ئۇنتۇش سەنئىتىنى ئۆگىنىۋېلىڭ! унтуш сәнитини өгинивелиң

ئۇنتۇش سەنئىتىنىمۇ ئۆگىنىۋېلىڭ!

مۇھەممەد يۈسۈپ

ئەستە تۇتۇش نېمەت بولغاندەك ئۇنتۇشمۇ نېمەتتۇر. چۈنكى، ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىرىنى ئۇنتۇشنىڭ ئۆزى ھۇزۇر ۋە راھەتتۇر. سىز باشقىلارغا ئۆزرىخاھلىق ئېتيتقان ۋاقتىڭىزدا ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىڭىزنىڭ بەدىلىنى تۆلەشكە ئۇرۇنغان بولىسىز، ئەمما باشقىلار سىزگە قىلغان يامانلىقى ئۈچۈن ئۆزرىخاھلىق ئېيتمىسا ئەھۋال قانداق بولماقچى؟

بۇ ئەھۋالدا، سىزنىڭ ئۇنتۇش ۋە كەچۈرۈش سەنئىتىنى ئۆگىنىشىڭىز زۆرۈر. بۇ باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

بالىلىق چاغلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى كۈندۈزى مەكتەپكە بېرىپ، ئاخشىمى يوشۇرۇن مەدرىسىدە قۇرئان يادلاش بىلەن ئۆتتى. بۇنى ھاياتىمنىڭ ئەڭ مەنىلىك چاغلىرى دەپ ئويلايمەن. 80- يىللارنىڭ باشلىرىدا ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامە ۋە مەسجىدلەرنىڭ ئېچىلىشقا باشلىشى ھەممە مۇسۇلمانلارنى خۇشال قىلغىنىدك، مېنى ۋە ساۋاقداشلىرىمنىمۇ بەك خۇشال قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئەمدى بىز جۈمە نامازلىرىنى كىچىك ئۆيلەردە مەخپىي ھالدا ئەمەس، چوڭ جامەدە ئاشكارا ئوقۇيدىغان بولغان ئىدۇق. بىر كۈنى سەھەردە دادام بىلەن ناھىيەمىزنىڭ چوڭ جامەسىگە بامدات نامىزىنى ئوقۇشقا باردۇق. ئۇ چاغدا پېقىر 12 ياشتا ئىدىم. بامداتتىن كېيىن ئىمام ئاخۇنۇم ئادىتى بويىچە جامائەتكە ۋەز-تەبلىغ قىلىپ بەردى. جامائەت بىلەن ئاشكارا ناماز ئوقۇش ۋە ۋەز-تەبلىغ ئاڭلاش دېگەنلەر بىز ئۈچۈن بىر يېڭىلىق ھېسابلانغان بولسا كېرەك، پېقىر بەك ھاياجانلاندىم ۋە خۇشاللىقىمنى ئىپادىلەپ شۇ كۈنى جامەگە بېرىپ كېلىش جەريانىدىكى تەسىراتىمنى يازدىم ۋە ئۇنى مەكتەپتە دوستلىرىمغا ئوقۇپ بەردىم.

 ئەپسۇسكى، ئۇ بىر بەتلىك تەسىراتىم سىنىپتا ئۈستەلدە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئىكەن. ئۇنىڭ مەكتەپتە قالغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قاپتىمەن. ئەتىسى مېنى ماتېماتىكا دەرسىنىڭ مۇئەللىمى ئابدۇقادىر مۇئەللىم ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ، ھېلىقى يازمامنى ئالدىمغا قويدى ۋە ماڭا «سېنىڭ داداڭ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇر ئىكەن. نېمىشقا داداڭ بىلەن جامەگە باردىڭ؟ ساڭا كىم رۇخسەت قىلدى؟ مەن بۇ يازماڭنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرىمەن، ئاندىن پارتىيە، ھۆكۈمەت سەن بىلەن داداڭغا قارىتا چارە كۆرىدۇ. ئاۋۋال سەن ›تۆۋەنامە› يازىسەن، ئاندىن بۇنىڭدىن كېيىن جامەگە بارماسلىققا ئەھدىنامە يازىسەن» دەپ تەھدىت سالدى. مەن بەك قورقۇپ كەتتىم، دادامغا خاپىلىق تېرىپ بېرىدىغان بولدۇم دەپ ئەنسىرىدىم. ئەتە يېزىپ كېلەي دېگەننى بىلدۈرۈپ مۇئەللىمدىن ئاران قۇتۇلدۇم ۋە دەرھال ئۆيگە قايتىپ دادامغا دېدىم.

دادام مەسىلىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدى، ئاندىن «ھەي قىزىل پاچاق ئوغرى!» دەپ كايىپ قويۇپ، مەكتىپىمىزنىڭ ئىلمىي مۇدىرى مەمتىمىن باۋۇدۇننىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئەسلىدە دادام مەمتىمىن باۋۇدۇن مۇئەللىم بىلەن تونۇش ئىكەن. دادام ئاخشىمى قايتىپ كېلىپ ماڭا: «تۆۋەنامە يازمايسەن، ھېچ نېمە يازمايسەن، ئەمما ئۇنداق تەسىراتلارنى يېزىپ ئولتۇرما» دېدى. ئەتىسى مەكتەپكە بارسام ھېچكىم گەپ قىلمىدى، ئۇ ئىش ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى، ئەمما مەن ئابدۇقادىر مۇئەللىمنى قەتئىي ئۇنتۇمىدىم، ئۇنىڭغا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم، ئۆچمەنلىكىم كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ماڭدى. ئۆزۈمچە ئۇ قىزىل پاچاق مۇئەللىمدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەن بولدۇم. ئەقلىمگە بىر كۈن ئاخشىمى مەھەللىسىگە بېرىپ، تالاغا چىقىدىغان پەيتىنى كۆزلەپ، ئارقىسىدىن بېشىنى تاش بىلەن يېرىۋېتىشنىمۇ ئويلىدىم، ھەتتا ۋېلسىتىنىڭ يېلىنى چىقىرىۋېتىشنىمۇ ئويلىدىم، ئەمما بۇنىڭ بىلەنمۇ ئاچچىقىم چىقمايتتى. ئاندىن «ياق، مەن ئوبدان ئوقۇپ، مۇدىر بولسام، شۇ چاغدا ئاچچىقىمنى ئالالايمەن» دېگەننى ئويلاپ شۇنى قارار قىلدىم. ئەمما  ئۇزۇن ئۆتمەي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا قۇرئاننى پىششىقلاش بىلەن دىنىي ئوقۇشقا كىرىشتىم. شۇنداقتىمۇ ئابدۇقادىر مۇئەللىمگە بولغان ئاچچىقىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. 86- يىلى مىسىرغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتتىم. ۋەتەندىكى بالىلىقىمنى ئويلىساملا ئاشۇ ئىش ئېسىمگە كېلىۋېلىپ مېنى راسا قىينىدى. چۈنكى، شۇ چاغقىچە ئابدۇقادىر مۇئەللىمدىن ئاچچىقىمنى ئالالمىغان ئىدىم. بىر كۈنى ئەزھەر بىلىمگاھىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1- سىنىپىدا تەپسىر ئۇستازىمىز: وَسَارِعُوا إِلَى مَغْفِرَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ وَجَنَّةٍ عَرْضُهَا السَّمَوَاتُ وَالْأَرْضُ أُعِدَّتْ لِلْمُتَّقِينَ . الَّذِينَ يُنْفِقُونَ فِي السَّرَّاءِ وَالضَّرَّاءِ وَالْكَاظِمِينَ الْغَيْظَ وَالْعَافِينَ عَنِ النَّاسِ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ «تەقۋادارلار باياشاتچىلىقتىمۇ، قىيىنچىلىقتىمۇ ئاللاھ يولىدا پۇل _ مال سەرپ قىلىدىغان، ئاچچىقىنى باسالايدىغان، ئىنسانلارنى ئەپۇ قىلالايدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ (مۇشۇنداق) ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ»[1] دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىنى ناھايىتى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى. سۆزىنىڭ ئاخىردا «ئەپۇ قىلماسلىق، ئاداۋەت ساقلاش ئىنسان ئۈچۈن ئېغىر بىر يۈكتۇر. بۇنىڭدىن قۇتۇلمىغان ئادەم ئۆزىنى ئازابلاشنى داۋاملاشتۇرغان بولىدۇ» دېدى. شۇ چاغدا مەنمۇ ئۈستۈمدىكى ئاشۇ يۈكتىن قۇتۇلۇشقا بەل باغلىدىم، نەپسىمگە ئېغىر كەلسىمۇ ئابدۇقادىر مۇئەللىمنى كەچۈرۈۋەتتىم، ئاندىن ئۆزۈمنىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ئەمما مۇئەللىمنىڭ شۇ چاغدىكى ۋاقىراشلىرىنى ۋە چىراي ئىپادىسىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالمىدىم.

ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمدىن بېرى نەتىجە ياراتقان زاتلارنىڭ ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇشقا قىزىقاتتىم. بىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ 34- رەئىسى دېۋىد ئىزىنھاۋۇرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇۋېتىپ، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن بېرى كۆكسىدە توشۇپ كېلىۋاتقان ۋە ھېچ ئۇنتۇيالمىغان بىر ئاداۋىتىنى قىزىقىپ ئوقۇپ چىقتىم. ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: «كىچىكىمدىن نەي چېلىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ئائىلىمىزنىڭ يوقسۇللۇقى سەۋەبلىك نەي ئېلىشقا كۈچۈم يەتمەيتتى. بەش ياشتا ئىدىم، بىر كۈنى ئۆيىمىزنىڭ نېرىقى مەھەللىسىدە كىچىك بىر دۇككاندا نەي كۆرۈپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىككىلەنمەيلا دۇككانچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ نەينىڭ باھاسىنى سورىۋىدىم. مېنى مەنسىتمىگەن قىياپەتتە نەينىڭ ئىككى دولار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىككى دولار ئۇ چاغلاردا بىزدەك بالىلار ئۈچۈن چوڭ پۇل ئىدى. ئۇنى ئالالمىدىم. ئەمما بىر كۈنى چوقۇم ئېلىشنى ئويلاپ، ئۆيدىكىلەر بېرىدىغان سىنتلارنى خەجلىمەي بىر خالتىغا سېلىپ يىغىشقا باشلىدىم. بىر كۈنى جاسارىتىمنى توپلاپ دۇككانچىنىڭ يېنىغا كىردىم ۋە نەينى ئالىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خالتامدىكى سىنتلارنى تۆكتۈم. دۇككانچى سىنتلارنىڭ ھەممىسىنى ساناپ ئالدى، ئاندىن گەپ قىلماي نەينى ماڭا ئۇزاتتى. بەك خۇشال بولدۇم ۋە نەينى ئېلىپ ئۇدۇل ئۆيگە كەتتىم. نەينىڭ خۇشاللىقى بىر ھەپتىگىچە داۋام قىلدى. ئاندىن بىر ئاخشىمى ھېلىقى دۇكانغا كىرىۋىدىم، دۇككانچى ئايالىغا مەن توغرۇلۇق مەسخىرە ئارىلاش گەپ قىلىشقا باشلىدى. مەن باشقا نەرسىلەرگە قارىغان قىياپەتتە تۇرۇپ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇ ئايالىغا «بۇ ئەخمەق شۇم بىر دولارلىق نەي ئۈچۈن بىزگە بەش دولار بېرىپ كەتتى. زادى بۇنداق نامرات شۇملارنىڭ كاللىسى ئىشلىمەيدۇ» دېگەن ئىدى. ئۇ چاغدا قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، مۇشتلىرىم تۈرۈلدى، چىشلىرىم غۇچۇرلىدى. ئەمما ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتمەيتتى. شۇڭا گەپ قىلماي ئۆيگە كەتتىم. يولدا ماڭغاچ يىغلىدىم، ئىچىمدە دۇكانچىنى تىللىدىم. ئۆيگە يېتىپ كېلىپ نەينى سۇندۇرۇپ تاشلىدىم. دۇككانچىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چىركىن يۈزىنى ئۇنتۇماسلىققا ۋە چوقۇم ئۆچ ئېلىشقا  قەسەمياد قىلدىم. بالىلىقىمدىكى بۇ ۋەقەلىككە نەچچە ئون ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاشۇ چاغدىكى نەپرەت ۋە ئىنتىقام ئوتى مەندە ئۇنتۇلغىنى يوق».

ئەمدى ئويلاپ كۆرەيلى، دېۋىد ئىزىنھاۋۇر ئامېرىكىغا رەئىس بولۇشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندىنى بولۇپ، ياپون ئۇرۇشىغا ۋە باشقا كۆپلىگەن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان، ياۋروپاد شىمالى ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرلىرىگە قوماندان بولغان ۋە سەپداشلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا جان ئۈزگەنلىكىنى كۆپ قېتىم كۆرگەن، نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بىرى تۇرۇقلۇق، بالىلىق چېغىدىكى كىچىككىنە بىر كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇيالمىغان ۋە ئۆزىگە يامانلىق قىلغان دۇككانچىنىڭ يۈزىنى ئېسىدىن چىقارمىغان.

 

يۇقىرىقى ئىككى ۋەقەلىكتىن نېمىلەرنى ئۆگىنىمىز؟

1.     بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئاددىي ساناشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بالىلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان يامانلىقلارنى ۋە قوپال مۇئامىلىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، بەزى يامانلىقلارنى ئۆلگەنگە قەدەر ئۇنتۇمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كىچىك بالىلارنى يامانلىقنى چۈشەنمەيدۇ ۋە ئۇنتۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى بالىلارنىڭ مېڭىسى كونا خاتىرىلەرنى مەھكەم ساقلايدۇ، بولۇپمۇ ئۆزلىرىگە يامانلىق قىلغان، ناچار مۇئامىلە قىلغان، تىللىغان، پەس كۆرگەن، مەسخىرە قىلغان ئادەملەرنى قەتئىي ئۇنتۇمايدۇ.

ئۇنتۇغاق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ تولىسى بۈگۈن ناشتىدا نېمە يېگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن، ئەمما ئۇلار بالىلىق چاغلىرىنى ۋە شۇ چاغلاردىكى ۋەقەلىكلەرنى ئۇنتۇپ قالمايدىكەن. بۇ ئەھۋال شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلار كۆپ نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما بالىلىق چاغلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارنى ئۇنتۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما يامانلىق قىلغانلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

شۇڭا بالىلارنى چۈشەنمەيدۇ، بىلمەيدۇ، ھېس قىلمايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۇلارنى مەنسىتمەسلىك ئىنتايىن خاتالىقتۇر. ئەكسىچە، بالىلار بىز ئويلىغاندىن ۋە بىزدىن نەچچە ھەسسە ئەقىللىق ۋە ھوشياردۇر. شۇڭا بالىلار ئۆزلىرىدىكى ساپ تەبىئەت سايىسىدا تۇغقانلار ۋە يېقىنلار ئارىسىدىكى يامانلىق چاچىدىغان كىشىلەرنى ئاسانلا بىلىۋالىدۇ، شۇڭا ئۇلاردىن قاچىدۇ ۋە ئۇلارغا نەپرەتلىنىدۇ. ئەمما ئاتا-ئانىلار  بالىلارنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بەك كېچىكىپ بىلىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار تۇغقانلارنىڭ ۋە يېقىنلارنىڭ قانداق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىشتە بالىلارنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاپ قويسا زىيان تارتمايدۇ. چۈنكى، بالىلار يالغان ئېيتمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاپئاق قەلبىمۇ يالغاننى قوبۇل قىلمايدۇ.

2.     ئۇنتۇش ۋە كەچۈرۈش ئۆزىمىز ئۈچۈن زۆرۈر.  چۈنكى، ئويلاپ باقايلىكى، ئەگەر بىز بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق خاپىلىقلارنى، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە مۇسىبەتلەرنى ئۇنتۇمىساق، ئېسى- يادىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىرىدا بولۇپ قالسا بىزنىڭ ھالىمىز قانداق بولماقچى؟ تەبىئىيكى، كۆڭلىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئازابلىق كۈنلىرى بىلەن بولۇپ قالغاندا بىزنىڭ خۇشاللىنىش ۋە راھەتلىنىش ئۈچۈن پۇرسىتىمىز قالمايدۇ. شۇڭا بىز ئۇنتۇش ۋە كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۈستىمىزدىن بىزنى ئازابلىۋاتقان يۈكلەرنى ئېلىپ تاشلىغان بولىمىز. بۇ بىزگە يامانلىق قىلغانلار ئۈچۈن قىلىنغان شەپقەت ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزگە قىلغان شەپقىتىمىز ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، پايدىسىنى ئاۋۋال بىز كۆرىمىز.

شۇمۇ ئېنىقكى، مۇستەملىكىچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ سالغان جەۋر-زۇلۇملىرىنى ئۇنتۇماسلىق، پەرزەنتلەرنى زالىملارغا قارشى ئىنتىقامچى، مۇستەملىكىچىگە باش ئەگمەس، زۇلۇمغا ۋە ھەقسىزلىككە قارشى تۇرغۇچى قىلىپ يېتىشتۈرۈش لازىم.

 

ئىبرەت

-        «كىچىك ۋاقتىدا ئۆگىنىش تاشقا موھۇر باسقانغا ئوخشاشتۇر» دېگەن ھېكمەت بالىلىق ئەسلىمىلىرىگىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككىسى ئۇنتۇلمايدۇ.

-        بىز بىراۋنىڭ قىلغان يامانلىقىنى ئۇنتۇش ۋە ئۇنى كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ياخشىلىق قىلغان بولىمىز.

-        بىزگە يامانلىق قىلىش يامانلىق قىلغۇچىنىڭ قارارى بولسا، ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىش ياكى ئۇنتۇپ كېتىش بىزنىڭ قارارىمىزدۇر.

 

 

[1] ئال ئىمران سۈرىسى: 134- ئايەت.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار