| كىتاب ئىسمى | ئانا — كاتتىلارنى يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ |
| ئاپتورى | مۇھەممەد يۈسۈپ |
| نەشر قىلغان ئورۇن | ئىستانبۇل |
| نەشر قىلىنغان ۋاقتى | 2026 |
| ھەجمى | 16/21 |
| بەت سانى | 147 |
| چۈشۈرۈش | چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش |
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ كىرىش سۆز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق يۇلتۇزى، ئاتاقلىق تىلشۇناس مىرزا ئەلشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن ئىكەن:
«ئانا شەرەپ گەۋھەرىنىڭ كانى، بىل. گەۋھەر كانى، ھەرنە دېسەڭ ئانى بىل.»
بۇ سۆزلەر ئاددىي بىر بايان بولماستىن، بەلكى ئانىلارنىڭ ئۇلۇغ روھىيىتىگە، قۇدرىتىگە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى ھالقىلىق ئورنىغا قارىتىلغان چوڭقۇر پەلسەپەۋى مەدھىيە. ھەقىقەتەن، ئانا دېگەن ئۇلۇغ زات سىزنى بەدەلسىز، شەرتسىز ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سۆيىدىغان، بارلىقىنى ئايىماي سىزگە تەقدىم قىلىدىغان بىردىنبىر ئىنساندۇر. ئۇ ھەتتا جېنىنىمۇ ئىككىلەنمەي پىدا قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ئۇنىڭ خۇشاللىقى، سىزنىڭ غەمكىنلىكىڭىز ئۇنىڭ قايغۇسى. ئۇنىڭ قەلبى دەريادەك كەڭ، باغرى قۇياشتەك ئىللىق، روھىيىتى ئوتتەك جانلىق، پىداكارلىقى چەكسىز بولغان بىر ئادەمزاتتۇر. ئۇنىڭ قەلبىدىكى چەكسىز مېھىر-شەپقەتنى دۇنيانىڭ مال-مۈلكى ياكى ھەرقانداق قىممەتلىك نەرسىسى بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس. ئانىڭىزدىن باشقا ھېچكىم سىزنى بۇنداق بەدەلسىز، شەرتسىز سۆيەلمەيدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ئىدراك قىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىر پەلسەپەۋى دەرس. ھەتتا سىزنىڭ ئۆز قان-جېنىڭىزدىن بارلىققا كەلگەن، يۈرەك پارىڭىز بولغان پەرزەنتلىرىڭىزمۇ سىزنى ئانىڭىز كەبى بەدەلسىز سۆيەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى بەلكىم سىزنىڭ ئۇلارنى بېقىپ، تەربىيەلەپ، قاتارغا قوشقانلىقىڭىز سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇ، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسىنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش ئەمەس، بەلكى ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر نۇقتىدۇر. ھايات يولىڭىزدىكى ئەڭ يېقىن دوستلىرىڭىزنىڭمۇ سىزگە قارىتا سۆيگۈسى ئادەتتە بىر سەۋەب ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. ئۇ بەلكىم سىزنىڭ پەزىلىتىڭىز، ئارتۇقچىلىقىڭىز، ئۆتكۈر ئەقلىڭىز ياكى سىزدىن كېلىدىغان بىرەر پايدا-مەنپەئەت يۈزىدىن شەكىللىنىشى مۇمكىن. بۇنداق سۆيگۈ كۆپىنچە ۋاقىتلىق بولۇپ، سىزدىكى شۇ ئالاھىدىلىك ياكى پايدا يوقاپ كەتكەن ھامان، ئۇ دوستلارنىڭمۇ سىزدىن يىراقلىشىشى ئېھتىمالغا يېقىندۇر. بۇ بىر رېئاللىق بولۇپ، ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. لېكىن، ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بۇنداق شەرتلەر، بۇنداق ھېساب-كىتابلار يوقتۇر. ئۇ ھېچقانداق ماددىي ياكى مەنىۋى چىقىم بىلەن ئۆلچەنمەيدىغان، ھېچقانداق ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان مۇتلەق سۆيگۈدۇر. ئانا – يالغۇزلا ئانا – سىزنى ھېچقانداق شەرتسىز سۆيىدۇ ۋە بولغىنىڭىزدەك قوبۇل قىلىدۇ. سىزدىكى ھەممە نەرسىنى، ھەتتا كەمچىلىكلىرىڭىزنىمۇ سۆيۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سىزگە دائىم ياخشىلىق ۋە خەيرلىك تىلەپ دۇئا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى سىزنىڭ ئەڭ بەختلىك، ئەڭ باي ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى بولۇشىڭىزدۇر. ئۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن سىزدىن ھېچقانداق مۇكاپات ياكى تەشەككۈر كۈتمەيدۇ، سىزدىن ھېچقانداق بېغىش ياكى قۇربانلىق تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مۇكاپات، ئەڭ كاتتا بېغىش سىزنىڭ بەختلىك بولۇشىڭىز، چىرايىڭىزدىكى تەبەسسۇمنىڭ جۇلالىنىشى ۋە ھاياتىڭىزدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرۈشتۇر. ئانا شۇنداق بىر ئۇلۇغ زاتكى، ئەگەر ئۇنىڭدىن يىراقلاشسىڭىز، سىزگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، كۈندۈزلىرى كۆزلىرى يوللاردا، كېچىلىرى قوللىرى دۇئالاردا بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلسىڭىز، سىزنى دۇئا-تىلەكلىرى بىلەن ئورايدۇ، رازىلىقى بىلەن قورشايدۇ، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان كۆز ياشلىرى بىلەن سۆيىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭغا يامانلىق قىلسىڭىز ياكى ئاسىيلىق قىلسىڭىزمۇ، يەنىلا سىزنى سۆيىدۇ، سىزگە ياخشىلىق تىلەيدۇ، سىز ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ ۋە قايغۇرىدۇ. بۇ ھېسسىيات غەزەپتىن ياكى نەپرەتتىن ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ توغرا يولغا قايتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىپ، يىراقتىن قۇچاقلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ پىداكارلىق، بۇ كەڭ قورساقلىق دۇنيادا ئانىدىن باشقا ھېچكىمدە يوق. ئانا نېمە دېگەن ئۇلۇغ، نېمە دېگەن سۆيۈملۈك زات-ھە! ئۇنىڭ بۇ روھىي كۈچى ۋە ئىرادىسى ئىنسان روھىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئانا سىز بىلەن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدۇ، ھەربىر نەپىسىڭىزنى كۆزىتىدۇ، ھەربىر چىراي ئىپادىڭىزنىڭ ئۆزگىرىشىگىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ. ئۇ سۈتى بىلەن سىزنى بېقىپ، ھاياتىڭىزنىڭ ئاساسىي مۇستەھكەملىكىنى يارىتىدۇ. قولى بىلەن تاماق بېرىدۇ، بەدىنىڭىزنى پاكىزلايدۇ، ئەڭ گۈزەل كىيىملەرنى كىيدۈرىدۇ، سىزنى كۆكسىدە كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ، تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئەركىلىتىدۇ. سىزگە قوشاق ئېيتىدۇ، بالىلار ناخشىلىرىنى ئېيتىپ ئۇخلىتىدۇ، ھاياتىڭىزنىڭ دەسلەپكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ. بۇ مېھىر-شەپقەتنىڭ چوڭقۇرلۇقى، بۇ پىداكارلىقنىڭ تەڭداشسىزلىقى كىمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماس؟! ئانىدىن بەك شەپقەتلىك ياكى مېھرىبان بىر ئىنساننى كۆردىڭىزمۇ؟ مېنىڭچە بۇنداق ئادەم يوقتۇر. ئانا – ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى. ئانا ئۆزى يېمەي، سىز يېگەندىلا يەيدۇ؛ ئۆزى ئىچمەي، سىز ئىچكەندىلا ئىچىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ قارنىڭىزنى تويغۇزۇش، تەشنالىقىڭىزنى قاندۇرۇش ئۆزىنىڭ ھەرقانداق ئېھتىياجىدىن مۇھىم. ئۆزى ئۇخلىماي، سىز ئۇخلىغاندىلا ئۇخلايدۇ؛ ئۆزى ئارام ئالماي، سىز ئارام ئالغاندىلا ئارام ئالىدۇ. بۇ بىر ئۆمۈرلۈك قۇربانلىق. كېسەل بولۇپ قالسىڭىز، ئۇ تەڭ كېسەل بولىدۇ، سىزنىڭ ئاغرىقىڭىز ئۇنىڭ قەلبىدە ئىككى ھەسسە ئازابقا ئايلىنىدۇ. ساقايسىڭىز تەڭ ساقىيىدۇ، قايغۇرسىڭىز تەڭ قايغۇرىدۇ، خۇشاللىقىڭىزدا جان-جەھلى بىلەن خۇشال بولىدۇ. كائىناتتا بۇنداق پاك ھېسسىيات ۋە ساپ خاراكتېرگە ئىگە باشقا بىر ئىنسان بارمۇ؟ مانا بۇ ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، ئۇنىڭ چەكسىز مېھىر-شەپقىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ھېسسىياتى ئۆز بالىسىنىڭ ھاياتى بىلەن ئايرىلماس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئانا 365 كۈن (يەنى يىل بويى) دەم ئالماي، ھەتتا كېچە-كۈندۈز دېمەي ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ھېچقانداق تەتىلى ياكى بىرەر دەم ئېلىش كۈنى يوق. ئۇنىڭ قەلبى ئائىلىسى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ھەمىشە جىددىي ھالەتتە سوقۇپ تۇرىدۇ، ئۇخلىسىمۇ بالىلىرىنىڭ غېمى بىلەن ئۇخلايدۇ، ئويغانسىمۇ بالىلىرىنى ئويلاپ ئويغىنىدۇ، ئائىلىسىنىڭ بەخت-سائادىتى، بالىلىرىنىڭ ۋە جورىسىنىڭ راھىتى ئۈچۈن چېچىنى سۈپۈرگە قىلىدۇ، بۇ يولدا قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىنى قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ راھىتىنى بولسا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. «ئايالنىڭ ئىشى يوق» دەيدىغانلار قېنى جاۋاب بېرىپ باقسۇن! دۇنيادا ئانىنىڭ ئىشىدەك تۈگىمەيدىغان، ھېچقانداق مائاش ئالمايدىغان، دەم ئالىدىغان كۈنلىرى بولمايدىغان، كېچە-كۈندۈز دېمەيدىغان، يىلدا بىرەر كۈنمۇ تەتىلى بولمايدىغان، ئۆز ئىچىدىن كەلگەن قىزغىن مۇھەببەت بىلەن مىننەتسىز قىلىنىدىغان ۋە يىل بويى داۋاملىشىدىغان بىر ئىش بارمۇ؟ ئانىدىن باشقا قانداق بىر ئىنسان بۇنىڭغا چىدايدۇ؟ شۇڭا دېيىشكە بولىدۇكى، ئانا— «24 سائەتلىك» خىزمەتچى، ھەممە ئىشنى بىرلا ۋاقىتتا قىلالايدىغان «قەھرىمان»، بالىلىرى ئۈچۈن ھەمىشە جىددىي ھالەتتە تۇرىدىغان «ئەسكەر»، ئەمما ھېچكىم «مۇكاپات» ياكى «دەم ئېلىش» بېرىپ باقمايدىغان، «ماشىنا ئادەم»گە ئوخشاش ھارمايدىغان ئاجايىپ بىر ئىنساندۇر. ئانىنىڭ پىداكارلىقى ھەققىدە مىڭلارچە داستانلار يېزىلسىمۇ، نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا شېئىر-قوشاقلار توقۇلسىمۇ، يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ، يەنىلا ئۇنىڭ چەكسىز قۇربانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئانىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە پىداكارلىقى ئۆلچەمسىز بىر ئېھسان بولۇپ، ھېچقانداق تىل، ھېچقانداق سۆز ئۇنىڭ چەكسىزلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدۇ. بۇ، ئىنسانىيەت ئەزەلدىن تارتىپ مەدھىيەلەپ كېلىۋاتقان، ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر مۇقەددەس قىممەتتۇر. مۇشۇنداق ئوي-پىكىرلەرگە چۆمگەن ھالدا، 2022- يىلى قازاقىستان دوستلۇق مەھەللىسىدىكى «تۇران» رېستورانىدا خەلقىمىز بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر ئوچۇق سۆھبەت جەريانىدا، شۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئانىلار ماڭا ئانا توغرىسىدا بىر ئەسەر يېزىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىن تەلەپلىرى قەلبىمدە چوڭقۇر ئەكس سادا بەردى ۋە شۇ كۈنىدىن باشلاپلا بۇ ھەقتە ئىزدىنىشكە، ئانا ھەققىدە يېزىلغان ئەسىرلەرنى ئوقۇشقا، ئۆزۈممۇ ئويغا چۆمۈشكە باشلىدىم. گەرچە ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ مۇبارەك تەلەپ ھېچقاچان ئېسىمدىن چىقمىدى. مانا بۈگۈن، ئاللاھ تائالانىڭ ئىرادىسى بىلەن، قەلبىمدىكى ھېسسىياتلار قەلەمگە كېلىپ، ئانا توغرىسىدا يېزىپ ئولتۇرۇۋاتىمەن. جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددىي ئەمگىكىمنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن. بۇ ئەسەرنىڭ ساۋابىنى مېنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان، دەسلەپ ئېغىزىمغا ئىمان سالغان، ئوقۇشۇمغا يول ئاچقان، ھېچبىر مۇرۇۋۋىتىمىزنى كۆرمەي بۇ ئالەمدىن ئايرىلغان مەرھۇمە ئانام پاتەمخانغا ۋە بار-يوقىنى ئاتاپ، يۈرىكىگە تاش قويۇپ، مېنى چەتئەلگە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا ئەۋەتكەن، دۆلىتىمنى كۆرەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن مەرھۇم دادام مۇھەممەد تۇرسۇن ھاجىمغا ئاتىدىم. ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ئالسۇن، ياتقان يېرىنى ئالىي جەننەتلەردىن قىلسۇن، ئامىن. شۇنداقلا، بۇ ئەسەرنى مۇسۇلمان خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىلىملەر قاتارىدىن قىلىپ بېرىشىنى رەببىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن تىلەيمەن. ئامىن!
مۇھەممەد يۈسۈپ |
|