كىتاب ئىسمى دىن ۋە ھايات (2000 سوئالغا جاۋاب) 1- توم
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن بەيرۇت -لىۋان
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2012- يىلى
ھەجمى 18.1 mb
بەت سانى 689 بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر مۇندىن ئىلگىرى «دىن ۋە ھايات (1600سوئالغا جاۋاب)» دېگەن ئىسىم بىلەن ۋە كېيىنچە «دىن ۋە ھايات (2000 سوئالغا جاۋاب)»  دېگەن ئىسىم بىلەن قايتا تەھرىرلىنىپ ۋە تولۇقلىنىپ نەشر قىلىنغان نۇسخىلىرىغا ئاساسەن ئىككى قىسىملىق قىلىپ قايتا نەشرگە تەييارلاندى.

كىتابىمنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى نەشرلىرىنىڭ كىتابخانلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى ۋە بۇ كىتاب ھەققىدىكى تەلەبنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقى مېنى تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشكە قىزىقتۇردى.

بۇ ئەسەر چوڭ – كىچىك ھەممىگە ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام قىلىپ ھازىرلاندى. بۇ ئەسەر سىزنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئەڭ قىسقا يول بىلەن ئەڭ توغرا ۋە مۇكەممەل چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم قىلىدۇ. شۇنىڭدەك سىزنى دىن ۋە ھايات مەسىلىلىرى ھەققىدىكى كۆپلىگە قىممەتلىك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كىتاب 13 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈزۈلىشى مۇنداق بولدى:

1- قىسىم ئالدىنقى5 بۆلۈمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار:

بىرىنچى بۆلۈم: ئېتىقاد

ئىككىنچى بۆلۈم: ئىبادەت

ئۈچىنچى بۆلۈم: ئەخلاق

تۆتىنچى بۆلۈم: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىن ئۆرنەكلەر

بەشىنچى بۆلۈم: مۇئامىلە

2-قىسىم 6-بۆلۈمدىن باشلاپ كېيىنكى بۆلۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار:

ئالتىنچى بۆلۈم: ھارام ۋە چەكلەنگەن ئىشلار

يەتتىنچى بۆلۈم: قۇرئان ۋە سۈننەت

سەككىزىنچى بۆلۈم: ئىسلامىي بىلىملەر

توققۇزىنجى بۆلۈم: قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزىسى

ئونىنچى بۆلۈم: ئىسلامدىكى مۇقەددەس جايلار

ئون بىرىنچى بۆلۇم: ئاتېئىزم ۋە ئاللاھنىڭ بارلىقى

ئون ئىككىنچى بۆلۈم: شەك-شۈبھىلەرگە رەددىيە

ئون ئۈچىنچى بۆلۈم: ئىسلام دۆلىتى ۋە ئىسلام خەلىپىلىكلىرى

كىتابىمنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بۆلۈملىرى ئاساسەن ياش – ئۆسمۈرلەرگە مۇناسىب شەكىلدە ھازىرلانغانلىقتىن، سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى ئىخچام بولۇپ، مەسىلىلەرنىڭ مەنبەلىرى بېرىلمىدى ۋە تەپسىلاتلىرىغا كىرىلمىدى. ئەمما كىتابىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرى ئومۇمەن چوڭلارغا مۇناسىبرەك بولغانلىقتىن، جاۋابلار بىر ئاز كېڭەيتىپ بېرىلدى ۋە مەسىلىلەرنىڭ مەنبەلىرى ئىمكان قەدەر تولۇق بېرىلدى.

مەن مەزھەبنى رەت قىلغۇچىلاردىن ياكى ئۇنىڭغا مۇتەئەسسپلىك قىلغۇچىلاردىنمۇ ئەمەسمەن. خەلقىمىز ئومۇمەن ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە ئىش كۆرىدۇ. شۇڭا فىقھى مەسىلىلەردە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىبى ئاساس قىلىنىپ، ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ھەممە بىرلىككە كېلىنگەن ئىختىلاپسىز مەسىلىلىرى تاللاپ ئېلىندى. ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ رەيى قانائەتلىك بولمىغان مەسىلىلەردە باشقا مەزھەبلەرنىڭ كۈچلۈك قاراشلىرى تاللاپ ئېلىندى.

ئىمان بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى بىر- بىرىنى تاكامۇللاشتۇرىدىغان مۇستەھكەم باغلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، كىتابىمدا، ئەخلاققا ئالاھىدە كەڭ ئورۇن بەردىم. ھەقىقىي دىندارلىقنىڭ ۋە تەلەبكە لايىق مۇسۇلمانلىقنىڭ پەقەت ساغلام ئېتىقاد ۋە گۈزەل ئەخلاق بىلەن بولىدىغانلىقىنى، ئەخلاقنىڭ مەرتىبىسى ئىمان بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى، تەلەبكە لايىق قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ چوقۇم ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلالايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە بەزى دىندارلارنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچارلىقلار ئۇلار قىلغان ئىبادەتلەرنىڭ نەپسنى پاكلاش ۋە روھنى يۈكسەلدۈرۈش، ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت مېۋىسىنى بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم.

چۈنكى ھازىرقى زامان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە باش كۆتۈرگەن ئەڭ چوڭ كرىزىس دىيانەت بىلەن ئەخلاق ئىككىسىنى بىر – بىرىگە باغلىيالماسلىق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ شەكلىي ئىبادەتلەرنى ئورۇنداپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئەخلاقىي تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى، يەنە بەزىلەرنىڭ ئەدەب-ئەخلاق ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىبادەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىدىن ئىبارەت بولغان كىرزىستۇر.

بۇ ئەسەرنى ھازىرلاش ئۇزۇن مۇددەتلىك قىيىن ۋە جاپالىق ئەمگەك بولدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمغا مەنپەئەتلىك، چۈشىنىشلىك ۋە تولۇق بىر ئەسەر بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئىقتىدارىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشتىم، ئەڭ ئىلغار ۋە ئومۇمىي مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىختىلاپسىز پىكىرلەر بىلەن بېيىتتىم. دوستلىرىمنىڭ، كەسىبداشلىرىمنىڭ پىكىرلىرىنى ئالدىم ۋە ئاخىرقى نۇسخىنى ئۇلار كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن مۇقىملاشتۇردۇم.

بۇ ئەسەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىش ئىشىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەر قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا، پاكىستان ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، شۇنداقلا مىسىر ئەزھەر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، يۇقىرىسى دوكتورلۇقتىن باشلاپ تۆۋىنى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئالغان ياش ئالىملار ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

دېمەكچىكى، بۇ ئەسەرنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىرلىككە كېلىنگەن ئىسلام پىرىنسىپىغا، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە قانائىتىم تولۇقتۇر. ئوقۇرمەنلەرنى بۇ جەھەتتە خاتىرجەم قىلىشنى خالايمەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر ياش ئالىملارغا، شۇنداقلا بۇ ئەسەرنى يېزىشىمدا ماڭا قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بەرگەن دوستۇم ۋە ساۋاقدىشىم – ئەزھەرىي دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاغا رەھمەت ئېيتىمەن.

بۇ ئەسەرنىڭ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە بىر نۇسخىدىن بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جانابى ئاللاھتىن بۇ ئاددى ئەمگىكىمنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

بۇ ئەسەرنى تۈرلۈك خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. كىتابخانلارنىڭ، خۇسۇسەن ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىم-ئۆلىمالارلىرىمىزنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن.

مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن

ھىجرىيە1434-يىلى 2- ئاينىڭ27-كۈنى

مىلادىيە2013- يىلى 1-ئاينىڭ-9كۈنى