ئايال دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ
مۇھەممەد يۈسۈپ
ئايال ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھايات كۈرىشىگە بىللە ئاتلانغان بولۇپ، تارىخ بويىچە ئايالنىڭ تۆھپىلىرى ئەرنىڭكىدىن ھەرگىز كەم بولماي كەلدى. قۇرئان كەرىمدە ھەۋۋا ئانىمىز، ئاسىيە، مەريەم، ھاجەر، سارە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى، ئاچىسى، بىلقىس قاتارلىق ئاياللار ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. ئىسلامدا تۇنجى ئىمان ئېيتقان ئايال خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغان بولسا، ھاجەر ئانىمىز سافا بىلەن مەرۋە ئوتتۇرىسىدا سەئى قىلىش ئىبادىتى ئۈچۈن سىمۋول قىلىندى. ئىسلامدا تۇنجى شېھىتلىق مەرتىۋىسىگە يەتكەن كىشى سۇمەييە ئىسىملىك ئايال ساھابە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا ئىمام بۇخارى، ئىمام شافىئىي، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە مۇھەممەد فاتىھلارنى يېتىشتۈرگەن ئانىلار ئىسلام تارىخىدا ئىپتىخار بىلەن ئەسلىنىشكە مۇيەسسەر بولدى. ئەپسۇسكى، بىز ئىسلامنىڭ پارلاق كۆرسەتمىلىرىدىن ۋە قۇرئان، سۈننەت يولىدىن يىراقلاشقان ئەسىزلەردىن باشلاپ، ئاياللارنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى سۆزلەش ئەيىب سانىلىدىغان غەلىتە ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالغاندىن كېيىن، بۇ قەھرىمان ئانىلارنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. نەتىجىدە، ئاياللار كۆزىمىزدە كىچىك سانىلىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدە رولى ئېتىراپ قىلىنمايدىغان ھالغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن يارامسىز، مەسئۇلىيەتسىز، غايىسىز بالىلار بارلىققا كەلدى. چۈنكى، بۇ بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازلىرى بولغان ئانىلارغا ۋە ئۇلارنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىلمىدى.
قانۇننى ئۆزگەرتكەن ئاياللار
1. روزا لۇۋىس پاركىس
روزا لۇۋىس پاركىس 1913- يىلى ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ئىندىيان ئايال بولۇپ، ئۇ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى ئامېرىكىدىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىق دەۋر سۈرگەن، ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەر ھەق-ھوقۇقتا باراۋەر بولمايدىغان، ئاق تەنلىكلەر كىرگەن ئاشخانىلارغا قارا تەنلىكلەر كىرەلمەيدىغان، ھەتتا ئاپتوبۇسلاردا قارا تەنلىكلەرنىڭ ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇش ھەققى بولمىغان زامانلاردا خارلىق ۋە كەمسىتىلىش ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ 42 يېشىغا كەلگەنگە قەدەر بۇ ھەقسىزلىقنىڭ شاھىدى بولۇپ ياشايدۇ ۋە بۇ زۇلۇمغا قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ.
روزا لۇۋىس پاركىس بۇ ھەقسىزلىققا قارشى چىقىشنى كۆپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەقسىزلىق ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئىچىنى يەپ ئۆتىدۇ. بىر كۈنى ئۇ جاسارەتكە كېلىپ ئاپتۇبۇستا بى بوش ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئاق تەنلىكلەردىن بىرى بۇ غەلىتە ئەھۋالغا غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئاپتۇبۇستا ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇرۇۋەتمەكچى بولىدۇ. بۇنداق ۋەقەلىكلەر روزا لۇۋىسنىڭ ھاياتىدا مىڭلارچە قېتىم يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم چىداپ تۇرالمايدۇ ۋە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، ئۇ «مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان، مەنمۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا ھەقلىق» دېگەن سۆزىنى جاراڭلىتىدۇ. ئۇ قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئاپتوبۇستىكى ئاق تەنلىكلەر بىرلىشىپ ئۇنى سۈرەپ ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ ۋە ئۇرۇپ، تىللاپ، ھاقارەتلەپ ئاپتوبۇستىن چۈشۈرىۋېتىدۇ. بۇنى ئاز دېگەندەك روزا لۇۋىس ئىرقىي ئايرىمچىلىق قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا 14 دوللار جازا كېلىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان پوپ مارتى لۇسىر كىنج پۈتۈن ئىندىيانلارنى ئامېرىكىدىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلىشقا چاقىرىدۇ. نامايىش خېلى ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ، 181 كۈن ھېچبىر ئىندىيان ئاپتۇبۇسقا چىقمايدۇ. بۇ قارشىلىق ھەرىكىتى ئامېرىكىدا چوڭ تەسىر قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1964- يىلى ئامېرىكىدا ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلىش قانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە «ھەممە گرەجدان ئوخشاش ھوقۇققا ئىگىدۇر» دەيدىغان يېڭى قانۇن لايىھەسى چىقىرىلىدۇ.
روزا لۇۋىس پاركىس ئىرقىي ئايرىمچىلىققا ۋە كەمسىتىلىشكە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى بىلەن ئامېرىكا تەۋەسىدە تونۇلىدۇ ۋە 1996- يىلى ئامېرىكا كونگىرىسى تەرىپىدىن «ئەركىنلىك قەھرىمانى» دېگەن ئۇنۋانغا ئېرىشىپ، ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولغان ئالتۇن مېدالغا لايىق بولىدۇ.
روزا لۇۋىس پاركىس 2005- يىلى، 92 يېشىدا ئامېرىكىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
2. ھالە ئەتىق
ھالە ئەتىق 1966- يىلى سۈرىيەدە بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز مەھەللىسىدە پۈتتۈرگەن، ئۇ 13 يىشىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كىلىدۇ، ئۇلار سۈرىيە پايتەختى شامدىن ئۇچۇپ ئامېرىكىنىڭ نېۋيورك ئايرودرومىغا چۈشىدۇ، ۋە ئايرۇدۇرۇمدا ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىغا GREEN CARD مۇراجىئەت قىلىش ئۈچۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى سۈرەتكە چۈشۈشكە توغرا كىلىدۇ، ھالەنىڭ ئانىسى، ھەدىلىرى ھەممىسى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بېشىدىكى ياغلىقنى ئېلىۋېتىپ، يالاڭباش ھالدا رەسىمگە چۈشىدۇ. ئەمما نۆۋەت ھالەگە كەلگەندە، ئۇ ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە قەتئىي ئۇنىمايدۇ، ئۇلار نېۋيوركتىن يەنە كالىفورنىيەگە ئۇچىشى كىرەك ئىدى، ئايروپىلان قوزغىلىشقا ئاز قالىدۇ، ھالەنىڭ ئاتىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا: «جېنىم قىزىم! رەسمىيەت بېجىرمىسەك ئامېرىكىدا تۇرۇش ئىقامىتىنى ئالالمايمىز، بېشىمىزنى يۆگەپ چۈشكەن رەسىملەرنى بۇلار قوبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سىز بېشىڭىزنى ئېچىشقا مەجبۇر. رەسىمگە چۈشۈۋېلىپ ھامان ياغلىقىڭىزنى تاقىۋالسىڭىز بولىدۇ، ئەمەسمۇ؟ بۇ دېگەن مەجبۇرلۇق، بۇ بىز ئۆزۈر، ئاللاھ كەچۈرىدۇ، قىزىم بىزنى تەڭلىتە قويماڭ...» دېگەن ئاساستا ئۇنى قايىل قىلماقچى بولىدۇ. لېكىن ھالە ئاتىسىدىن: «دادا! بۇ ھىجابنى ئېچىپ رەسىمگە چۈشۈش ئاللاھنىڭ قانۇنىمۇ ياكى بەندىنىڭمۇ؟» دەپ سورايدۇ. دادىسى: «بەندىلەر چىقارغان قانۇن قىزىم» دەيدۇ. ھالە: «ئۇنداقتا، مەن بەندىنىڭ قانۇنىغا بويسۇنىمەن دەپ ئاللاھنىڭ قانۇنىغا خىلاپ قىلالمايمەن، چۈنكى ئاللاھ ھىجابنى پەرز قىلغان. بېشىمنى ئاچمىسام مېنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلمايدىغان ئىش بولسا مەن سۈرىيەگە قايتىپ كېتەي دادا! چۈنكى، مەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن قورقىمەن» دەپ چىڭ تۇرىدۇ. ئايروپىلان ئۇلارنى ساقلاپ تۇرالماي ئۇچۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنى كالىفونىيەگە بارىدىغان ئايروپىلان بىلىتى كۈيۈپ كېتىدۇ. ھالە بېشىنى ئېچىشنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرغان مەسئۇللار قىزنىڭ ئىرادىسىدىن قاتتىق تەسىرلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز-ئارىسىدا كۆپ مەسلىھەت قىلىشىش ئارقىلىق ھالەنىڭ بېشىنى يۆگەپ ياغلىقى بىلەن رەسىمگە چۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. بۇ 1979- يىلى بولۇپ، شۇ يىلى ئامېرىكىدا «ئاياللار پاسپورت ياكى قانداقلا بىر رەسمىيەت ئۈچۈن بېشىنى يۆگەپ رېسىمگە چۈشسە بولىدۇ» دەيدىغان قانۇن لايىھەلىنىدۇ.
ھالەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولۇپ، قايتا بېلەت ئېلىپ، نېۋيوركتىن كالىفورنىيەگە يېتىپ كەلگەندە چوڭ بىر مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ. يەنى ھالە ئائىلىسىدىكىلەرنى ساقلاپ بولالماي ئۇچۇپ كەتكەن ئايروپىلان ۋەقەگە ئۇچراپ، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ھەمىسى قازا قىلغان ئىدى.
شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغانلار ھەرگىز زىيان تارتمايدۇ.
ئاللاھ تائالا بىزگە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق تەلىم بەرگەن: ﴿وَمَنْ يَتَّقِ اللَّهَ يَجْعَلْ لَهُ مَخْرَجًا﴾ «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ».

