاندىن تۈزىتىشكە تېگىشلىك پىكىر- تەكلىپلىرىنى بەردى.

 2016 يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تەپسىرنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى تۈگەپ، ئۇ نەشر قىلىشقا ھازىر بىر ھالغا كەلدى. ئەمما ئۇنى باستۇرۇش ئۈچۈن كۆپ مەبلەغ كېرەك ئىدى. ئۆزۈم بولسام رادىيودىن ئالىدىغان مائاشىمدىن باشقا كىرىمى يوق ياكى تىجارەت دېگەندەك ئىشلارغا ئارىلاشمىغان بىرى بولغانلىقتىن، ئۇنچىلىك كۆپ مەبلەغنى چىقىرىش مەن ئۈچۈن قىيىن ئىدى. لېكىن دادامنىڭ مېنى قەشقەر چىنىۋاغدىن پاكىستانغا ئۇزىتىپ قويغان چاغدىكى: «بالام! ئاناڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالدۇق، سەن بولساڭ پەرزەنتلىرىمنىڭ چوڭى، مەن ئەمدى ئۇكا- سىڭىللىرىڭ بىلەن قالدىم. ساڭا بەكمۇ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە سېنى ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ سەپەرگە يولغا سېلىۋاتىمەن، ۋاقىتنى چىڭ تۇت، ئۇ سېنىڭ بايلىقىڭ. جاپا تارتساڭمۇ ئوبدان ئوقۇغىن، ھەر ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ ئاللاھ ساڭا ياردەم قىلىدۇ ۋە ئىشلىرىڭغا ئىگە بولىدۇ» دېگەن سۆزى ماڭا ئىشەنچ بېغىشلايتتى. شۇڭا ئاللاھنىڭ بۇ ئىشقا ئىگە بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ، تەپسىرنى ھەم ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەم كىرىل يېزىقىدا چىقىرىشقا بەل باغلىدىم. ئاندىن ئۇنى كىرىل ھەرپىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا تەييارلاشنىڭ كويىغا كىرىپ، 2013- يىلى «دىن ۋە ھايات 2000 سوئالغا جاۋاب» ناملىق ئەسىرىمنى كىرىل ھەرپىگە ئۆرۈپ بەرگەن 85 ياشلىق ئاكادېمىك ئالىم سادىقجان يۇنۇسوۋ ئاكامغا مۇراجىئەت قىلىۋىدىم. ئۇ كىشى تەلىپىمنى مەمنۇنلۇق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بىرەر يىلغا قالماي ئۇنى كىرىل ھەرپىدىكى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپ بولدى. ئەمدى تەپسىر ھەر ئىككى يېزىقتا ھازىر بولدى.

2017- يىلىنىڭ بىر كۈنى مەن جىددە شەھىرىدە ئالدىراش ئىدىم. قازاقىستاندىكى ئىمام دوستۇم مۇھەممەد قاسىم ھاجىم دىلمۇرات كۇزىيېۋ دېگەن كىشىنىڭ ھازىر ھەرەمدە ئىكەنلىكىنى، ئۇنى ئىماملاردىن بىرى ئۆمرە قىلدۇرغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن كۆڭلى قانائەت تاپمىغانلىقىنى، شۇڭا مېنىڭ بىللە ئۆمرە قىلىپ شۇ ئىبادەتنى تاماملىشىغا ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈندى. دىلمۇرات كۇزىيېۋ ئاكىمىز قازاقىستاندا تونۇلغان، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭلا ئەمەس، بەلكى قازاقىستان خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ ئالدىدا يۇقىرى ئابرۇيلۇق كىشى ئىدى. مەن ئالمۇتىدا تۇرغان ۋاقتىمدا ئۇ كىشى بىلەن يىراقتىن تونۇشاتتۇق، ئەمما كۆرۈشۈشنى قىيىن دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى ئىشى كۆپ، ئالدىراش يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە كۆرۈشىمەن دېگەن كىشىلەرمۇ ئوڭايلىق بىلەن كۆرۈشەلمەيتتى.

 شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ كۈنى ئىشىمدىن روخسەت سوراپ مەككىگە كىردىم. دىلمۇرات ئاكام ئايالى بىلەن كەلگەن ئىكەن. ئۆمرە ئىبادىتىنى بىللە قىلدۇق. ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىدا بىرگە غىزالاندۇق. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كىشى ماڭا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە مەندىن بىرەر ھاجىتىم بار، يوقلۇقىنى سورىدى، مەنمۇ رەھمەت دەپ قايتتىم. ئۇلارمۇ بىر-ئىككى كۈندىن كېيىن ئالمۇتىغا قايتتى.

بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ تەپسسىرنى شۇ كىشى بېسىپ بىرەرمۇيا دېگەنلەرنى خىيالىمغا كەلتۈردۈم. ئەمما ئۇنى قانداق دېيىش ھەققىدە ئويلىنىپ، ئاخىر بىر پارچە خەت يېزىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى، ئۇ كىشى قازاقىستاندا تۇنجى ئۇيغۇر مەسجىدىنى سالغان پىرمۇھەممەد ھاجىمنىڭ ئوغلى ۋە 2001- يىلى مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ «قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى»نى تۇنجى بولۇپ كىرىل ھەرپىدە نەشر قىلدۇرغان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىغا ۋە مەدەنىيەت، سەنئەتلىرىگە يېقىندىن ياردەم قىلىپ كەلگەن، بارلىق مەكتەپلەرگە، خۇسۇسەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئۈزۈلدۈرمەي ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىغا 10 دىن كۆپرەك مەسجىد سالغان كىشى ئىدى.

ئۇ كىشىگە يازغان خېتىمدە بۇ تەپسىرنى بېسىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدىم. ئاندىن مېنىڭ بۇ تەپسىرنى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈشتىن باشقا ھېچقانداق مۇددىئايىم يوقلۇقىنى ۋە ھېچقانداق قەلەم ھەققى ياكى ماددىي مەنپەئەت تەلەپ قىلمايدىغانلىقىمنى ئەسكەرتتىم. دىلمۇرات ئاكام خېتىمگە دەرھال جاۋاب يازدى، ئەمما ئالدى بىلەن تەپسىرنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقىدىغانلىقىنى، ئاندىن بىرەر قارارغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن تەپسىرنىڭ ئورىگىنالىنى ئۇ كىشىگە يەتكۈزۈپ بەردىم. كېيىن بىرەر ئايغا قالماي جاۋاب يازدى ۋە تەپسىرنى بىرەر تومدىن باستۇرۇپ، بىر قانچە يىل ئىچىدە باستۇرۇپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. مەن بۇ خەۋەردىن ئىنتايىن خۇشال بۇلدۇم.

دىلمۇرات ئاكام ئالدى بىلەن تەپسىرنى بېسىش ئۈچۈن قازاقىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن رۇخسەت ئېلىشقا كىرىشتى. ئەمما ئۆزىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، رۇخسەت ئېلىش ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىكەن. چۈنكى، قازاقىستاندا قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىلىرى ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر مەيلى كىچىك ھەجىملىك مەيلى چوڭ بىرەر تەپسىر بېسىلىپ باقمىغان ئىكەن. دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇللار بۇ ئىشتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاندىن دىلمۇرات ئاكامنىڭ قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتىغا، مەكتەپلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ كىشىنىڭ تەلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلىپ، ئالمۇتىدىكى دىنىي ئىدارە خادىملىرىغا: «ئۇيغۇرنىڭ تىلى قازاقنىڭ تىلىغا يېقىن، چۈشىنەلمەيدىغان گەپ چىقمايدۇ. شۇڭا سىلەر تېز پۇرسەتتە بۇ تەپسىرنى تەكشۈرۈپ چىقىپ بىزگە مەلۇمات بېرىڭلار» دېگەن ئاساستا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دىنىي ئىدارىدىكى ئۆلىمالار تەپسىرنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ، دىلمۇرات ئاكام بۇ ئىشنى سۈيلەپ ئۇلارنى تېزرەك پۈتتۈرۈشكە ئالدىرىتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار بىر قانچە ئاي ئىچىدە تەكشۈرۈپ چىقىپ، «مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ باشقا نۇرغۇن ئەسەرلىرىگىمۇ بىز رۇخسەت بەرگەن، چۈنكى ئۇ ئەھلى سۈننەت ۋە ئىمام ئەزەم مەزھىپىدە چىڭ تۇرىدىغان، رادېكاللىق ۋە پاسسىپلىقتىن يىراق، ئىلغار پىكىر قىلىدىغان بىر ئالىم. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ تەپسىرىنى نەشر قىلىشقا بولىدۇ» دېگەن خەتلەرنى يېزىپ ئاستانىدىكى دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتىدۇ. ئاندىن قازاقىستان دۆلەت مۇپتىسى سېرىكباي ھاجى ئوراز تەپسىرگە ئالاھىدە بېغىشلىما يېزىپ، ئۇنى قازاقىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بېغىشلىمىسى تەپسىرنىڭ باش قىسمىدىن ئورۇن ئالماقتا.

 دىلمۇرات ئاكامنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ كىشى تەپسىرنىڭ رۇخسىتى ئېلىش ئۈچۈن ئاستانىغا بىر قانچە قېتىم بېرىپ، دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مۇراجىئەت قىلغان. ئاندىن رۇخسەت چىققاندىن كېيىن، ئۇنى يىلدا بىر ياكى ئىككى تومدىن  چىقىرىپ بىر قانچە يىلدا چىقىرىپ بولۇشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئوغلى دىنمۇھەممەد ۋە قېرىنداشلىرى بۇ خەيرلىك ئىشقا بىزمۇ ئورتاق بولايلى دەپ، ئۇلار بىرەر تومدىن نەشر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دىنمۇھەممەد ئىككى تومنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 2018- يىلى مايدىن باشلاپ 2019- يىلىنىڭ بېشىغا قەدەر 9 توم تەپسىر نەشردىن چىقىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستانلاردىكى ئۇيغۇر مەسجىدلىرىگە ۋە مەكتەپلىرىگە تارقىتىپ بېرىلگەن. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىكى مەسجىد ۋە مەكتەپلەردە بۇ تەپسىر ھېلىھەم چىرايلىق تىزىلغان بويىچە تۇرماقتا.

شۇنىڭدىن كېيىن، تەپسىر جەۋھەرلىرىنى تولۇقلاش، تۈزىتىشىنى ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇنى 10 تومغا يەتكۈزدۈم. ھەربىر تومى تەخمىنەن 500 بەتتىن بولۇپ، جەمئىي 5218 بەت بولۇپ چىقتى. ئەمدى بۇ تەپسىرنى بىز ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىرىشنىڭ ۋاقتى كەلگەن ئىدى. ئەمما ھېچكىمگە بۇ ھەقتە گەپ ئاچمىدىم. چۈنكى، ئۇنىڭ قايتا تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئىككى كېتەتتى. شۇڭا تەكشۈرۈش پۈتكەندىن كېيىن بىر گەپ بولار دېگەندەك كۆپ ئويلىنىپ كەتمىدىم.

2021- يىلى رامىزاننىڭ 27- ئاخشىمى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تىجارەتچىلەردىن بىر كىشى تېلېفون قىلىپ نومۇرۇمنى ئىستانبۇلدا بىر كىشىدىن ئالغانلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن مېنى ھەرەمگە كىرىشكە ۋە تاراۋىھ نامازنى بىللە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى. مەسجىدى ھەرەمدە بىللە ناماز ئوقۇش جەريانىدا تونۇشتۇق. مەندىن بىز قىلىپ بېرىدىغان بىرەر ئىش بارمۇ دېگەن ئاساستا سورىدى. مەنمۇ قولۇمدا 10 توملۇق بىر تەپسىر بارلىقىنى ۋە شۇنى باستۇرۇپ بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ كىشىمۇ دەرھال قوبۇل قىلدى. يەنە «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ كىرىل ھەرپىدە تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى ئۇنىمۇ باستۇرۇشنى دېۋىدىم . شۇ كۈننىڭ ئەتىسى ئالمۇتىغا ئۆزى تېلېفون قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر كىتاب بىر ئاي ئىچىدە ئالمۇتىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. تەپسىرنى داۋاملىق تەكشۈرۈش بىلەن ئىككى يىل ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى.

 2023- يىلى رامىزاندىن كېيىنلا ساۋاقدىشىم ئابدۇلئەھەد ھاپىز، ئۇبۇلقاسىم ھاجىم، ئۆمەر قارىھاجىم، مۇھەممەد ئەمىن بېشارەت قارىم، ئابدۇرراززاق قاراجىم ۋە پېقىر قاتارلىق 6 كىشىلىك گۇرۇپپا قۇرۇپ، 11 ئاي ۋاقىت ئىچىدە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى بىلەن بۇ تەپسىرنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ چىقتۇق. بۇ جەرياندا بەزى تۈزىتىشلەرنى ئېلىپ باردۇق.

2024- يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى بۇ تەپسىر ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ئىلتىپاتى بىلەن ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى. شۇ كۈنى بىردىنلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. چۈنكى بۇ تەپسىرنى نەشر قىلدۇرۇپ خەلقىم بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشكە ئاللاھ نېسىپ قىلسىكەن ۋە ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلسىكەن دەپ كۆپ دۇئا قىلدىم. مەن بۇ جەرياندا «ئى ئاللاھ! بۇ ئەمگىكىمنى ئۆز دەرگاھىڭدا قوبۇل قىلغىن، بۇنىڭ مۇكاپاتىنى قىيامەت كۈنى بەرگىن، مېنى ئوقۇتقان ئاتا-ئانامنى بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن قىلغىن» دەپلا تىلىدىم.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار