كىتاب ئىسمى دىنىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قالايلى
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل-تۈركىيە
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2005- يىلى
ھەجمى 679 KB
بەت سانى 309 بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

      پۈتۈن ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ۋە ئۇنى جىمى كەمچىلىكلەردىن ئەلۋەتتە پاك ۋە ئۈستۈن دەپ تەرىپلەيمەن. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغۇچى ئەھلى مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا مەڭگۈلۈك بەخت تىلەيمەن.

       ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ توپلام ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى نامايان قىلغان ھەر خىل ماۋزۇلاردىكى دىنىي ماقالىلارنى – ھەرخىل تېمىلاردىكى سۆھبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئالمۇتىدا چىقىدىغان «يېڭى ھايات» ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى»گېزىتلىرى سەھىپىلىرىدە 1996- ۋە 1999-يىللار ئارىسىدا نەشىر قىلىنغان.

   ئانا ۋەتەن ۋە باشقا مەملىكەتلەردىكى بۇ توپلام بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بۇنى قايتا نەشىر قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. بۇ ئىككىنچى قېتىملىق نەشرى بولۇپ، 1999- يىلى ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان بىرىنچى نۇسخىسىغا ئاساسەن رەتلەندى. كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىلىم قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ۋە بۇئىشىمنىڭ خالىس خۇدا رازىلىقى ئۈچۈن بولۇپ قوبۇل قىلىنىشىنى جانابى ئاللاھ تائالادىن سورايمەن.

   مۇھەممەد يۈسۈپ

2005 - يىل، 28- ماي.