كىتاب ئىسمى ئىسلام دىنىدىن ساۋات
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل -تۈركىيە
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2013- يىلى
ھەجمى 2.52 BM
بەت سانى 518 -بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

بارچە مەدھىيە ۋە گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىغا، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يوللايمەن.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى ” ئىسلام دىنىدىن ساۋات“ ناملىق بۇ ئەسەر چوڭ – كىچىك ھەممىگە ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام قىلىپ ھازىرلاندى. كىتابنىڭ تۈزۈلىشى مۇنداق بولدى:

بىرىنچى بۆلۈم : ئېتىقاد ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

ئىككىنچى بۆلۈم: ئىبادەت ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەم ئەھكاملىرى

ئۈچىنچى بۆلۈم: ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

تۆتىنچى بۆلۈم: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى

بەشىنچى بۆلۈم: مۇئامىلە ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى

ئالتىنچى بۆلۈم: ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار

ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ زور كرىزىس دىيانەت بىلەن ئەخلاق ئىككىسىنى بىر – بىرىگە باغلىيالماسلىق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ شەكلىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئەخلاقىي تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى ، يەنە بەزىلەرنىڭ ئەدەب-ئەخلاق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىبادەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن ئىبارەت بولغان كرىزىستۇر.

مەن بۇ كىتابتا، ئەخلاققا ئالاھىدە كەڭ يەر ئايرىدىم. ھەقىقىي دىندارلىقنىڭ ۋە تەلەبكە لايىق مۇسۇلمانلىقنىڭ پەقەت ساغلام ئېتىقاد ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەخلاقنىڭ مەرتىبىسى ئىمان بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى، تەلەبكە لايىق قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ چوقۇم ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلالايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بەزى دىندارلارنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچارلىقلار ئۇلار قىلغان ئىبادەتلەرنىڭ نەپسنى ۋە روھنى پاكلاش، ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت مېۋىسىنى بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم.

بۇ ئەسەرنى ھازىرلاش ئۇزۇن مۇددەتلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئەمگەك بولدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمغا مەنپەئەتلىك، چۈشىنىشلىك ۋە تولۇق بىر ئەسەر بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىقتىدارىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم، ئەڭ ئىلغار ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپسىز پىكىرلەر بىلەن بېيىتتىم. دوستلىرىمنىڭ، كەسىبداشلىرىمنىڭ پىكىرلىرىنى ئالدىم ۋە ئاخىرقى نۇسخىنى ئۇلار كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن مۇقىملاشتۇردۇم.

بۇ ئەسەرنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بىر نۇسخىدىن بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

- مۇھەممەد يۈسۈپ