| كىتاب ئىسمى | پەرزەنتلەرگە ئۆگىتىشكە تېگىشلىك 101 ھېكمەت |
| ئاپتورى | مۇھەممەد يۈسۈپ |
| نەشر قىلغان ئورۇن | ئىستانبۇل |
| نەشر قىلىنغان ۋاقتى | 2026 |
| ھەجمى | 21/13.5 |
| بەت سانى | 264 |
| چۈشۈرۈش | چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش |
بسم الله الرحمن الرحيم
ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ مۇكەممەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە رەببى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇنىڭغا چىن قەلبىمدىن ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. بىزلەرگە ھەق دىننى يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغان مۇئمىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا ئىككى ئالەملىك بەخت - سائادەت تىلەيمەن. پەرزەنت ئاللاھ تائالانىڭ چوڭ ئامانىتى ۋە كاتتا نېمىتىدۇر. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئىمانلىق ۋە ئەخلاقلىق تەربىيەلەپ چىقىشقا مەسئۇل. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە جاۋابكار بولۇپ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ھاياتتا ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بېرىدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى ۋە ئەڭ قىممەتلىك مىراسى ئۇلارنى قەلب رىشتىسى ئاللاھ تائالاغا تۇتاشقان، ئەخلاقلىق ۋە دىيانەتلىك ئەۋلاد قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. كېلەچېكىمىزنىڭ پارلاق يۇلتۇزلىرى بولغان ئەزىز پەرزەنتلىرىمىزگە، ھەتتا ھەربىر ئائىلىگە پايدىلىق بىرەر ئەسەر سۇنۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، ئاخىرى پەرزەنتلەرگە بىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان ھېكمەتلەردىن «101 ھېكمەت»نى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنى بىردىن قىسسە بىلەن بايان قىلىشنى لايىق كۆردۇق. چۈنكى، قىسسە ئوي-پىكىرنى ئەڭ تەسىرلىك ۋە ئەستە قالىدىغان شەكىلدە بايان قىلىشنىڭ ئۇسۇلىدۇر. قىسسىنىڭ تەسىر كۈچى شۇ قەدەر كۈچلۈككى، ئاڭلىغان ياكى ئوقۇغان ئادەمنى داۋامىغا قىزىقتۇرۇپ، ئۆزىنى ئۇنتۇش دەرىجىسىگە ئېلىپ كېلىدۇ، چوڭ - كىچىك ھەممىنى ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. قىسسە ئارقىلىق تەربىيەلەش قۇرئان كەرىم كۆپ قوللانغان تەربىيە ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قىسسىلەر تەشكىل قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كۆپلىگەن گۈزەل ئەخلاقلارنى قىسسىلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرگەن. قۇرئان كەرىم پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرىنى ئىبرەت ۋە دەرس سۈپىتىدە تەرىپلەپ: «ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىدە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار« ([1]) دېگەن. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ: «تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارغا قىسسىلەرنى بايان قىلىپ بەرگىن«([2]) دەپ ئەمر قىلغان. بۇ ئەسەرنىڭ ھەربىر ئائىلىدە بولۇشىنى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددىي ئەمگەكنى خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى، ئۇنىڭ ئەجىر - ساۋابىدىن پېقىرنى ۋە ئاتا - ئانامنى بەھرىمەن قىلىشىنى تىلەيمەن.
— مۇھەممەد يۈسۈپ ھىجرىيە 1448 - يىلى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 6 - كۈنى، مىلادىيە 2026 - يىلى 21 - ئىيۇن. ئىستانبۇل — تۈركىيە.
|
|