كىتاب ئىسمى ئەقىدە
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2023
ھەجمى كىچىك
بەت سانى 93
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

 
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى ماختايمەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇفرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۇئمىنلەرگە جانابى ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ئىسلام ئەقىدىسىدىكى ئالتە ئىماننى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرگەن، ھەممىگە ئاممىباب ئەسەر بولۇپ، سىزنىڭ ئەقىدە ھەققىدىكى بىلىملەرگە بولغان بارلىق ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدۇ، بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتىدۇ، بىلىدىغانلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.