كىتاب ئىسمى روزا، ئەھكاملىرى ۋە قائىدە- تەرتىپلىرى
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل -تۈركىيە
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 1999 -يىلى
ھەجمى 514KB
بەت سانى 85 بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بِسْمِ اللهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِِ

 

 جىمى ھەمدۇ سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن ساھابىلىرىغا، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە سالام يوللايمەن.

 روزا تۇتۇش ئىبادىتى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋى دىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەتتۇر، ئەمما ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز بو بۇلغان رامىزان روزىسى بولسا، ئايلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك، مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە قۇرئان چۈشۈشكە باشلىغان بىر مۇبارەك ئايغا بەلگىلەنگەن كاتتا ۋە خاسىيەتلىك ئىبادەتتۇر.

 رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پرېنسىپلىرىدىن بىرى ۋە ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ نامايەندىسىدۇر.

روزا ئىنساننى پەس ھەۋەسلەردىن يۈكسەلتىپ، روھانىي خىسلەتلەرگە ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى يۇقىرى مەرتىۋىلەرگە كۆتىرىدىغان؛ ئىنسانغا چىدام ۋە سەبىرچانلىقنى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئۇنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدىغان تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەتتۇر.

 ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى «روزا ۋە ئۇنىڭ قائىدە ـ تەرتىبلىرى» ناملىق بۇ كىتاب ھەرقانداق كىشىنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىغا ئۇڭاى ۋە چۈشىنىشلىك ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلدى. بۇ كىتابنى يېزىپ چىقىشتا قۇرئان كەرىم ۋە سەھى ھەدىسلارنى ئاساسىي مەنبە قىلدىم. ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇپۇزلۇق ئەسەرلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ پايدىلاندىم. فىقھى مەسىلىلەردە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىبىنى ئاساس قىلدىم. كىتابنىڭ ئىخچام ھەم چۈشىنىشلىك بولۇشىغا ئەھمىيەت بەردىم.

 جانابى ئاللاھتىن بۇ ئاددى ئەسەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولۇشىنى ۋە بۇ ئىشىمنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولۇپ قوبۇل قىلىنىشىنى تىلەيمەن.

 

1999- 10- 11- كۈنى

مۇھەممەد يۈسۈپ