كىتاب ئىسمى قەلەمنىڭ ئىلھامى ماقالىلار توپلىمى (2)
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبول
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2018  _ يىلى ئاۋغۇستنىڭ 12 _ كۈن
ھەجمى 5.20 MB
بەت سانى 232
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

 

ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن قەلبىمدىن مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت - سائادەت تىلەيمەن.

بۇ ئەسەر «قەلەمنىڭ ئىلھامى» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىلار توپلىمىنىڭ 2- قىسمى بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن ھازىرغا قەدەر بېرى ئېنتېرنېت تورلىرىدا، ژۇرناللاردا شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان دىنىي ۋە ئىجتىمائى تېمىلاردىكى يازمىلىرىمنىڭ توپلىمىدۇر. خەلقىمىزگە پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن بۇنى توپلاپ نەشر قىلدۇرۇشنى لايىق كۆردۇق.

جابانى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددىي ئەمگىكىمنى خالىس ئەمەل ئىبادەت قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن.

 _  مۇھەممەد يۈسۈپ

1439  _ يىلى زۇلھىججە ئاينىڭ 1  _ كۈنى،

2018  _ يىلى ئاۋغۇستنىڭ 12 _ كۈنى، يەكشەنبە،

سەئۇدى ئەرەبىستان، جىددە