كىتاب ئىسمى ئىسلام ئەخلاقى
ئاپتورى مۇھەممد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن مىسىر - قاھىرە
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2014 - يىلى
ھەجمى 258 MB
بەت سانى 584 بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن قەلبىمدىن مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت - سائادەت تىلەيمەن.

ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دېگەن سۆزىدە ئىپادىسىنى تاپقان، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ غايىسى قىلىنغان ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق بىلەن زىننەتلىنىپ، ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇسۇلمانلىقىنى تولۇقلاش ئارقىلىق قايتىدىن قەد كۆتۈرۈشكە نەقەدەر زور ئېھتىياجلىق بولىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ياكى نابۇت بولۇسى ئۇنىڭ ئەخلاقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر.

مىسىرلىق ئاتاغلىق شائىر ئەھمەد شەۋقى مۇنداق دەپ يازغان:

إنما الأمم الأخلاق مابقيت          فإن هم ذهبت أخلاقهم ذهبوا

تەرجىمىسى:

ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر

ئايرىلغانلار ئۇنىڭدىن زاۋاللىققا ھامان كېتــــــەر.

ئەخلاق ئەنە شۇنداق مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق بۇ ئەسەر مۇشۇ ماۋزۇدا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان تۇنجى ئەسەر بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۆتمۈشلەردىكى ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى كۆپلىگەن ئىسلامىي ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئەسەرلىرىنى ئەرەبچە ياكى پارسچە يازغان. پەقەت 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن ئابدۇلقادىر داموللام ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى سابىت داموللاملار باشچىقىلىدىكى مەرىپەت يۇلتۇزلىرى مىللىتىمىزنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىلىم-مەرىپەتكە بولغان ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئەسەرلىرىنىڭ بەزىسىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ چىقىپ، ئانا ۋەتىنىمىزدە  ئۇيغۇرچە ئىسلامىي ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى بىر قەدەر قاندۇرغان بولدى.

 لېكىن ئەپسۇسكى،  ئىمان بىلەن بىر مەرتىۋىدە تۇرىدىغان ئىسلام ئەخلاقىنى ئۆگىنىشكە خەلقىمىز شۇنچە زور ئېھتىياجلىق تۇرسىمۇ، ئەپسۇسكى قەدىمدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدا ئىسلام ئەخلاقىغا دائىر بىرەر ئەسەر يېزىلىپ باقمىدى.

مەن بۇ ئەسەردە  ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا تۆگەپ كېتىش خەۋپىگە يولۇققان ۋە ئۇلار زور ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان مۇھىم بولغان بەزى ئەخلاق تۈرلىرى ئۈستىدىلا توختالدىم،  شۇنداقلا ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئىمان بىلەن بىر ئورۇندا تۇرۇشتەك كاتتا مەرتىۋىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتىم.

كىتابىمنى تۆۋەندىكىدەك 5 بۆلۈمگە بۆلدۈم:

بىرىنچى بۆلۈم: ئەخلاق ھەققىدە ئومۇمىي بايان

ئىككىنچى بۆلۈم: بىزنىڭ ئەخلاقىي بۇرچىمىز

ئۈچىنچى بۆلۈم: گۈزەل ئەخلاق تۈرلىرى

تۆتىنچى بۆلۈم: ناچار ئەخلاق تۈرلىرى

بەشىنچى بۆلۈم: ئەخلاققا دائىر ئايەت، ھەدىسلەر

بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئەسەرلەردىن پايدىلاندىم. كىتابىمغا ئەخلاق ھەققىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىلەرنى تاللاپ ئالدىم. بۇ كىتابنىڭ چوڭ-كىچىك ھەممىگە ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلدىم.

جانابى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئاددىي ئەمگىكىمنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلىشىنى ۋە بۇنى خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىلىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى سورايمەن.

بۇ ئەسەر 2010-يىلى بەيرۇتتا بېسىلغان نۇسخىسىغا ئاساسەن قايتا نەشرگە تەييارلاندى.

_مۇھەممەد يۈسۈپ

ھىجرى 1434-يىلى28-رەبىئۇل ئەۋۋەل

مىلادى2013-يىلى9-فېۋرال