ئىرادىنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ ирадини һечким берәлмәйду

ئىرادىنى ھېچكىم بېرەلمەيدۇ

مۇھەممەد يۈسۈپ

سىز ئۆزىڭىز بىرەر ئىشقا بەل باغلاپ ئىرادە تىكلىمىسىڭىز، ئۇ ئىرادىنى سىزگە ھېچكىم بېرەلمەيدۇ، ھەتتا ئەڭ يېقىن كىشىڭىزمۇ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ سىزدىن تەلەپ قىلىنىدۇ ۋە سىزدە بولۇشى كېرەك. بىرەر ئىشقا ئىرادە تىكلەنگەن ھامان ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۇتۇش قىلىش كېرەك. چۈنكى،  ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: (فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ) «بىرەر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن» يەنى بەل باغلىغان ئىشىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ ھامان ھەرىكەتكە ئۆتكىن دەپ بۇيرۇغان. ئىرادىلىك ئادەملەرلا ھاياتقا بىر نەرسىلەرنى قوشالايدۇ. مۇستافا رافىئى «سىز دۇنياغا بىرەر نەرسە قوشالمىسىڭىز ئۇنىڭغا ئارتۇقسىز» دېگەن. دېمىسىمۇ، بىرەر غايىسى يوق، كېلەچەك ئۈچۈن بىرەر پىلانى يوق ئىنسانلار يەر يۈزىگە يۈك بولۇشتىن باشقىسىغا يارىمايدۇ، ئۇلار سۇنىڭ ئۈستىدىكى ئۆلۈك بېلىقلارغا ئوخشايدۇ. خۇددى ئۆلۈك بېلىقلار سۇنىڭ ئېقىشىغا ئېقىپ يۈرگەندەك، ھاياتتا بىرەر غايىسى ۋە پىلانى بولمىغان ئادەممۇ شۇنداق ئېقىپ يۈرىدۇ ۋە نەگە بېرىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.

ئىنساندا چوقۇم غايە ۋە پىلان بولۇشى كېرەك. ھېچقانداق نەتىجە ۋە ھېچقانداق غەلىبە پىلانسىز قولغا كەلگەن ئەمەس. شۇڭا ھەرقانداق بىر مەقسەت ۋە غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا پىلان تۈزۈلۈشى، ئاندىن شۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىرادە بولۇشى شەرت. ئىرادىڭىز مۇستەھكەم بولسا، سىزنى ھېچكىم يولىڭىزدىن توسالمايدۇ. ئىرادىدە مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئىشلەش ۋە ئاز ئۇخلاش كېرەك. ئېدىسون «ئىجادىيەتنىڭ بىرى ئىلھام، توققۇزى قاتتىق ئىشلەشتۇر» دېگەن ئىكەن.

 

پىلانىڭىز كونكېرت بولسۇن

«خەلقئارا قۇرئان كەرىم يادلىتىش جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ئۇستاز ئابدۇللاھ بەسفەر مۇخبىرلارنىڭ سىزنىڭ پىلانىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالىغا: «بىر مىليون بالىغا قۇرئان كەرىمنى يادلىتىش» دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە ئۇ «ھازىرغىچە قانچە بالىغا قۇرئان كەرىمنى يادلاتتىڭىز؟» دېگەن سوئالغا: «20 مىڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن. كۇۋېيتلىك دەۋەتچى ئالىم ئابدۇللاھ سەمىت ئۆزىنىڭ ئوتتۇز يىللىق ئافرىقا دەۋىتى بويىچە ئالتە مىليون ئادەمنى مۇسۇلمان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنى پىلانلىق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقان.

«ھەرقانداق نەرسە ئىككى قېتم يارىتلىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ بىرى تەپەككۇردا، يەنە بىرى ئەمەلىيەتتە بولىدۇ.شۇڭا سىز قىلماقچى بولغان ئىشنى ئاۋۋال ئويلايسىز، پىلانلايسىز، ئاندىن ئىشلەيسىز ۋە ئەمەلگە ئاشۇرىسىز.پىلان كونكېرت بولۇشى لازىم. مەسىلەن: مەن مانچە يىلدىن كېيىن مۇنداق نەتىجە قازىنىمەن ياكى مانچىلىك پۇل تاپىمەن دېگەنگە ئوخشاش. ھارۋارد ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى توپلاپ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنى كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پىلانىنى كونكېرت قىلىپ يېزىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلاردىن 90% ئوقۇغۇچى پىلانىنى كونكېرت يازماي، ئالىم بولىمەن، باي بولىمەن، مەنسەپكە چىقىمەن دېگەندەك يازىدۇ، پەقەت 10% ئوقۇغۇچى ئۆز پىلانىنى كونكېرت قىلىپ، مەن ئون يىل ئىچىدە مانچە مىليون پۇل تاپىمەن، مەن ئون يىل ئىچىدە پالانى پەندە پروففېسسور بولىمەن، مەن ئون يىل ئىچىدە پالانى شىركەت ياكى ئىدارىدا مۇنداق مەنسەپكە چىقىمەن، دېگەندەك ئېنىق ۋە كونكېرت يازىدۇ، ئاندىن ئۇنۋېرستېت مەسئۇللىرى ئۇلارنىڭ ئۆي ئادرېسى ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى ئېلىپ قالىدۇ ۋە ئۇلارنى ئون يىلدىن كېيىن كۆرۈشىدىغان بولۇپ يولغا سالىدۇ. ساق ئون يىلدىن  كېيىن مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرستېتقا چاقىرىلىدۇ ۋە ھەربىرىنىڭ قانداق نەتىجە قارانغانلىقى سورىلىدۇ. پىلانىنى ئېنىق ۋە كونكېرت قىلىپ يازغان 10% ئوقۇغۇچىنىڭ تاپقان پۇلى پىلانىنى كونكېرت يازمىغان 90% ئوقۇغۇچىنىڭ ئومۇمىي پۇلىدىن ئېشىپ كەتكەن، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە ئالىي ئۇنۋانلارنى قولغا كەلتۈرۈشتىمۇ ئاشۇ 10% ئوقۇغۇچى ئاساسەن ھەممىسى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان.

 

تارىختىن قىسسە

ئىسلام تارىخىدا مۇنداق بىر قىسسە بار: ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە)نىڭ چەت بىر يېزىسىدا ئۆڭكۈردە ياشايدىغان ئۈچ نەپەر مەدىكار بولۇپ، ئۇلار كۈندۈزلىرى كىشىلەرنىڭ يۈكلىرىنى توشۇپ بېرىپ پۇل تاپاتتى، كېچىلىرى ئاشۇ ئۆڭكۈردە ياتاتتى. ئۇلار قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىدىن بىرىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ھەربىرى ئۆزىنىڭ ئارزۇ- ئامىنى ۋە پىلانىنى ئېيتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرى بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئەلھەممار دېگەن كىشى ئۆزىنىڭ خەلىپە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، يېنىدىكى ئىككى ھەمراھى كۈلۈپ تېلىقىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى راسا مەسخىرە قىلىدۇ. مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئۇلارغا: «تىلىكىڭلارنى ھازىر ئېيتىڭلار، مەن خەلىپە بولغاندا تىلىكىڭلارنى ئورۇندايمەن» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى چاقچاق قىلىپ: «ئۇنداقتا، ئەگەر سەن خەلىپە بولساڭ، سەندىن كاتتا بىر قەسىر، ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر بار بىر باغ، مىڭ تىللا ئالتۇن، بىر قانچە خىزمەتچى تىلەيمەن» دەيدۇ، يەنە بىرى: «ئەگەر سەن خەلىپە بولۇپ قالساڭ، مېنى ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ، ‹بۇ كاززاپ، بۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىسۇن› دەپ سازايى قىلغىن» دەيدۇ.

كۈنلەر ئۆتىدۇ، ئايلار ئۆتىدۇ، يىللار ئۆتىدۇ، مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئەلھەممار غايىسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن كونكېرت پىلان تۈزۈپ، مەدىكارلىقنى تاشلايدۇ ۋە ھاكىمىيەتكە يېقىنلىشىش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ يېنىدا چايچى بولۇپ ئىشلەيدۇ، يىللاردىن كېيىن ساقچى بولىدۇ، كېيىنچە ساقچىلارنىڭ باشلىقى بولىدۇ. بىر كۈنى ئەمەۋىيلەرنىڭ ئەندۇلۇستىكى خەلىپىسى ھەكەم ئەلمۇستەنسىر بىللاھ ۋاپات بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا 12 ياشلىق ئوغلى ھىشام ئەلمۇئەييەد بىللاھ تەختكە چىقىدۇ. بۇ چاغدا بالا خەلىپىنىڭ نامىدىن دۆلەتنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىنى تەيىنلەشكە توغرا كېلىدۇ. تەيىنلەنگەن كىشى بالا خەلىپىنىڭ ۋەلىيسى بولۇپ دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. بۇ ھوقۇقنى تالىشىدىغانلارمۇ كۆپ بولۇپ، ئۈچ كىشى رىقابەتكە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى، دۆلەت ۋەزىرى مۇھەممەد مۇسھەفى، ئىككىنچىسى، ئەسكەر قوماندىنى ئابدۇللاھ ئەبۇلغالىب، ئۈچىنچىسى، ساقچى باشلىقى مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئەلھەممار ئىدى. ۋەزىر ئوغرى چىقىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رىقابەت ئەسكەر قوماندىنى بىلەن ساقچى باشلىقى ئوتتۇرىسىدا قالىدۇ، ئۇلار بىر- بىرىگە قەتئىي ئۆتۈنمەيدۇ. نەتىجىدە ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا قانلىق ئۇرۇش چىقىدۇ. ساقچى باشلىقى مۇھەممەد ئىبنى ئامىر ئەلھەممار ئەسكەر قوماندىنى ئابدۇللاھ ئەبۇلغالىبنى يېڭىدۇ ۋە دۆلەتنى قولىغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ مەرتىۋىسى ئۈسۈپ ھاجىپلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ ۋە «ھاجىپ مەنسۇر» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ بىرىنچى قىلغان ئىشى پادىشاھنىڭ قەسرىدىكى بايلىقنى ئۆز قەسرىگە يۆتكەش بولىدۇ. ئاندىن پادىشاھنىڭ تامغۇرىنى يېنىغا ئېلىپ چىقىدۇ، ئاندىن بالا خەلىپىنىڭ ئۆزىنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم بىلەن كۆرەشمەسلىكى ھەققىدە، ئاندىن  ئۇنىڭ ھاجىپنىڭ رۇخسىتىسىز سىرتقا چىقماسلىقى ھەققىدە پەرمان چىقىرىدۇ.

ھاجىپ مەنسۇر ھوقۇقنى تولۇق قولىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنى چوڭايتىش ۋە كۈچەيتىشنى پىلانلايدۇ. چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ئىمان، ئىلىم ۋە كۈچ لازىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىلىرىگە چاقىرىق قىلىپ، قايسى ساھەنىڭ ئالىملىرى بولسۇن، ئەندەلۇسقا كەلسە، ئۇلارغا يۇقىرى مائاش بېرىپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئەندەلۇسقا ھەرقايسى جايلاردىن ئالىملار كېلىشكە باشلايدۇ، پۈتۈن ئىلىم-پەن ساھەلىرىدە ۋە دىنىي ماۋزۇلاردا كەڭ ئىزدىنىش ۋە ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن تولۇق شارائىت ھازىرلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا ئەندەلۇستىن چىققان ھەر ساھە ئالىملىرى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ.

ھاجىپ مەنسۇر شۇنىڭدىن كېيىن دۈشمەن دۆلەتلەر بىلەن 10 يىللىق تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. 20 يىل ئىچىدە ئەندەلۇس خەلىپىلىكى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچلىنىدۇ، ئاندىن دۈشمەن دۆلەتلەر بىلەن ئېلىشىپ، بۇرۇن ئەندۇلۇدستىن كېتىپ قالغان ۋىلايەتلەرنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ. ئەندەلۇس خەلىپىلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلەنگەن دەۋرى ئابدۇراھمان ناسىر بىلەن ھاجىب مەنسۇرنىڭ دەۋرلىرى بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئالجىرىيە، لىۋىيە، ماراكەش قاتارلىق جايلار ئەندەلۇس دۆلىتىگە قوشۇلىدۇ.

ھاجىپ مەنسۇر پۈتۈن پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ. ئۇ بىر كۈنى بۇرۇنقى ھەمراھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ چاغدا دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى بۇرۇنقى ئۆڭكۈردىن تېپىپ كېلىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ئۆزىنى تونۇشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئوبدان كۈتۈۋالىدۇ، ئۆز قەسرىدە مېھمان قىلىدۇ. شۇ ئەسنادا ئۇلارغا: «سىلەر بۇرۇن مەندىن تىلەكلەرنى تىلەيدىغان بولغان ئىدىڭلار شۇنداقمۇ؟ مانا مەن بۈگۈن سىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى تىلەكلىرىڭلارنى ئورۇندايمەن» دەيدۇ. ئۇلار: «جانابلىرى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەيلا، بىز چاقچاق قىلىپ دەپ قويغان ئىدۇق» دەيدۇ. ھاجىپ مەنسۇر: «ياق، مەن ھەر ئىككىڭلارغا تىلىكىڭلارنى بېرىمەن» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەسىر، باغ، پۇل ۋە خىزمەتچى تىلەيمەن دېگىنىگە ئىغىزىدىن چىققانلارنى تولۇق بۇيرۇپ بېرىدۇ، مېنى ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايى قىلسۇن دېگىنىنى راستتىنلا ئېشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ «بۇ كاززاپ، بۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمىسۇن» دەپ سازايى قىلىپ شەھەرنى ئايلاندۇرىدۇ.


ئىنكاس يىزىش
ئىنكاسلار