كىتاب ئىسمى بەش پەرز ۋە ئسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن بەيرۇت-لىۋان
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2013- يىلى
ھەجمى 7.33 MB
بەت سانى 1119 بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم
 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

 جىمى ھەمدۇ سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىغا، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يوللايمەن.

    ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىمگە، خۇسۇسەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىت بىلەن ئىسلام دىنىمىزنىڭ ئەقىدە پرىنسىدىن باشلاپ بىلگىنىمچە بەزى كىتابلارنى ئاددى تىلدا يېزىپ چىققان ئىدىم.  بۇ كىتابلار ئۆز ۋاقتىدا نەشىر قىلىپ كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىغا تارقىلىتىلغان ئىدى. كىتابلىرىمنى بىر توم قىلىپ توپلاپ نەشىر قىلدۇرۇشنى ئۇزۇندىن بىرى ئويلىغان بولساممۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كېچىكىپ كەلدى.

   مانا ئەمدى بۈگۈن كىتابلىرىمنى توپلاپ چىقىىپ، « ئىسلام ئەقىدىلىرى، « ناماز ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى»، «زاكات پەرزى ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى»، « روزا ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى»، «ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش قوللانمىسى»، «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى» بويىچە رەتلەپ چىقتىم ۋە ھەممىنى بىر توپلام ئىچىگە كىرگۈزۈپ نەشىرگە تەييارلىدىم.

    جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ خەيرلىك ئىشنىڭ مۇسۇلمان خەلقىمگە مەنپەئەتلىك بولىشى تىلەيمەن.

                                                                مۇھەممەد يۈسۈپ

1430-ھىجرىيە يىلى 21-جامادى ئەۋۋەل

                                                                                 2009 -يىلى16-ماي