پەرزەنت تەربىيەسى

پەرزەنت تەربىيەسى

مۇھەممەد يۈسۈپ

پەرزەنت نېمەت ۋە ئامانەتتۇر

پەرزەنت ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا نېمىتى ۋە چوڭ ئامانىتىدۇر. ھەرقانداق ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى ئىمانلىق ۋە ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلەپ  چىقىشقا مەسئۇل. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلار پەرزەنتلەرنىڭ  ئاقىۋىتىگە جاۋابكاردۇر. شۈبھىسىزكى، ھاياتتا ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى ۋە ھاياتىدىن كېيىنمۇ قالدۇرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك مىراسى پەرزەنتلىرىنى قەلب رىشتىسى ئاللاھ تائالاغا تۇتاشقان، دىيانەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنچە يوقسۇللۇق تارتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارغا كۆپ مال- دۇنيا، ئۆي-ئىمارەت ۋە ياكى يەر-زېمىن قالدۇرۇپ كېتىشكە ئالدىرايدۇ. ئەمما ئۇلار ھەقىقىي يوقسۇللۇق ئىمان ۋە ئەخلاقتىن نېسىۋىسىز قېلىش ئىكەنلىكىنى ئويلىمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئىمان ۋە ئەخلاقنىڭ يوقسۇللۇقى دۇنيادىكى جىمى يوقسۇللۇقلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر.

يەنە بەزى كىشىلەر پەرزەنتلىرىگە ئەڭ ئاۋۋال سادىق ئىمان، گۈزەل ئەخلاق، ياخشى ئەمەلدىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىق قالدۇرۇشنى ئەۋزەل بىلىدۇ. شۇ ئېنىقكى، بەخت-سائادەت دېگەن پۇل-مالنىڭ كۆپلۈكى بىلەن، ياكى چوڭ مەنسەپلەرگە ئېرىشىش بىلەن، ياكى خەلق ئىچىدە ئابرۇي قازىنىش بىلەن بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەر بولۇپ، بۈگۈن بار، ئەتە يوق. ئەمما ئىمان ۋە ئەخلاق بايلىقى پەرزەنتلەرنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشتۈرۈشكە كاپالەت قىلالايدىغان ھەقىقىي بايلىق بولۇپ، ماددىي جەھەتتىكى يوقسۇللۇقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ.

پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى

تەربىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى: بالىلارنى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەنپەئەتلىك، ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان ئەل ئىشىغا ياراملىق، چىن مەنىدە مۇسۇلمان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇش دوختۇر بولۇشتىن، ئىنژېنېر بولۇشتىن، فىزىكا مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىيولوگىيە مۇتەخەسسىسى بولۇشتىن، بىرەر ھۈنەرنىڭ ئۇستىسى بولۇشتىن ۋە  جاھاندىكى بارلىق نەرسىدىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

قىسقىسى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى شەخسلەرنىڭ چىن مەنىدە مۇسۇلمان بولۇشىدىن باشلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ماددىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە يېتىشىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مۇسۇلمان دوختۇر، مۇسۇلمان مۇئەللىم، مۇسۇلمان دېھقان، مۇسۇلمان تىجارەتچى، مۇسۇلمان كادىر، مۇسۇلمان ئىشچى ۋە مۇسۇلمان ھۈنەرۋەن بارلىققا كەلگەن ئۈلگىلىك بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش غايە ۋە مەقسەت قىلىنىدۇ.

11- ئەسىردە ئۆتكەن يېتۈك ئالىم، پەيلاسوپ ۋە ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالا تەربىيەسى ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىكەن:

ئاتا ئەمگىكى سىڭسە ئوغلىغا كۆپ،

بولۇر بۇ ئوغۇلنىڭ خۇي-پەيلى خوپ.

ئوغۇلنى قىسىپ تۇتسا ياخشى ئىرۇر،

ئاتاسى، ئاناسى بەختلىك بولۇر.

ئەگەر چىڭ تۇتۇلماس ئىكەن ئۇ ئوغۇل،

بولۇر زايە ئاندىن سەن ئۈزگۈن كۆڭۈل.

زەكىي بولسا ئالىم ئۇ ئوغۇل ئاتىسى،

ئۇنى تۇتقۇلۇق چىڭ شۇدۇر چارىسى.

كىمنىڭكى بولۇر ئەركە ئوغلى قىزى،

چېكىپ ئاھ ۋە ھەسرەتتە يىغلار ئۆزى.

كىچىك چاغدا ئوغلىنى قويسا ياۋا،

ئوغۇلدا گۇناھ يوق ئاتاغا جاپا.

ئوغۇل-قىز خۇي-پەيلى بولسا يامان،

يامان قىلغان ئاتا بۇلارنى  ھامان.

 

پەرزەنتلەرگە ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى
بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەر شارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. چۈنكى ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز تىلى ئارقىلىق مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.

كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم- سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نومۇسلۇق ئىشتۇر. شۇڭا پەرزەنتلەرگە كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مىللىي قائىدە- يوسۇنلارنى ئۆگىتىش، ھەتتا ئىمان ۋە ئىسلامنىمۇ ئۆز تىلىمىزدا بىلدۈرۈش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. چۈنكى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىپ چوڭ بولغان، ئائىلىدە ئالىدىغان دەسلەپكى بىلىملەرنى ئانا تىلىدا ئۆگەنگەن ۋە ئانا تىل ئاساسى مەھكەم بولغان بالىلارنىڭ باشقا تىللاردىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلىك بولىدىغانلىقى، ئەكسىچە، ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشىپ چوڭ بولمىغان ياكى ئانا تىل ئاساسى مەھكەم بولمىغان بالىلارنىڭ ئويلىشى، تەپەككۇر قىلىشى ۋە تەسەۋۋۇرىمۇ ئۆزى سۆزلىشىۋاتقان تىلغا خاس شەكىللىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مىللىي دەۋادىن، مىللىي پۇراق ۋە مىللىي قائىدە - يوسۇنلاردىن يىراق چوڭ بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ناۋادا بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز مىللىي پۇراقتىن، مىللىي قائىدە-يوسۇنلاردىن ۋە مىللىي دەۋادىن يىراق چوڭ بولسا، ئۇلاردىن بىزنىڭ نام-نىشانىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىنى، مىللىي ئىرادىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشىنى، دەۋايىمىزغا ئىگە چىقىشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بىز پەرزەنتلىرىمىزنى قانچىلىك چوڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، قانچىلىك يۇقىرى سەۋىيەگە ئېرىشتۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئائىلىمىزدە چەتئەللىكلەرنى يېتىشتۈرگەن بولىمىز-دە، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ دەردىمىز بىلەن كارى بولمايدۇ.

تەربىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى
ئاتا ـ ئانىلار ئەڭ ئاۋۋال بالىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك تەربىيەسىدىن مەسئۇلدۇر.

1. بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

2. بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

3. بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

4. بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيەلەش.

بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەنددىكىچە:

بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيەلەش
بالىلارنى ئېتىقادىي جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن مەقسەت: ئۇلار ئەقىل ئىدراكقا ئىگە بولغىنىدىن باشلاپ، ئۇلارغا ئىسلامنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىنى ئۆگىتىپ، قەلبلىرىگە ئورنىتىش، ئىسلام دىنى شەرىئىتىدە بۇيرۇلغان پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت قاتارلىق ئەمەللەرگە كۆندۈرۈش، مەنئى قىلىنغان بارلىق ھارام ئىشلاردىن ئۇلارنى ئۇزاقلاشتۇرۇش ۋە ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈرۈش دېمەكتۇر.

بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش
بالىلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن تەربىيەلەش دېگەندىن مەقسەت: ئۇلارنى كىچىكىدىن ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك ۋە ۋىجدانلىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دەيدۇ([1]). يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىمانى ئەڭ كامىل مۆمىن ئەڭ ئەخلاقلىق بولغىنىدۇر» دەيدۇ([2]).

بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەش
بالىلارنى ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن مەقسەت:

بالىلارنى كىچىكىدىن شەرىئەت ئىلىملىرى، پەن ـ مەدەنىيەت ۋە ھەر خىل پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىكىر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنى كېلەچەكتە جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىلمىي، مەدەنىي ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش دېمەكتۇر. بالىلارنى كىچىكىدىنلا ئوقۇتۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر.

مەلۇمكى، ئوقۇش، ئۆگىنىش بارچە ياخشىلىقنىڭ بېشىدۇر. دىنىمىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقى چاقىرىقىمۇ ئوقۇشقا بۇيرۇشتۇر. چۈنكى مۇسۇلمانلىق ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە تولۇقلىنىدۇ. ئاخىرەتتە جەننەتنى قازىنىشمۇ بىلىم بىلەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىدە مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىلىم ئېلىش يولىغا كىرىدىكەن، ئاللاھ  ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»([3]). ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئاندىن ئالىم بولۇش پەقەت ئەقىل بىلەن بولىدۇ. شۇڭا ئەقىلنى بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قورالى دەيمىز.

ئەقىل ئىنساندىكى ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەتىۋارلىق بايلىقتۇر. ئىنسانلار شۇ ئەقىل بىلەن ئۆزىنىڭ رەببىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچلىرىنى ئۆتەيدۇ. نەتىجىدە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت ـ سائادەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.

بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيەلەش
بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن تەربىيەلەشتىن مەقسەت: بالىلارغا كىچىكىدىن يېمەك ـ ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىكى سالامەتلىكنى ئاسراش ئۇسۇللىرىنى ۋە تەن ساقلىقىغا پايدىلىق بولغان ھەر خىل تەنتەربىيە ئويۇنلىرىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ساغلام، كۈچلۈك ۋە ئەل ئىشلىرىغا ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش دېگەنلىكتۇر.

بالىلار بالاغەت ياشلىرىغا يېتىشى بىلەن ئۇلار ھەر خىل ئۇيۇن ـ تاماشالار ۋە كۆڭۈل ئېچىشلار ئارقىلىق بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇشقا كىرىشىدۇ. بۇ دەۋر ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەڭ دىققەتلىك بولۇشىغا تېگىشلىك بولغان ئەھمىيەتلىك بىر دەۋرىدۇر. بالىلارنى بۇ ياشلىرىدا، ئۇلارنىڭ تەن ساقلىقىغا پايدىلىق بولغان پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل قىلمىغاندا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك يامان ئادەتلەرگە ئۆگىنىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش قىيىن بولىدۇ. (پېقىرنىڭ «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز» ناملىق ئەسىرىدىن).



([1])         بۇخارى رىۋايىتى.
([2])         مۇسلىم رىۋايىتى.
([3]) بۇخارى رىۋايىتى


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار

مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار