ئەھلى سۈننەت ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى

 

ئەھلى سۈننەت ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

سۈننەت– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، قىلغان ئىشلىرى، سۈپەتلىرى ۋە تەقرىرلىرى (تەستىقلىغان ئىشلىرى) قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. سۈننەت دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى: يول، ئۇسلۇب، مېتود، ئەگىشىپ ماڭىدىغان يول خەرىتىسى دېگەنلىك بولۇپ، ئومۇمەن، بىرخىل ئەقىدە ئەتراپىغا توپلاشقان جامائەت ياكى ئۈممەتنىڭ ئېتىقاد يولىدۇر. ئىسلام ئاتالغۇسىدا ئەھلى سۈننەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدا ئىزچىل ماڭغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئەھلى سۈننەتنىڭ قۇرئان كەرىم ھەققىدىكى ئەقىدىسى

قۇرئان كەرىم كەم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىنبىر دەستۇرى، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى ئاساسلىق مەنبىئىدۇر. قۇرئان كەرىم  زىيادە قىلىنىشتىن ساقلىنىپ قالغان، ئاللاھ تائالادىن چۈشكەن پېتى داۋام قىلىپ كەلگەن، ئەڭ ئاخىرقى ساماۋى كىتابتۇر.

ئەھلى سۈننەتنىڭ ھەدىس ھەققىدىكى ئەقىدىسى

ھەدىس (ياكى سۈننەت) پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، ئىش _ پائالىيەتلىرى، ئەمەل _ ئىبادەتلىرى ۋە تەقرىرى (يەنى ساھابىلەردىن سادىر بولغان ئىش – ھەرىكەتلەردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا كۆرۈپ تەستىقلىغانلىرى ياكى رەت قىلماستىن سۈكۈت قىلغانلىرى) قاتارلىقلاردۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېيتقانلىرى، ئۆگەتكەنلىرى ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەنبىئى بولۇپ، قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىپ چۈشەندۈرگۈچى بىردىنبىر مەنبەدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغانلىقى ئېنىقلانغان ھەدىسنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ. ھەدىسنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشتا تونۇلغان مۇھەددىس ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىرىنسىپى ئاساس قىلىنىدۇ.

ئەھلى سۈننەتنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى ھەققىدىكى ئەقىدىسى

ئاللاھ تائالا ئەزخەلدىن بىردۇر، ئۇنىڭ ھېچبىر شېرىكى ياكى ئوخشىشى يوق. ئاللاھ تائالا بىلەن بەندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى يوق. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئېسىل سۈپەتلىرىنى تەۋىل قىلماستىن، باشقىلارغا ئوخشاتماستىن كەلگەن پېتى چۈشىنىش كېرەك. غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شاپائەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا بولىدۇ. ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئاساسىي دىن، ئاندىن ئەقىلدۇر.

ئەھلى سۈننەتنىڭ ئاللاھ تائالانى كۆرۈش ھەققىدىكى ئەقىدىسى

ئاللاھ تائالانى بۇ دۇنيادا كۆرگىلى بولمايدۇ. ئاخىرەت كۈنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان مۇئمىن بەندىسىگە ئۆزىنىڭ جامالىنى كۆرسىتىدۇ. ئاخىرەت كۈنىدە ئاللاھ تائالانى كۆرۈش مۇكاپاتلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى، نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر.

ئەھلى سۈننەتنىڭ غەيب ھەققىدىكى ئەقىدىسى

  غەيب _ ئىنسانلار سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق بىلەلمەيدىغان ئىشلار دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مەلۇم دىنىي ئېھتىياج يۈزىسىدىن بەزى پەيغەمبەرلەرگە بەزى غەيبلەرنى بىلدۈرگەن. «ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ئۆزى بىلدۈرۈشنى خالىغانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ»(1) دېگەن ئايەت بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەھلى سۈننەتنىڭ شەرىئەت ۋە ھەقىقەت ھەققىدىكى ئەقىدىسى

شەرىئەتنىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالا بۇيرۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگەن. ھېچ نەرسىنى يوشۇرغان ئەمەس. ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن، ھەرقانداق يامانلىقتىن توسقان. بەندىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش ۋە دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىراۋنىڭ ۋاستىسى كېرەك ئەمەس. پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئىنسانلار كەمچىلىكلەردىن ۋە خاتالىقلاردىن پاك ئەمەس.

ئەھلى سۈننەتنىڭ خەلىپە ياكى ئىماملىق ھەققىدىكى ئەقىدىسى

ئىسلام دۆلىتىنى مۇسۇلمانلار ئاممىسى رازى بولغان ۋە مەخسۇس شۇرا ھەيئىتى سايلاپ چىققان خەلىپە باشقۇرىدۇ. خەلىپە بولۇپ سايلىنىش ئۈچۈن ئەقىل، ئىلىم، تەقۋالىق، ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولۇش شەرت قىلىنىدۇ. خەلىپە ياكى ئىمام قۇرئان ۋە سۈننەت يولىدا ماڭغان بولسا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پەرزدۇر. خەلىپە ياكى ئىمامغا نەسىھەت قىلىش، خاتا كەتكەن يەرلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ھەربىر ئۆلىمانىڭ بۇرچى ۋە ھەربىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. ئەمما مۇرتەد بولۇپ كەتمىگەن ياكى قۇرئان، ھەدىسنىڭ ئوچۇق ھۆكۈمىنى رەت قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، گەرچە ئۇ پاسىق بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ئىنقىلاب قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەھلى سۈننەتنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئەقىدىسى

 ئىسلامن فىقھىنىڭ مەنبەلىرى قۇرئان، سۈننەت، ئىجما ۋە قىياستۇر. قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ئەڭ ئاساسلىق مەنبە بولۇپ، بۇ ئىككى مەنبە بىلەن بېكىتىلگەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ھېچكىمنىڭ ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى يوق. ساھابى ۋە تابىئىين ئۆلىمالىرىنىڭ قىلغانلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۈلگىدۇر. ئىجما بىلەن قىياسنىڭ يولى تا قىيامەتكىچە ئوچۇقتۇر[1].

ئەھلى سۈننەتنىڭ ساھابىلەر ھەققىدىكى ئەقىدىسى

ساھابە_  مۇئمىنلىك ھالىتىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ۋە مۇئمىنلىك ھالىتىدە ئۆلگەن كىشى دېمەكتۇر. مەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان بولسۇن، ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ كۆرگەن بولسۇن، ئۇ ساھابى ھېسابلىنىدۇ. ئەھلى سۈننەت ساھابىلەر ھەققىدىكى ئەقىدىسى مۇنداق: ساھابىلەر پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش گۇناھتىن ۋە خاتالىقتىن پاك ئەمەس، بەلكى ئۇلارمۇ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاشلا خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ساھابىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلار توغرۇلۇق بىر نەرسە دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس. ئۇلارنى ئىجتىھاد بىلەن ئىش كۆرگەن كىشىلەر دەپ قارايمىز. دىنىي مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلغان ئۆلىمالار توغرىسىنى تاپالىغان بولسا، ئىككى ھەسسە ساۋابقا، ئەگەر خاتالاشقان بولسا بولسا، بىر ھەسسە ساۋابقا ئېرىشكەندەك، ئۇلارنىمۇ توغرا قىلغان ئىشلىرىدا ئىككى ھەسسە ساۋابقا، خاتالاشقان ئىشلىرىدا بىر ھەسسە ساۋابقا ئېرىشىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. ساھابىلەرنى سۆكمەيمىز. چۇنكى ساھابىلەرنى سۆكۈش ئېغىر گۇناھتۇر.

ئىمام تاھاۋى مۇنداق دېگەن: « بىز ساھابىلەرنى سۆيىمىز، ئەمما ئۇلارنى سۆيۈشتە ۋە ئۇلارغا ئەقىدە قىلىشتا ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتمەيمىز، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى سۆكمەيمىز. ئۇلارنى پەقەت ياخشى ئىشلىرى بىلەنلا خاتىرىلەيمىز ۋە ياخشى تەرەپلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىمىز. ساھابىلەرنى سۆيۈش ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھساننىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئۇلارنى يامان كۆرۈش كۇفرىنىڭ، مۇناپىقلىقنىڭ ۋە ئازگۇنلۇقنىڭ جۈملىسىدىندۇر».

ئەھلى سۈننەتنىڭ دوست تۇتۇش ۋە دۈشمەن تۇتۇش ھەققىدىكى ئەقىدىسى

مۇئمىننىڭ دوستى پەقەتلا مۇئمىندۇر. شۇڭا، مۇئمىننى قوغداش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش، ئۇنى دوست تۇتۇش مۇئمىننىڭ بۇرچىدۇر. مۇئمىن ئادەم بىراۋنى دوست تۇتسا، پەقەت ئاللاھ ئۈچۇن دوست تۇتىدۇ، بىراۋنى يامان كۆرسە، پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى بەندىلىرىنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغانلارنى يامان كۆرۈش ئىماننىڭ تەلىپىدۇر. بىرەر مۇئمىن ئادەمنى ئۇنىڭ ئازغۇنلۇقى ياكى زالىملىقى ۋەياكى پاسىقلىقى تۈپەيلىدىن دۈشمەن تۇتۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ)مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلار[2]( دېگەن سۆزى بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا  مۇسۇلمانلاردىن بىر_ بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلغان كىشىلەرنىمۇ مۇئمىنلىكتىن چىقىرىۋەتمىگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:)ئەگەر مۇئمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار[3](.

بىر ئادەمدە ياخشىلىق_ يامانلىق، تەقۋالىق_ پاسىقلىق، ئىتائەت_ ئاسىيلىق قاتارلىق بىر_بىرىگە زىت سۈپەتلەر تېپىلغاندا، ئۇنىڭ ياخشىلىق، تەقۋالىق، ئىتائەتچانلىق تەرەپلىرىنى دوست تۇتۇپ، يامانلىق، پاسىقلىق ۋە ئاسىيلىق تەرەپلىرىنى يامان كۆرۈش ئىماننىڭ تەلىپىدۇر. بىر ئادەم ئەينى ۋاقىتتا ھەم غەمخورلۇققا ھەم جازاغا لايىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: يوقسۇللۇقى يۈزىسىدىن دۆلەت خەزىنىسىدىن ياردەمگە تېگىشلىك بولسا، ئوغرىلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن جازاغاس تېگىشىلك بولغىنىغا ئوخشاش. ئۇنىڭ يامانلىقى ياخشىلىقىنى يوققا چىقىرىۋەتمەيدۇ. شۇڭا، ئۇ ياخشىلىق ئۈچۈن ساۋابقا، يامانلىقى ئۈچۈن جازاغا لايىق بولىدۇ.

ئەھلى سۈننەتنىڭ ۋەسىلە ھەققىدىكى ئەقىدىسى

ۋەسىلە _ دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى، ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ياكى بىرەر ھاجەتنىڭ راۋا بولۇشى ئۈچۈن، ئۆزى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا بىرەر نەرسىنى ياكى بىرەر شەخسنى ۋاسىتە قىلىپ ئارىغا سېلىش دېگەنلىكتۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ ئەقىدىسىگە كۆرە، ۋەسىلە (يەنى ۋاسىتە) ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، بۇيرۇلغان ۋەسىلە، ئىككىنچىسى، مەنئى قىلىنغان ۋەسىلە، ئۈچىنچىسى، دىنىمىزدىن دەلىلى بولمىغان ۋەسىلىدۇر.

بۇيرۇلغان ۋەسىلە ـ قۇرئان كەرىمدە ياكى ھەدىسلەردە بۇيرۇلغان ۋە ساھابىلەر قوللانغان ۋەسىلىلەر بولۇپ، ئۇلار: ھەركىم ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىمانىنى ۋەسىلە قىلىشى، ئاللاھ تائالانىڭ بىرلىكىنى ۋە نۇقسانلاردىن پاك ئىكەنلىكىنى ۋەسىلە قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك ئىسىملىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى ۋەسىلە قىلىش، ھەركىم ئۆزىنىڭ ياخشى قىلغان ئەمەل ـ ئىبادەتلىرىنى ۋەسىلە قىلىشى ۋە ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ، گۇناھ ـ مەسىيەتلەرنى تاشلىغانلىقىنى ۋەسىلە قىلىش قاتارلىقلاردۇر.

مەنئى قىلىنغان ۋەسىلە- ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەنئى قىلغان ۋەسىلە بولۇپ، ئۇ شېرىك ۋە خۇراپاتتۇر. مەسىلەن: دۇئانى ئۆلۈكلەردىن بىرەرسىگە قىلىپ، ئۇنىڭدىن«يا پىرىم!» ياكى «يا ئىمام غەۋسۇلئەزەم!» ياكى «يا تۆت ئىماملىرىم!» ياكى «يا ئىمام جەپىرى تەيران!» ئاللاھ تائالادىن ماڭا پەرزەنت تىلەپ بەرگىن، بايلىق تىلەپ بەرگىن، شىپالىق تىلەپ بەرگىن، دەپ سورىغانغا ئوخشاش.

يول قويۇلغانلىقىغا دىنىمىزدىن دەلىلى بولمىغان ۋەسىلە – قۇرئان كەرىمدە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە ياكى ئۈلگىلىك ساھابىلەرنىڭ دۇئالىرىدا ئۆرنىكى كەلمىگەن ۋەسىلە تۈرى بولۇپ، « ئى ئاللاھ! پالانىنىڭ ھەققى– ھۆرمىتى بىلەن مېنىڭ دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن، تىلىگەنلىرىمنى بەرگىن»، دەپ دۇئا قىلغانغا ئوخشاش. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «پەتىۋا ئىشلار كومىتېتى»دىكى ئۆلىمالار« ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى بىلەن.....» دەپ دۇئا قىلسا بولامدۇ؟ دەپ سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: « دۇئادا "ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ياكى بەرىكىتى يا ئۇلۇغلۇقى يۈزىسىدىن مېنىڭ دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن، تىلەكلىرىمنى بەرگىن" دەپ ۋەسىلە قىلىش شېرىك سانالمايدۇ، ئەمما شېرىككە بېرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش يۈزىسىدىن مۇنداق ۋەسىلىنى قىلماسلىق كېرەك»([4]).

ئەھلى سۈننەتنىڭ ئىمان ھەققىدىكى ئەقىدىسى

ئىماننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى تۆۋەندىكى 6 ھەقىقەتكە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت:

1. ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.

2. ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىگە چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.

3. ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ بارلىقىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.

4. ئاللاھ تائالانىڭ كىتابلىرىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.

5. قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.

6. ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىش.

يۇقىرىقى 6 ھەقىقەتكە چىن دىلىدىن ئىشىنىپ، ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلغان ئادەم «مۇئمىن» دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان_ ئاللاھقا، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە، پەيغەمبەرلىرىگە، كىتابلىرىغا، قىيامەت كۈنىگە ۋە ياخشىلىق ـ يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا چىن ئىشىنىپ، قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت»([5]).

ئىمان كەم _ زىيادە بولىدۇ ، يەنى ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئىمان زىيادىلىشىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ، ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇش ۋە گۇناھ، يامان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئىمان ناقىسلىشىدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ. مانا بۇ، ئىماننىڭ كەم ـ زىيادە بولغىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:) مۇئمىنلەر پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە يۈرەكلىرى تىترەيدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، رەببىگە يۆلىنىپ ئىشەنچ باغلايدىغان كىشىلەردۇر(([6]).

 

 

 

 



[1] «دىن ۋە ھايات (2000 سوئالغا جاۋاب)» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

 
[2] ھۇجۇرات سۈرىسى:10- ئايەت.
[3] ھۇجۇرات سۈرىسى:9- ئايەت
([4])  www.islamQA.com
([5]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([6]) ئەنفال سۈرىسى 2 ـ ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار