كىتاب ئىسمى قۇرئان كەرىم قانداق كىتاب
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى نەشر قىلدى ئىستانبۇل - تۈركىيە
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2018 - يىل نويابىر
ھەجمى 2.37 MB
بەت سانى 224
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

ناھايىتى رەھىم _ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

قولىمىــزدا شــۇنداق قىممەتلىــك ئەڭگۈشــتەرىمىز بــارتۇرۇقلــۇق، بىزنىــڭ ئۇنىــڭ قەدرىنــى ۋە قىممىتىنــى بىلمــەييۈرۈشــىمىز، كــۈچ – قۇۋۋەتنىــڭ، شــان – شــەرەپنىڭ ۋە قــەد كۆتۈرۈشــنىڭ ئاچقۇچىنــى قولىمىــزدا تۇتــۇپ تۇرۇقلــۇق،ئۇنــى ئېچىشــنى بىلمىگەنلىكىمىــز، قۇرئانىمىزنىــڭ ھــەۋزى كەۋســەرلىرىدىن ئىچىشــكە، ئۇنىــڭ خەزىنىلىرىدىــن مەنپــە-ئەتلىنىـپ، ماددىـي ۋە مەنىـۋى جەھەتتىن ئۆزىمىزنى بېيىتىشـقا قۇربىمىــز يەتمــەي يۈرۈشــىمىز بىزنىــڭ بەخســىزلىكىمىزدۇر. ھەربىـر مۇسـۇلمان ئادەمنىـڭ »قۇرئـان كەرىم«نىـڭ قانداق كىتــاب ئىكەنلىكىنــى، ئۇنىڭغــا قانــداق مۇئامىلــە قىلىــش كېرەكلىكىنــى ۋە ئۇنىڭغــا قارىتــا بۇرچىنــى بىلىشــى ئــەڭئالدىنقـى پەرزلەردىـن سـانىلىدۇ. شـۇڭا بىـز بـۇ دۇنيـادا ئەزىـز،ھۆرمەتلىــك، ھۇزۇرلــۇق ھايــات كەچۈرۈشــنى، ئاخىرەتتىمــۇئاللاھ  تائالانىىــڭ جەننىتىگــە لايىق بولۇشــنى خالايدىغــان بولسـاق، بىزنىـڭ ھەممىدىـن ئـاۋۋال قۇرئانىمىزنـى تونۇشـىمىزۋە ئۇنىـڭ قانـداق كىتـاب ئىكەنلىكىنـى بىلىشـىمىز ۋە ئۇنىـڭ قانــۇن - پىرىنســىپلىرىغا تولــۇق ئەمــەل قىلىشــىمىز شــەرت.بــۇ كىتابچــە ســىزنىڭ »قۇرئــان كەرىم«نىــڭ قانــداق كىتــاب ئىكەنلىكىنــى ئــەڭ قىســقا يــول بىلــەن ئــەڭ توغــرا ۋە مۇكەممــەل رەۋىشـتە بىلىۋېلىشـىڭىزغا ياردەمچـى بولىـدۇ ۋە سـىزنى بـۇ ھەقتـەكۆپلىگـە قىممەتلىـك بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيـدۇ.

مۇھەممەد يۈسۈپ