كىتاب ئىسمى ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2020-يىلى
ھەجمى 8.59 MB
بەت سانى 158
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

 

ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ مۇكەممەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە رەببى جانابى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن قەلبىمدىن مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرىدىغان مۇئمىن، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا ئىككى ئالەملىك بەخت - سائادەت تىلەيمەن.

دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم ھاياتىنى ھۇزۇرلۇق ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ، ھېچكىم بەختسىز ۋە مەنىسىز ھايات كەچۈرۈشنى خالىمايدۇ. ئەمما ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۆزىدىكى ۋە ئەپچۆرىسىدىكى ھۇزۇر-ھالاۋەت ئامىللىرىنى بىلەلمەيدۇ، ئۇلار گويا تۆگە ئۈستىدە تۇرۇپ تۆگە ئىزدىگەن ئادەمدەك ھۇزۇر- ھالاۋەتنى ۋە مەنىلىك تۇرمۇشنى يوق يەرلەردىن ئىزدەيدۇ. رۇسىيەلىك مەشھۇر پەيلاسوپ تولستوي: «بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بەخت_ سائادەت يېنىمىزدا تۇرسىمۇ، خۇددى كۆزىمىزدە تۇرغان كۆز ئەينەكنى ئىزدىگەندەك ئۇنى ئىزدەپ يۈرىمىز» دېگەن ئىكەن. رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش، ئۇنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ھەرقانداق ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر. بىز كۆزقاراشلىرىمىزنى، ئېتىقادىمىزنى ۋە تەسەۋۋۇرىمىزنى ئىجابىيلىققا ئۆزگەرتىش، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىش ۋە ئۆزىمىزدىكى يوشۇرۇن جەۋھەرلەرنى قېزىش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى مەنىلىك ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ئۆتكۈزۈشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز.

بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك ۋە ھۇزۇرلۇق ھاياتقا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ بىرىنچى ئامىلى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. )مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُمْ بِأَحْسَنِ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ( «ئەر _ ئايال مۇئمىنلەردىن كىمكى مۇئمىنلىك ھالىتىدە تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئەمەلنى قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئەڭ ياخشى ھاياتتا ياشىتىمىز ۋە ئەلۋەتتە ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بويىچە مۇكاپاتلايمىز»[1]. بارچە سائادەت ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلدىن كېيىن كېلىدۇ. چۈنكى ئىمان قەلبىمىزنى تىنچلاندۇرىدىغان، بىزنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئېنىرگىيە بولۇپ، ياخشى ئەمەل ئىماننىڭ نەتىجىسى ۋە سائادىتىمىزنىڭ كاپالىتىدۇر.

    يىللاردىن بېرى ئۆگەنگەنلىرىمنى ۋە ھاياتلىقتىن ئالغان ئاز-تولا تەجرىبىلىرىمنى ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ رىسالىنى ھازىرلىدىم. بۇ رىسالىگە بىزنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتىمىزگە ۋەسىلە بولىدىغان قىرىقتىن كۆپرەك ماۋزۇنى كىرگۈزدۈم.

  جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددىي رىسالىنى خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ۋە بۇ ئەمگىكىمنىڭ ئەجىر- ساۋابىدىن پېقىرنى ۋە ئاتا-ئانامنى بەھرىمەن قىلىشىنى تىلەيمەن.

—مۇھەممەد يۈسۈپ

ھىجرىيە 1442-يىلى، مۇھەررەم ئاينىڭ 22- كۈنى،

مىلادى2020-يىلى، 10- سېنتەبىر.

جىددە — سەئۇدى ئەرەبىستان