ۋەتەن ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك Bәтән үчүн немә қилиш керәк

ۋەتەن ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك

 

      بىز كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەپ ياشايدىغان، ئورمان قانۇنى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى بۇ قانۇنىيەت ئۆزگەرگىنى يوق. كۈچلۈكلەر كۈچىنى يوقاتمىغۇچە زوراۋانلىق قىلىۋەردى، ئاجىزلار كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلمىگۈچە بۇزەك بولۇۋەردى، بارا - بارا دۇنيادىن يوقىلىپ، تارىخقا ئايلاندى. ئەتراپىمىزدا چوڭ بېلىقلار كىچىك بېلىقلارنى يەپ، سەمرىپ ياشاۋاتىدۇ، كىچىك بېلىقلار ئاستا - ئاستا مۇنقەرز بولۇشقا يۈز تۇتۇۋاتىدۇ. چۈنكى، ياشاش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش شەرت.

     ئاۋسترالىيەنى بېسىۋالغان ئەنگلىيەلىك ئىنگلىزلار ئاۋسترالىيەنىڭ ئەسلىي پۇقرالىرى بولغان ئابۇرجىن مىللىتىنى قىرىپ تۈگىتىۋېتىشنى نىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنى قوغلاپ بارغان ئىنگلىزلار ئاۋسترالىيەنىڭ ئىسسىق بەلۋاغقا جايلاشقان رايونلىرىنىڭ ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكتىن، قوغلاشتىن ۋاز كېچىش سەۋەبلىك ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىدىن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ھايات قالغان ئىكەن. ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان بىر دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىكلەرنىڭ نىسپىتى پۈتۈن ئاۋسترالىيە نوپۇسىنىڭ يۈزدە بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ھازىرغىچە، ۋەتىنىمىزدىن ئىنگلىزلارنى قوغلاپ چىقىرىمىز، ئاۋسترالىيەنى ئازاد قىلىمىز، دەيدىغان بىرەر ئابۇرجىننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. چۈنكى، ئۇلار تۈگەشتى، ئۇلارنىڭ تۈگىشىشى بىلەن ئۇلاردىكى روھ ۋە ئىرادىمۇ تۈگەشتى. ھېچقانداق دۆلەت ياكى مىللەت ئابۇرجىنلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك دەپ باقمىدى.

     ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) ئۆز ۋاقتىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادىيە 710 - يىلىدىن 1492 - يىلىغىچىلىك ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن، شانلىق مەدەنىيەتلەر يارىتىلغان، ئىلىم - پەن تەرەققىي قىلغان ئىسلام مەركىزى ئىدى. پۈتۈن ياۋروپالىقلار بۇ مەركەزگە كېلىشنى ۋە ئۇنىڭ مەدرىسىلىرىدە ئىلىم - مەرىپەت ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بۇ شانلىق ئىسلام مەركىزى خىرىستىيان مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار يا خىرىستىيان دىنىنى قوبۇل قىلىشقا، يا ئۆلۈپ تۈگىشىشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشقا مەجبۇرلانغان بولۇپ، كۆپلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەن. شۇنىڭ بىلەن 800 يىلغا يېقىن ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن ۋە ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولۇپ كەلگەن ئەندەلۇس دۆلىتى خىرىستىيان دۆلىتىگە، ئاھالىسى خىرىستىيانلارغا ئايلىنىپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانداق مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ياكى مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ «ئەندەلۇسنى قايتۇرۇپ ئالىمىز» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. چۈنكى، ئۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئىنتىقام ئالىدىغان، ئۆز ۋەتىنىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغان جانلار ئۆلۈپ تۈگىدى، كېيىنكىلەر ئۆزلىرىنىڭ دەردى بىلەن قالدى.

      دېمەك، ھەركىم ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشى كېرەك. ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئونىدىن تۇرمىغان بىر خەلقنى باشقىلار قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ، ھەتتا ئاللاھ تائالامۇ جىم ياتقان خەلقنى قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە چىقىرىپ قويمايدۇ. ناۋادا شۇ خەلق ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەپ مەيدانغا چۈشىدىكەن ۋە شەرىئەت ھەم تەبىئەت (يەنى سەۋەب - نەتىجە) قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ.چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئاللاھ تائالا بېكىتكەن شەرىئەت قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ ئىبادەت قىلغان، تەبىئەت قانۇنىغا ئەمەل قىلىپ سەۋەب قىلغان. شۇڭا ئۇلار غەلىبە قىلغان، ھەتتا ئون يىلغا قالماي ئۆز ۋەتىنى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى ئازاد قىلغان.شۇڭا دەيمىزكى، ھەرقانداق بىر مىللەت گەرچە يولى ھەق، دىنى ھەق، ئەقىدىسى توغرا، ئىبادەتلىرى جايىدا بولۇپ شەرىئەتكە تولۇق ئەمەل قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ئەمەل قىلمىسا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ، ئۇلارنى ئۆز ھالىغا ۋە ئۆز كۈچ- قۇدرىتىگە تاشلاپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يا غەلىبە قىلىدۇ ياكى يېڭىلىدۇ.

      بۇ دۇنيانىڭ قانۇنىيىتى ھېچكىمگە ۋە ھېچبىر مىللەتكە يانباسمايدۇ، ئىچ ئاغرىتمايدۇ، بۇ دۇنيادا ھەق - ناھەق تولۇق بىر تەرەپ قىلىنمايدۇ، كىم كۈچلۈك بولسا، شۇنىڭ سۆزى راست بولىدۇ، شۇنىڭ گېپى ئاقىدۇ. چۈنكى، بۇ دۇنيا ھەق - ناھەق تولۇق ئايرىلىدىغان، مۇكەممەل ئادالەت ھۆكۈم سۈرىدىغان جاي ئەمەس. بۇلارنىڭ ئورنى ئاخىرەتتۇر.بۇ دۇنيا جاپادىن قورقمايدىغان، چىدامچانلىق بىلەن ئىشلەيدىغانلارغا تەييارلانغان مەيدان بولۇپ، تىرىشمايدىغان ئادەم ياكى مىللەت گەرچە ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار مۇئمىن بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمايدۇ. تىرىشىپ ئىشلەيدىغان ئادەم ياكى مىللەت گەرچە كاپىر بولسىمۇ، تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى «ئىنسان پەقەت تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنىلا كۆرىدۇ» دېگەن سۆزىدە «ئىنسان» كەلىمىسىنى قوللانغان بولۇپ، «مۇئمىن ئىنسان» ياكى «كاپىر ئىنسان» دېمىگەن. شۇڭا، قانداق مىللەت ياكى ئىنسان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ دۇنيادا پەقەت «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ».

بۇلارنى ئويلىغىنىمىزدا، تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىمىز:

1.  ئاخىرەت كۈنىگە بولغان ئىمانىمىز كۈچىيىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىگە بولغان تەلپۈنۈشىمىز ئاشىدۇ. چۈنكى، بۇ دۇنيانىڭ ناھەقچىلىكلىرى، ئىنسابسىزلىقى، ئادالەتسىزلىكى بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىگە تەلپۈندۈرىدۇ. ئاخىرەتتىن ئىبارەت ھەق - ناھەق تولۇق ئايرىلىدىغان، ئادالەت ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان، زالىملار جازاسىنى تارتىدىغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئىنتىقامىنى ئالىدىغان بىر كۈننىڭ بولۇشى ئەقىلنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. ناۋادا ئادالەت يۈزدەيۈز ئەمەلگە ئاشىدىغان، ھەق - ناھەق تولۇق ئايرىلىدىغان ھەتتا مۈڭگۈزسىز ھايۋانلارنىڭ قىساسى مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلاردىن ئېلىپ بېرىلىدىغان قىيامەتتىن ئىبارەت بىر كۈن بولمىسا ئىدى، ئىنسانلاردا ئادالەتكە تەلپۈنۈش ۋە ناھەقچىلىكنى يامان كۆرۈش ھېسسىياتى بولمىغان بولاتتى. چۈنكى، ئىنسان يوق نەرسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشقا تەلپۈنمەيدۇ.

2. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتۇلدۇرمىساق، چوڭ دۆلەتلەر ياكى مۇسۇلمان خەلقلەر ۋەياكى قانداش خەلقلەر بىزنى قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ؛ ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچقانداق دۆلەت، ھېچقانداق خەلق بىزنىڭ غېمىمىزنى يېمەيدۇ، ھەتتا ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەۋەب قىلمىساق ئاللاھ تائالامۇ بىزنى قۇللۇقتىن، ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. چۈنكى، ئاللاھ تائالا ياتقاننى يۆلىمەيدۇ، ئەمما ئورنىدىن تۇرغاننى، ھەرىكەت قىلغاننى، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلغاننى يۆلەپ قويىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرى ئىچىدىكى زالىملارنى ئۆزى بىۋاسىتە ھالاك قىلىۋېتىش ئارقىلىق ئېزىلگەن مۇئمىنلەرنى قۇتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، بۇ قانۇنىيەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەندە قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈمى بىلەن ئۆزگەرگەن. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىگە ئابابىل قۇشلىرىنى ئەۋەتمەيدۇ، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىپ بەرمەيدۇ. مۇئمىنلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك شەرىئەت ۋە تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى دۇنيادا ھۆكۈمران قىلىدۇ.

3. زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۇزۇن مۇساپىلىك يول. بۈگۈن ياكى ئەتىلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇ يولدا ھاياجان، ھېسسىيات، غەزەپ، ئاچچىق، سەۋر-تاقەتسىزلىك ئىشقا يارىمايدۇ. بۇ يولدا چىدامچانلىق، پەم - پاراسەت، ئەقىل - ئىدراك، يىراقنى كۆرەرلىك ۋە ئىزچىللىق كېرەك. مۇستەقىللىقنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلارنى يا دۇنيا قوللىمايۋاتىدۇ، ياكى ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا كۈچى يەتمەيۋاتىدۇ. مۇستەقىللىق دېگەن ھەركىمگە چىرايلىق ئاڭلىنىدىغان، ئېزىلگەن ۋە مۇستەملىكىنىڭ دەردىنى تارتقان بىزدەك خەلقنىڭ كۆڭلىنى ناھايىتى خۇش قىلىدىغان، چىرايىغا كۈلگە يۈگۈرتىدىغان چىرايلىق سۆزدۇر. شۇڭا، مۇستەقىللىقنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر يوق. ئەمما، مۇستەقىللىق قۇرۇق شوئار ۋە ئارزۇ - ئارمانلار بىلەن ياكى ھاياجانلىنىپ قوزغىلىپ قويۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ. مۇستەقىللىق دېگەن ئىزچىللىق، ئىلىم -مەرىپەت، كۈچ - قۇۋۋەت، پەم - پاراسەت تەلەپ قىلىدۇ. دۇنيادا ھەركىم تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كېچىكىپ بولسىمۇ چوقۇم كۆرىدۇ. خورما كۆچىتى تىككەن ئادەممۇ ئۇنىڭ خورمىسىنى ئۆزى كۆرمىسىمۇ، ئەۋلادلىرى كۆرىدۇ، چۈنكى كۆپ ھاللاردا خورما كۆچىنى تىككۈچىنىڭ ئۆمرى ئۇنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈشكە يەتمەيدۇ. شۇڭا بىزدىمۇ «قىلغان ئەمگەكلىرىمنىڭ مېۋىسىنى ئەۋلادلىرىم كۆرسۇن» دەيدىغان خالىس نىيەت ئومۇملاشقان چاغدا، ئىشىمىز چوقۇم غەلىبىگە قاراپ يول ئالىدۇ.

 

قانداق قىلىش كېرەك؟

مۇستەقىللىققا ئېرىشىش يولىدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىچىدە ئەڭ كاپالەتلىك ۋە ئەڭ مېۋىلىك بولغىنى ئادەم يېتىشتۈرۈشتۇر. چۈنكى، دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغانلار ئادەملەردۇر. ئۇلار دۇنيانى ياخشىلىق ياكى يامانلىق تەرەپكە ئۆزگەرتەلەيدۇ.ياراملىق ئادىمى ياكى ئادەملىرى بار مىللەت ھەرگىز ئاجىز ئەمەس، ئۇلار ھامان ئارزۇسىغا يەتمەي قالمايدۇ. شۇڭا، بىز ئالدى بىلەن ئەۋلادلىرىمىزنى دىندا ۋە پەندە ئوقۇتىشىمىز، ئاندىن مۇستەقىللىق ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان ئىلىم - مەرىپەت ۋە ئاڭ – سەۋىيەد بىلەن تولۇق قوراللاندۇرۇشىمىز لازىم. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى -كۆپ پۇل كەتسىمۇ-، ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى، ئالىي سەۋىيەلىك مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشىمىز شەرت. ئەگەر بىز بايلىقىمىزنى ۋە بارلىقىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزنى ئوقۇتۇشقا سەرپ قىلالىساق، ئەڭ ئاقىلانە ئىش قىلغان بولىمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بارلىقىمىز ئەۋلادلىرىمىزدۇر. ئاللاھتىن قورقىدىغان، سىياسەتنى بىلىدىغان، دۇنيانى چۈشىنىدىغان، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ئوت يۈرەك ئەزىمەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيىتىدۇر. ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتالمىغان ياكى پەرزەنتى بولمىغان ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەر باشقىلارنىڭ تىرىشچان ۋە ئەقىللىق پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇپ قويسا، بۇمۇ ئەڭ كاتتا سالىھ ئەمەل بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا سەدىقە جارىيە قاتارىدا يېزىلىدىغانلىقى شەكسىزدۇر. ھازىرقى پەيتتە خەلقىمىز ۋە دىنىمىز ئۈچۈن بۇنىڭدىن مۇھىم خىزمەت، بۇنىڭدىن چوڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بولمىسا كېرەك.

 

     بىز ئاللاھقا باغلانغان ۋەتەنپەرۋەر ئىنسانلارغا موھتاجمىز

ئىنسان بايلىقى زور بايلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا باغلانغان، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان، خەلقىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەزىمەتلەر ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىدۇر. غەلىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەت شۇنداق مىللەتكە خاستۇر. بۇ تارىخنىڭ يەكۈنى ۋە رېئاللىقتا كۆرۈلۈپ تۇرغان ئەمەلىيەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىش - ئىزلىرىغا قارايدىغان بولساقمۇ، ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ تۈپ نىشانى ئىمانلىق، ياراملىق ئوت يۈرەك ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش بولغان. شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئادەم يېتىشتۈرگەن، ئاندىن شەرىئەتنى تەتبىقلىغان. ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئالاھىدە كاتتا خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن ساھابىلەرنىڭ تولىسى ياشلار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ئاشۇ ئەزىمەتلەر دۇنيانى ئۆزگەرتتى، ئىنسانلارنى ئىنسانلارغا قۇل بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەزىزلىككە ئېلىپ چىقتى. دېمەك، ھەرقانداق ئىش كىچىكىدىن باشلىنىپ چوڭىيىدۇ، مۇستەقىللىق ئۈچۈن بېسىلغان ھەربىر قەدەمنى ھەرگىز ئاددىي سانىماسلىق، توختاپ قالماسلىق ۋە ئىزچىللىقنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.

      يەھۇدىيلار بۇنىڭدىن يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى، بۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئوسمانىيلار دۆلىتىنى يىقىتىش شەرت ئىدى. چۈنكى، ئوسمانىيلار دۆلىتى يەھۇدىيلار تەقدىم قىلماقچى بولغان كۆپ مىقداردىكى ئالتۇن - كۈمۈش ۋە ئۆزلىرىنىڭ تاغدەك يىغىلىپ كەتكەن قەرزلىرىنى تۆلەپ بېرىش تەلىپىنى قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىپ، «يەھۇدىيلارغا پەلەستىندىن بىر غېرىچ زېمىنمۇ بەرمەيمىز» دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرغان ئىدى. ئەمما، يەھۇدىيلار پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتىنى قۇرۇش پىلانىدىن قەتئىي ۋاز كەچمىدى، ئوسمانىيلار دۆلىتىدەك ئۈچ قىتئەنىڭ ھاكىمىيىتى ئىلكىدە بولغان قۇدرەتلىك دۆلەتنى يىقىتىش نىيىتىدىن يانمىدى. پەرزەنتلىرىنى مۇشۇ يولدا ۋە مۇشۇ پىلاندا يېتىشتۈردى، نەتىجىنى تېز قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى، سەۋرچانلىق بىلەن، چىدامچانلىق بىلەن ئىزچىل كۈرەش قىلدى. تۈرك تارىخلىرىدا «ئوسمانىيلار دۆلىتىنى تيودور ھېرسىل ۋە ئىمانوۋىل قاراسۇدىن ئىبارەت ئىككى نەپەر يەھۇدىي يىقىتقان» دەپ يازىدۇ. «پايتەخت ئابدۇلھەمىد» دېگەن كۆپ قىسىملىق فىلىممۇ مۇشۇ رېئاللىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تيودور ھېرسىل بىلەن ئىمانوۋىل قاراسۇدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يەھۇدىي ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن ياشىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار قۇرۇلماقچى بولغان يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالدى، ئاندىن ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى مۇشۇ ئىككى يەھۇدىينىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان يەھۇدىي ئەۋلادلىرى قۇرۇپ چىقتى. يەھۇدىي دۆلىتىگە ئاساس سالغان مەزكۇر ئىككى يەھۇدىي مۇستەقىل يەھۇدىي دۆلىتىنى كۆرەلمىدى، ئەمما ئەۋلادلىرى كۆردى ۋە پۈتۈن يەھۇدىيلار ھۆر ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى. مانا بۇ بىزگە ئوخشاش مۇستەملىكىدە ئېزىلگەن بىر مىللەتنىڭ يېقىنقى زاماندا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىدۇر. غەلىبە ئەنە شۇنداق پىلانلىق ھالدا، ئىزچىل ئىشلەش، ھارماي - تالماي كۈرەش قىلىش، ئەۋلادلارنى شۇ يولدا يېتىشتۈرۈش، «قىلغان ئەمگەكلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى مەن كۆرەلمىسەم قانداق بولىدۇ؟» دېمەي، «نەتىجىنى ئەۋلادىم كۆرسۇن، خەلقىم ھۆر، ئەركىن ياشىسۇن، مەن ئۇلارنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن ئىشلەي» دەيدىغان ئىزگۈ نىيەت ۋە پىداكارلىق بىلەن قولغا كېلىدۇ


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار