قىز-ئوغۇللىرىمىز قانداق جور تاللايدۇ؟ қиз-оғуллиримиз қандақ җор таллайду

قىز-ئوغۇللىرىمىز قانداق جور تاللايدۇ؟

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئائىلىنىڭ ئەھمىيىتى

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى، قەلبى ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، ۋەتىنى سۆيىدىغان، مىللىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراملىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئورۇن. ئىنسانلارغا رەببىنى تونۇتقان پەيغەمبەرلەر، پەيغەمبەرلەرگە ۋارىسلىق قىلغان ئۆلىمالار، ھەق ۋە ئادالەت يولىدا كۈرەش قىلغان مۇجاھىدلار، ھەر قايسى ساھەلەردە نەتىجە يارىتىپ ئىنسانلارغا تۈرلۈك پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئوڭايلاشتۇرغان ئىلىم-پەن ئالىملىرى ئەنە ئائىلىدىن يېتىشىپ چىققان. شۇڭا ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم مەركەزدۇر.

ئىككى مۇئمىن ياشنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ ئائىلە قۇرۇشى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن بايلىق ۋە كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسىدۇر. چۈنكى، ئىسلامنىڭ گۈزەل كېلەچىكى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىلگەن، ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ۋە شۇ يولدا ھارماي-تالماي ئىشلەيدىغان ئەۋلادلارغا ئېھتىياجلىقتۇر.

ئۆيلىنىشنى ئوڭايلاشتۇرايلى!

مۇھاجىرەتتىكى قىز-ئوغۇللىرىمىزنىڭ تەقۋالىقنى ئاساس قىلغان ئائىلىلەرنى قۇرۇپ چىقىپ، ئانا ۋەتەندىكى سۆيۈملۈك خەلقىمىزنىڭ ھۆر، ئازادلىقى ئۈچۈن ياراملىق دىندار ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئەۋلادلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسى بار. بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان دىنىي ۋە مىللىي ۋەزىپىدۇر. شۇڭا بىز ياشلىرىمىزنىڭ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇش ئىشلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇشقا، ئۆيلىنىشنىڭ ۋە توي ئۆتكۈزۈشنىڭ شەرتلىرىنى ئازايتىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. چۈنكى، ھەممىمىز مۇساپىر، ھەممىمىز ياتلارنىڭ يېرىدە ھاياتلىق مۇجادىلىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرمىز. بۇ سەۋەبتىن كۆپىنچىىمز يۇرتىمىزدىكىدەك ھەشەمەتلىك ۋە كۆپ چىقىملىق تويلارنى ئۆتكۈزەلمەيمىز.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى ۋەتەندە قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ياكى ئۇكا-سىڭىللىرىمىزدۇر. ئۇلارنىڭ ئائىلە قۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىش بىزنىڭ بورچىمىز ۋە دىنىي ھەم مىللىي ۋەزىپىمىز.

ياشلارنىڭ ئائىلە قۇرۇش ئىشىلىرىغا ياردەم قىلىش ماددىي جەھەتتىن بولغاندەك، كۆپرەك مەنىۋى جەھەتتىن بولىدۇ. چۈنكى، ئاتا-ئانىسى يېنىدا بولمىغان تەسەللىگە، ھېسداشلىققا، غېمىنى يېيىشكە، مەنىۋى دەستەككە، ماددىي ياردەمگە موھتاج بولۇۋاتقان، موھتاجلىنى ۋە دەرد-ئەلەملىرىنى ئېيتالمايدىغان ئوغۇل-قىزلىرىمىنىڭ يۈكلىرىنى يەگىللىتىش ھەممىمزىنىڭ قىلىشا تېگىشلىك ئىشىمىزدۇر.

ياشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئۇلارغا پۇل بېرىش بىلەنلا بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىش، يول كۆرسىتىش، دەردلىرىنى تىڭشاش، ئوقۇش، ئىش تېپىش، ئۆيلىنىش ئىشلىرىغا ئىگە بولۇش ياكى ھېچبولمىغاندا دەستەك بېرىش بىلەن بولىدۇ.

 

قىز- ئوغۇللىرىمىزنىڭ جورىسى قانداق بولۇش كېرەك؟

بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىككىلى دۇنيادا بەخت-سائادەتلىك بولۇشىنىڭ يوللىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق ناھايىتى روشەن ۋە تولۇق بايان قىلغان ۋە ئۆگەتكەندەك، قىز- ئوغۇللارنىڭ كىملەر بىلەن ئائىلە قۇرسا بەختلىك بولىدىغانلىقىنىمۇ مۇكەممەل بىلدۈرگەن.

ھەممە ئادەم قىز-ئوغۇللىرىنى ياخشى بىرسىگە ئۆيلەندۈرۈشنى خالايدۇ، قىزلارمۇ-ئوغۇللارمۇ ئۆزلىرىگە ياخشى بىر جۈپ ئىزدەيدۇ. ئىسلام دىنىمىز بىزگە ياخشى ئەر بىلەن ياخشى ئايالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 

ئىسلام نەزىرىدىكى ياخشى ئەر

ئىسلام نەزەردىكى ياخشى ئەر ـ ئۇنىڭدا پۈتۈن ئىنسانلىق پەزىلەتلەر ۋە ئەرلىك خىسلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، ھاياتلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغان، دىيانەتلىك، راستچىل ئەردۇر.

ئەر قانچىلىك باي بولۇپ كەتسۇن ياكى چوڭ مەنسەپلىك ۋەياكى كاتتا ئابرۇيلۇق بولۇپ كەتسۇن، ئۇنىڭ دىيانەتتىن ۋە گۈزەل ئەخلاقتىن نېسىۋىسى بولمىسا، ئۇ ئىسلام نەزەردىكى ياخشى ئەر سانالمايدۇ.

ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز ــ چوكانلار ئەگەر تۇرمۇشتا بەختلىك بولاي دېسە، ئەڭ ئاۋۋال ئىسلام نەزەردىكى ياخشى ئەرنى تاللىشى، شۇنىڭدەك دىيانەتسىز ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە، مال دۇنياسىغا، يۈزـ ئابرۇيىغا، ئالىي مەنسىپىگە، چوڭ دىپلومىغا ئالدىنىپ كەتمەسلىكى لازىم.

بىزنىڭ يولباشچىمىز ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام نەزەردىكى ياخشى ئەرنىڭ خىسلەتلىرىنى ئىخچاملىغان ۋە ئۇنى دىن بىلەن ئېسىل ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى نەرسىگە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىر كىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىز ئۆيلەندۈرۈڭلار! ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە چوڭ بۇزۇقچىلىقنى تېرىغان بولىسىلەر»، ساھابىلەر: يا رەسۇلۇللاھ! ئەگەر ئۇنىڭدا(يەنى يوقسۇللۇق ياكى باشقا كەمچىلىك) دېگەندەك نەرسىلەر بولسىچۇ؟ دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىنى ۋە ئەخلاقى سىلەرنى رازى قىلىدىغان، قانداقلا بىركىشى سىلەردىن قىز سوراپ كەلسە، ئۇلارنى تىزدىن ئۆيلەندۈرۈڭلار»([1]) دېگەن ئىبارىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ.

 

ئىسلام نەزىرىدىكى ياخشى ئايال

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ ئۆز جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە تەلىم بېرىپ مۇنداق دېگەن : «كىشىلەر ئاياللارنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ، ئۇنىڭ بايلىقىغا، چىرايىغا، نەسەبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن، شۇنداق قىلساڭ پايدا تاپىسەن»([2]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەپ قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت سۈپەتنى بايان قىلىپ، ئاخىردا، دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاپ، ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

بەزى كىشىلەر جورىسى بولىدىغان ئايالنى تاللاشتا، ئۇنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئۈچۈن ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇنىڭ بايلىقىنىلا كۆزدە تۇتىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئايالنىڭ مەنسىپى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ دىيانىتىدىن ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال، ئايالنى دىيانەتنى ئاساس قىلغان ھالدا تاللايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى مانا مۇشۇ.

«دىيانەتلىك» دېگەن سۈپەت يۇقىرىقى ئۈچ سۈپەت بىلەن بىرگە تېپىلسا تېخىمۇ ياخشى، ئەگەر باشقىسى بولمىسىمۇ، دىيانەت ئۆزى يالغۇزلا يۇقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، ئەلۋەتتە.

يۇقىرىقى ئىككى ھەدىسكە كۆرە، قىزنىڭ ئۆزىگە جور تاللاشتىكى پىرىنسىپى يىگىتىنىڭ دىيانتى بىلەن ئەخلاقى، ئوغۇلنىڭ ئۆزىگە جور تاللاشتىكى پىرىنسىپى قىزنىڭ دىيانىتىدۇر. يەنى دىندار ۋە ئەخلاقلىق يىگىت قىزلارنىڭ تاللىشىغا سازاۋەر بولىدىغان ئەڭ لايىق يېگىتتۇر. دىيانەتلىك قىز ئوغۇللارنىڭ تاللىشىغا سازاۋەر بولىدىغان ئەڭ لايىق قىزدۇر.

نېمە ئۈچۈن ئوغۇلغا دىيانەت بىلەن ئەخلاقتىن ئىبارەت ئىككى شەرت، قىزغا دىيانەتتىن ئىبارەت بىرلا شەرت قويۇلغان؟ چۈنكى، ئەر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، ئايالنىڭ ھىمايىچىسى، ئائىلىنىڭ باشلىقىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭ دىندار بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەخلاقلىق بولۇشى زۆرۈر. ئەگەر ئەر شۇنداق بولمىغاندا ئايالىنى ئورىدىغان، خارلايدىغان، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە ئەرنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشى تەكىتلەنگەن. بۇ دېگەنلىك ئايال ئەخلاقلىق بولمىسىمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئايالنىڭ ئەخلاقى ھەممىدىن بەك مۇھىم.

 

دىندارلىق دېگەن نېمە؟

دىندارلىق - ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلاردا قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئىش كۆرۈش، دىنىمىزنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداپ، مەنئى قىلىنغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، ئەمەلىيىتى ۋە مۇئامىلىسى بىلەن كىشىلەرگە ئۈلگە بولۇش دېگەنلىكتۇر.

 

ئەخلاق دېگەن نېمە؟

ئەخلاق- ھەر ئىشتا دۇرۇس، ئادالەتلىك، راستچىل بولۇش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتكە ئىشەنچلىك، سۆيگۈ–ۋاپالىق، ئىمان ـ ئېتىقادلىق بولۇش، ئائىلىسىدىكىلەرگە مېھرىبان، ئاتا– ئانىغا ۋاپادار، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا كۆيۈمچان، قوشنىلارغا ئەپۇچان، ھايۋانلارغا رەھىمدىل بولۇش، مەيلى دۇنيالىق، مەيلى ئاخىرەتلىك بولسۇن ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىش ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنداش، خاتالىقىنى دادىل ئېتىراپ قىلىش، ئەدەپلىك، جاسارەتلىك، سېخىي، مەرد، پاكىز، كۆكسى–قارنى كەڭ بولۇش، ھەر ئىشتا ھەقىقەتنى كۆزلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە يۆلىنىش، ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق بولۇش، نومۇسىنى ساقلاش، ۋەتەنگە، خەلققە ۋە پۈتۈن ئىنسانلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش ۋە باشقىلار.

 

دىندارلىق بىلەن ئەخلاق ئەڭ چوڭ بايلىقتۇر

دىندارلىق بىلەن ئەخلاقتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى شەرتنى ئۆزىدە ھازىرلىغان ھەرقانداق قىز- ئوغۇل جور بولۇشقا ۋە بىللە ئائىلە قۇرۇشقا ئەڭ لايىقتۇر. شۇڭا قىز-ئوغۇللار ئۆزلىرىگە جور تاللاشتا بۇ ئىككى خىسلەتنى ئاساس قىلىشى، ئۆيى بارمىكەن؟ ماشىنىسى بارمىگەن، دىپلومى بارمىگەن؟ قۇرئان يادلىغانمىكەن؟ دېگەنلەرنى ئەمەس ئالدى بىلەن دىن ۋە ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى خىسلەت بارمۇ يوق، بۇنى سۈرۈشتە قىلىشى لازىم. يۇقىرىقىلار بۇ ئىككى خىسلەت بىلەن بىللە بولسا تېخى ياخشى، ئەگەر ئۇلار بولماي بۇ ئىككىسىلا بولسىمۇ يېتەرلىكتۇر. چۈنكى دىن ۋە ئەخلاق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ناۋادا قارشى تەرەپتە دىن ۋە ئەخلاق بولماي، قارۇننىڭ بايلىقى ياكى پىرئەۋننىڭ پادىشاھلىقى ۋەياكى دۇنيانىڭ شۆھرىتى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئائىلىنى بەختلىك ئائىلە دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، بەخت-سائادەت پۇل-مال بىلەن بولمىغاندەك، مەنسەپ ۋە شۆھرەت بىلەنمۇ بولمايدۇ، ئۇ پەقەت ھەقىقىي دىندارلىق ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن بولىدۇ.

 

بىراۋنىڭ ئەخلاقى ئۇنىڭ ئىبادىتىدىن مۇھىمدۇر

ئىبادەت دىننىڭ قىسمىدۇر. چۈنكى، دىن ئىككى چوڭ ئاساسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرى ئەقىدە، يەنە بىرى ئىبادەتتۇر. بۇنى ئىسلام قانۇنشۇناس ئالىملىرى«أصول وفروع» يەنى (ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە شاخچە مەسىلىلەر) دەپ ئاتايدۇ. ئاساسلىق مەسىلىلەر- ئەقىدە مەسىلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئەقىدە ھەممىدىن مۇھىمدۇر. شاخچە مەسىلىلەر- ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئىبادەتلەر ئەقىدىگە باغلىقتۇر. شۇڭا ئەقىدىسى توغرا بولمىغان كىشىنىڭ ئىبادەتلىرى قوبۇل بولمايدۇ.

ئەخلاق دىننىڭ ھەممىسىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»([3]) دېگەن. ئەخلاق پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشىنىڭ غايىسى قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىسلامنىڭ غايىسى ئەخلاق دېگەنلىكتۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەقەت ئەخلاق ئۆگىتىش ئۈچۈنلا پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەنمۇ؟ دەپ ھەيران بولغۇچىلارغا ئېيتىمىزكى، ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا:﴿وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِّلْعَالَمِينَ﴾يەنى ﴿بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾([4])دەيدۇ.

ئۇنداقتا، رەھمەتنىڭ مەنىسى نېمە؟

رەھمەت سۆزى لۇغەتتە كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق، شەپقەت، رەھىمدىللىك دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. رەھمەت سۆزىنى مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم ئابدۇلقاھىر جۇرجانىي: «باشقىلارغا ياخشىلىق يەتكۈزۈش» دەپ تەرىپلىگەن.([5]) ئىسلاھاتچى ئالىم ئىبنى قەييىم جەۋزىي ئۇنى:«ئەخلاق- جاپا تارتسىمۇ، كۆڭلى خالىمىسىمۇ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەقەززا قىلىدىغان سۈپەتتۇر» دەپ تونۇشتۇرغان.([6])

ئەخلاقنىڭ بۇ ئايەت بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟

قېنى ئويلاپ كۆرۈڭ... ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، خىيانەتچىلىك، ئىشەنچسىزلىك، شەپقەتسىزلىك، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق، بىر-بىرىگە كۆيۈنمەسلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەر دەۋر سۈرگەن بىر ئائىلىدە ۋە جەمئىيەتتە رەھمەتنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولامدۇ؟

شۇڭا كەسكىن ئېيتالايمىزكى، «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم»دېگەن ھەدىس بىلەن﴿بىز سېنى ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾ دېگەن ئايەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئالدىنقىسى كېيىنكىسىنى روياپقا چىقىرىدىغان ھالقىلىق مۇناسىۋەتتۇر. چۈنكى ئەخلاق بولماستىن رەھمەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئۇنداقتا، ئەخلاق ئىبادەتتىن مۇھىممۇ؟ بۇ نېمە ئۈچۈن؟

شەكسىزكى، ئەخلاق ئىبادەتتىن مۇھىم. چۈنكى، ئىبادەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشان ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ياشايدىغان قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. ناۋادا ئىبادەت بۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا،ئۇنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكەتلىرىدىن ھېچبىر پەرقى بولماي قالىدۇ.

يەنە كېلىپ، ئىبادەت قىلىنىش ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدۇر، شۇڭا ئىبادەت ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئۇ ئىبادەتتىكى كەمچىلىكلەرنى ۋە نۇقسانلارنى خالىسا بەندىنىڭ تەۋبىسى بىلەن، خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن كەچۈرىۋېتىدۇ. ئەمما ئەخلاقسىزلىقنىڭ گۇناھىنى يەنى بىراۋنىڭ يەنە بىرىگە قىلغان يولسىزلىقىنىڭ، يامانلىقىنىڭ ۋە ئەسكىلىكىنىڭ گۇناھىنى ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدۇ. چۈنكى گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە كۆرۈش بەندىلەرنىڭ ھەققى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى، يۈز- ئابرۇيى ۋە قەدىر-قىممىتى قوغدىلىشقا بۇيرۇلغان. يەنى ئىنسانلاردىن باشلاپ ھەربىر مەخلۇقاتنىڭ قوغدىلىش ھەققى بار. شۇ سەۋەبتىن بىراۋنىڭ ئىبادەتلىرى ئۇنىڭ مەخلۇقاتقا قارىتا سادىر قىلغان ئەخلاقىي قىلمىشلىرىنى يۇيۇيالمايدۇ ۋە گۇناھلىرىنى ئۆچۈرەلمەيدۇ. ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر ئايال بىر مۈشۈكنى نان، ياكى سۇ بەرمەستىن، ياكى يەردىن بىر نەرسە تېپىپ يېيىشى ئۈچۈن قويۇپ بەرمەستىن، سولاپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى تۈپەيلى دوزىخى بولۇپ كەتتى»([7]) دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال – مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگەپ قالسا، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ، ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا بۇ، مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر»([8])دېگەن.

ھەدىستە كۆرگىنىمىزدەك، ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولماسلىقىنىڭ ۋە ئاخىرەتتە ئەسقاتماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ناچار ئەخلاقتۇر.

 

سۆزىدە تۇرماسلىق قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى يېگەنلىكتۇر

«پالانى پالانىنىڭ ھەققىنى يېۋالدى» دېيلگەن ھامان ئەقلىمىزگە ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالغان ئوخشايدۇ دېگەن ئوي كېلىدۇ. ئەسلىدە ھەق پۇل – ماللا ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ يۈز- ئابرۇيى، قەدىر- قىممىتى، ۋاقتى، ئۆمرى، پۇل- مېلى ۋە ئىلكىدە بولغان ھەر نەرسىسى ئۇنىڭ ھەققىدۇر. بىراۋغا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ۋاقتىدا كەلمەي ئۇنى ساقلىتىش ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ھەققىنى يېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقتى پۇل-مېلىدىن قىممەتلىك ۋە ئۆمرىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئۇنىڭ بىراۋنى ساقلاش جەريانىدا بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتى ئۆمرىنىڭ بىر پارچىسىنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ زىيانغا كىم سەۋەب بولغان بولسا، ئۇنىڭ ھەقىقىنى يېگەن بولىدۇ. ۋاقىت ئوغرىسى پۇل ئوغرىسىدىن ياماندۇر. چۈنكى ئوغرىلانغان پۇلنى قايتۇرۇپ ئالغىلى ياكى قايتا ئىشلەپ تاپقىلى بولىدۇ، ئەمما ئوغرىلانغان ئۆمۈرنى قايتۇرۇپ ئالغىلى ياكى سېتىپ ئالغىلى بولمايدۇ.

ۋاقىتقا رىئا قىلىشتا بىز مۇسۇلمانلار تولىمۇ بىپەرۋا، تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەرمىز. ئەسلىدە بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىز، خۇسۇسەن بەش ۋاخ ناماز بىزگە ئىنتىزام ۋە ۋاقىت قارىشىنى ئۆگىتىدۇ، ئەمما بىز ئۆگەنمەيمىز. بىز خۇددى دوختورنىڭ دورىسىنى ۋاقتى - قەرەلىدە يەپ تۇرۇپ ساقايمىغان كونا كېسەلدەك، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ مېۋىسىنى ئالالمىغان، مەنىۋى كېسەللىكلىرىمىزنى ساقايتالمىغان بىچارىلەرمىز.

ۋاقىت ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. ۋاقىت بىلەن قەسەم قىلىنغان ئەسر سۈرىسى بۇنىڭ مىسالى. مۇئمىنىۇن سۈرىسىدە نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان مۇئمىنلەرنىڭ خىسلەتلىرى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە، مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا ئەڭ مۇھىم بولغان ناماز ۋەدىگە ۋاپا قىلىشتىن كېيىن كەلتۈرۈلگەن. ئاللاھ تائالا ﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ﴾ «ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر» دېگەن ئايەتتە مۇئمىنلەرنىڭ ئامانەتلەرگە ۋە ۋەدىسىگە رىئايە قىلىدىغانلىق خىسلىتى بايان قىلىنغان، ئاندىن ﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ﴾ «نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەلەپكە لايىق) ئادا قىلغۇچىلاردۇر»([9]) دېگەن ئايەتتە ئۇلارنىڭ نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيدىغانلىق خىسلىتى بايان قىلىنغان. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىكى تەرتىپلەر مەقسەتسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە.

دېمەكچى بولغان شۇكى، ۋاقىتقا رىئا قىلمايدىغان، ۋەدىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئادەم ھەرگىز ياخشى ئادەم ئەمەس، چۈنكى ئۇ مۇئمىنلىك سالاھىيىتىگە چۈشمەيدۇ، بەلكى مۇناپىقلىققا چۈشىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: ئۇلار سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ»([10]) دەپ كۆرسەتكەن.

 

ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئايرىلمايدىغان بىر پۈتۈنلۈكتۇر
ئىنسان تەنتەربىيە ئارقىلىق جىسمانىي ساغلاملىققا ئېرىشسە، ئىبادەت ئارقىلىق روھىي گۈزەللىككە ۋە گۈزەل ئەخلاقلارغا ئېرىشىدۇ. بەزى كىشىلەر مەسجىدتە ناھايىتى ئەخلاقلىق بولسىمۇ، ئەمما مەسجىدنىڭ سىرتىدا، جەمئىيەتتە، ئائىلىسىدە، ئىش ئورنىدا، ئۇ باشقا بىر ئىنسان...

ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق چوڭ ئايرىلىش نەتىجىسىدە، ئىسلام دۇنياسىدا، مۇنداق ئىككى خىل ئىنسانلار مەۋجۇت:

بىرى، ئەخلاقى ناچار، ئەمما ئىبادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئورۇندايدىغانلار،

يەنە بىرى، ئەخلاقى ياخشى، ئەمما ئىبادەتلەرنى ياخشى ئورۇندىمايدىغانلار، ياكى پەقەت ئورۇندىمايدىغانلار.

جەمئىيەتتە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار مۇئامىلە ئىشلىرىدا ناھايىتى راستچىل، دۇرۇس ۋە ئىشەنچلىك، ئەمما ناماز ئوقۇمايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر باركى، ئۇلار ئىبادەتلەرگە ناھايىتى ھېرىسمەن بولسىمۇ، ئەخلاقى ناچار بولغانلىقتىن بىراۋنى ئالدايدۇ، يەنە بىرىگە ئازار قىلىدۇ.

بۇ ئىككى پىرقىنىڭ ھېچقايسىسى ئىسلامدىن ئەمەس!([11])

سۇ بىلەن ئوت بىرلىشەلمىگەندەك، تەلەپكە لايىق ئورۇندالغان ئىبادەت بىلەن ناچار ئەخلاق بىرلىشەلمەيدۇ.

«قۇرئان كەرىم» بەختكە ئېرىشىدىغان ھەقىقىي مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان جىمى ئايەتلەردە، ئۇلارنىڭ ئەخلاقى بىلەن ئىبادىتىنى ماختىغان. مەسىلەن: مۇئمىنۇن سۈرىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:

﴿قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ﴾ «مۇئمىنلەر ھەقىقەتەنبەختكەئېرىشتى. ئۇلار (شۇنداق مۇئمىنلەركى) نامازلىرىدا (ئاللاھنىئۇلۇغلىغانلىقتىن) ئۇنىڭدىنئەيمىنىپتۇرغۇچىلاردۇر». بۇئىبادەت.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ﴾«ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر». بۇ ئەخلاق.﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ﴾«ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر». بۇ ئىبادەت.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَامَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ فَمَنِ ابْتَغَى وَرَاءَ ذَلِكَ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْعَادُوْنَ﴾ «ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن(يەنى ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر. ئۆز ئاياللىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن جىنسىي يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ. بۇنىڭ سىرتىدىن(جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر». بۇ ئەخلاق.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ﴾«ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر». بۇ ئەخلاق.

﴿وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ﴾ «نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەلەپكە لايىق) ئادا قىلغۇچىلاردۇر».([12]) بۇ ئىبادەت.

 

«قۇرئان كەرىم» يەنە ئاللاھتائالانىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ياخشى بەندىلەرنىڭ سۈپەتلىرىنىمۇ ئۇلارنىڭ ئىبادىتى ۋە ئەخلاقى بىلەن بىرگە بايان قىلغان. مەسىلەن: فۇرقان سۈرىسىدە مۇنداق كەلگەن:

﴿وَعِبَادُ الرَّحْمَنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ الْجَاهِلُونَ قَالُوا سَلَامًا﴾ « رەھمان تائالانىڭ(ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى، زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا(نالايىق) سۆز قىلسا، ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ(ۋە ئوز يولىغا داۋام قىلىدۇ)». بۇ ئەخلاق.

﴿وَالَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمْ سُجَّدًا وَقِيَامًا﴾«ئۇلار كېچىلەرنى رەببىگە سەجدە قىلىش ۋەقىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ». بۇ ئىبادەت.

﴿وَالَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا اصْرِفْ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا إِنَّهَا سَاءتْ مُسْتَقَرًّا وَمُقَامًا﴾ «ئۇلار: «رەببىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى يىراق قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئازابى (كاپىرلاردىن) ئايرىلمايدۇ.ئۇ ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر» دەيدۇ». بۇ ئىبادەت.

﴿وَالَّذِينَ إِذَا أَنفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا وَكَانَ بَيْنَ ذَلِكَ قَوَامًا﴾«ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئىككىسىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرھاليول تۇتىدۇ».([13]) مانا بۇ ئەخلاق.

دېمەك، دىنىمىزنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى ئىبادەت بىلەن ئەخلاق ھەر ئىككىسىدۇر.

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ مائۇن سۈرىسىدە: ﴿أَرَأَيْتَ الَّذِي يُكَذِّبُ بِالدِّينِ . فَذَلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ . وَلَا يَحُضُّ عَلَى طَعَامِ الْمِسْكِينِ. فَوَيْلٌ لِلْمُصَلِّينَ . الَّذِينَ هُمْ عَنْ صَلَاتِهِمْ سَاهُونَ . الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ. وَيَمْنَعُونَ الْمَاعُونَ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ئاخىرەت كۈنىنى يالغان دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر. شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن بىپەرۋا كىشىلەردۇر. ئۇلار رىياكارلىق قىلىدىغان، (يىپ، يىڭنە چاغلىق) ئەڭ ئەقەللىي نەرسىنىمۇ ئۆتنە _ يېرىم قىلمايدىغان كىشىلەردۇر» دېيىش ئارقىلىق ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان كاپىر ئادەمنىڭ يېتىمنى دۈشكەلەش، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلماسلىق ۋە ئۆتنە - يېرىم قىلماسلىق قاتارلىق ئەخلاقتىكى قىلمىشلىرىدىن بىر قانچىسىنى ئەيىبلىگەن بولسا، رىياكارلىقتىن ئىبارەت ئىبادەتتىكى بىرلا قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەخلاققا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ گۇناھى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئورۇندىماسلىق ۋە رىياكارلىقنىڭ گۇناھىدىن چوڭدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ «قىل» ۋە «قىلما» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا بەندىنىڭ تەۋبىسى بىلەن كەچۈرىدۇ، ئەمما مەخلۇقاتنىڭ، خۇسۇسەن ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە تەئەللۇق بولغان قىلمىشلارنىڭ گۇناھىنى ئۇلار كەچۈرمىگىچە كەچۈرمەيدۇ.

 

بىراۋنى ئىبادىتىگە قاراپلا ياخشى ئادەم دېگىلى بولمايدۇ

ئىبادەتلەرنىڭ بۇيرۇلۇشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىشتۇر. چۈكى، ناماز، زاكات، روزا، ھەج، قۇرئان ئوقۇش، دۇئا قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ھەبىرى ئىنساننىڭ ئەخلاقىنى تۈزەپ، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىگە لايىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەل- ئىبادەتلىرى گۈزەل ئەخلاقلىق قىلالمىغان. شۇڭا ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق ۋەدىسىدە تۇرماسلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، سودىدا يالغانچىلىق قىلىش، كىشىلەرنى قاقتى-سۇقتى قىلىش، بىراۋلارنىڭ ھەققىنى يېۋېلىش، زۇلۇم قىلىش، ئائىلە ئەزالىرىغا قاتتىق قوللۇق قىلىش، قوشنىلىرىغا ھەقسىزلىق قىلىش قاتارلىق ئەخلاقىي قىلمىشلارنى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ يۈرىدىغان ۋە ئىبادەتلەرنى قىلىۋاتقان كىشىلەر سادىر قىلماقتا.

شۇڭا بىرلىرىنىڭ مەسجىدلەردە ناماز ئوقۇغانلىقىغا ياكى ھەرەمگە كۆپ بارغانلىقىغا ياكى مەدرىسىدە ئوقۇغانلىقىغا قاراپلا ئۇلارغا باھا بەرمەسلىك لازىم. چۈنكى، ئىبادەتلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى مۇناپىقلارمۇ ئوقۇيتتى، باشقا ئىبادەتلەرنىمۇ قىلاتتى. بىر ئادەمنىڭ دۇرۇسلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ پۇل مۇئامىلىسىگە قاراش كېرەك.

بىراۋنىڭ تەقۋادار ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنىڭ مەسجىدلەرگە كۆپ بارغانلىقىدىن ياكى مۇسۇلمانچە كىيىنگەنلىكىدىن بىلگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، تەقۋالىق قەلبتە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەسىرى ئادەمنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىدا ۋە مۇئامىلىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما بەزى ئادەملەر قەلبىدە بولمىغان تەقۋالىقنى ياسالمىلىق بىلەن بىر ئوبدان كۆرسىتەلەيدۇ. شۇڭا ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەر ئالداپ كېتەلەيدۇ. ئۇلار ئۆتكۈلدىن ئۆتۈۋالغاندىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋە ۋەھشىي يۈزىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا بىر ئادەم يەنە بىر ئادەم ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگىلى كىرىدۇ. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۇ ئادەمدىن: «سەن گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان ئادىمىڭنى تونۇمسەن؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم: «ھەئە، تونۇيمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۆمەر ئۇنىڭدىن: «سەن ئۇنىڭ بىلەن قوشنا بولغانمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم: «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۆمەر: «ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن پۇل مۇئامىلىسى قىلىپ باقتىڭمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۆمەر: «ئۇنداقتا بىرگە سەپەر قىلىپ باقتىڭمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئادەم يەنە: «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاندىن ئۆمەر: «ئۇنداقتا، سەن ئۇ ئادەمنى مەسجىدتە كۆرگەن ئوخشايسەن» دەيدۇ. ئادەم: «ھەئە، مەن ئۇنى مەسجىدتە كۆرگەن ئىدىم» دەيدۇ. ئاندىن ئۆمەر: «يوقال! سەن ئۇنى تونۇمايسەنكەن» دەپ قوغلىۋېتىدۇ.

 

 

[1]))    تىرمىزىي رىۋايىتى
[2]))    بۇخارى رىۋايىتى
([3]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
([4])21- سۈرە ئەنبىيا107-ئايەت
([5]) تىلشۇناس ئالىم ئابدۇلقاھىر جۇرجانىي__ قەدىمدە ئىران، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چوڭ خۇراسان مەملىكىتى بىلەن كاسپى دېڭىزى بويىدىكى تەبەرىستان رايونى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان جۇرجان دېگەن شەھەردە دۇنياغا كېلىپ، ھىجرىيەنىڭ 471- يىلى(1078م) ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ تەپسىرشۇناسلىق ئىلمى، ئەرەب ئەدەبىياتى، شېئىر، مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس، بەدىئىي ئىپادىلەش سەنئەتلىرى بويىچە كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلىرى مەۋجۇت.
([6]) ئىبنى قەييىم جەۋزى __ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى. ئۇ ھىجرىيىنىڭ 691- يىلى(1292م) دەمەشىقتە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەدە ئوقۇغان. تەپسىر، ھەدىس، فىقھى ۋە ئەرەب تىلى ئىلىملىرىدە توشقان ئالىم. ئۇنىڭ فىقھىشۇناسلىقتا قىممەتلىك ئەسەرلىرى بار. ھىجرىيىنىڭ 751-يىلى(1349م) دەمەشىقتەئالەمدىن ئۆتكەن.
([7]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
([8]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
([9])23- سۈرە مۇئمىنۇن1~9-ئايەتلەر
([10]) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
([11]) ئۇستاز ئەمر خالىدنىڭ «مۇئمىننىڭ ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى.
([12])23- سۈرە مۇئمىنۇن1~9-ئايەتلەر
([13]) 25- سۈرە فۇرقان63~67-ئايەتلەر.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار