كىتاب ئىسمى مانا بۇ ئىسلام
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن قاھىرە -مىسر
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2020
ھەجمى 2.72 MB
بەت سانى 457
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

 

ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پەرۋىشچىسى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن يۈرەكتىن مەدھىيىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت - سائادەت تىلەيمەن.

تۈركىيە ۋە ئانا ۋەتەندىكى ئوقۇرمەنلىرىمدىن بىر قانچىسى خېلى ۋاقتىىن بىرى مەندىن ئىسلام دىنى ھەققىدە چۈشىنىشلىك، ئىخچام ۋە كەڭ دائىرىلىك بىر كىتاب يېزىپ چىقىشىمنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەنمۇ  ۋاقىت چىقىرالىسام يازىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنتىم. مەشغۇلىيىتىمنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ ئىشقا ھېچ قولۇم تەگمەي كەلگەن ئىدىم. يېقىندا يەنە ئۇلاردىن بىرى مەندىن بۇ ئىشنى سۈيلىدى ۋە تەلەپنى قاتتىقراق قويدى. شۇنىڭ بىلەن باشقا چئىشلىرىمنى قويۇپ ئىزدىنىشكە باشلىدىم، بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتكەن كاتتا ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتتىم.  يەنە بىر تەرەپتىن ئىلگىرى ئىسلام دىنى ھەققىدە يازغانلىرىمنى توپلىدىم.  جانابى ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراپ بىر قانچە ئاي جاپالىق ئىشلەش جەريانىدا بۇ كىتابنى يېرىم ياتا قىلىپ تۈزۈپ چىقتىم. ئاندىن داۋاملىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە تولۇقلاش جەريانىدا كىتابىمنى بۇ ھالىغا كەلتۈردۈم. ئەقلىمگە كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەققىدە توختالدىم، چۈشىنىشلىك، كەڭ مەلۇمات بېرىشكە تىرىشتىم. ئەمما تۈرلۈك خاتالىق ۋە نۇقسانلاردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر بېرىشىنى، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ تۈزىتىش بېرىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

 جانابى ئاللاھ تائالادىن  بۇ ئاددىي ئەمگىكىمنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىلىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى سورايمەن.

 

_ مۇھەممەد يۈسۈپ

14/10/1434ھىجرى

2013-يىلى21-ئاۋغۇست