كىتاب ئىسمى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2020
ھەجمى 11.4mb
بەت سانى 431 بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

    ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن).

ئەڭ گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى، ھەق دىننى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئاتىغان ئەڭ كاتتا نېمىتىنى تاماملىغان ۋە «قۇرئان كەرىم»دىن ئىبارەت مەڭگۈ ئۆچمەس ھىدايەت مەشئىلىنى نازىل قىلىپ دىللارنى نۇرلاندۇرغان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا جىمى مەۋجۇداتنىڭ سانىچە ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئۇنى چىن يۈرىكىمدىن مەدھىيەلەيمەن. ئىنسانىيەتكە ھەق دىننى يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇفرى ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن، ئۇنىڭ ئائىلە _ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇئمىنلەرگە، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئىسلام ئۈممىتىگە جانابى ئاللاھ تائالادىن رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمەن.

ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مەن بۈگۈن كىچىكىمدىن ئارزۇلاپ كەلگەن، كېچە-كۈندۈز خىيال قىلغان، مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغان بىر خىزمەتنى تاماملاپ، ئەزىز خەلقىم بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ھارپىسىدا تۇرۇپتىمەن. بۇ لەھزىلەردىكى شۈكۈر ۋە مەمنۇنىيەت، ئىپتىخار ۋە خۇشاللىق تۇيغۇلىرىمنى ئىپادىلەپ بولالمايمەن، ئەلۋەتتە!

ئوقۇغۇچىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپلا ئۆزۈمنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەقسەت-مۇددىئالىرىنى ئۇدۇل ۋە توغرا چۈشىنەلەيدىغان ۋە چۈشەندۈرەلەيدىغان سەۋىيەگە ئىگە بولۇشۇمنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. بىر قانچە ئون يىللىق ئىزچىل تىرىشىش، ئۆگىنىش ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا ئۆزۈمدە مەلۇم نىسبەتتە ئىقتىدار ۋە سالاھىيەت يېتىلدى دەپ قارىدىم _ دە، تەجرىبەم كەمچىل، ئىلمىي سەۋىيە جەھەتتىن تازا كامالەت ئەھلى بولمىساممۇ، بۇ شەرەپلىك ۋە مەسئۇلىيىتى ئېغىر ئۇلۇغ خىزمەتكە باشچىلاپ كىرىپ كەتتىم. ئۈمىدىم شۇكى، ئۇزاققا سوزۇلغان روھىي ئاسارەت ئىسكەنجىسىدە ھالسىرىغان ئەزىز خەلقىمنىڭ جاراھەتلىك قەلبىگە مۇشۇ خىزمەتلىرىم بىلەن ئازغىنە مەلھەم سۈرەلىسەم... ئۇلارنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى توغرا چۈشىنىپ، شۇ چۈشەنچىلەرنىڭ نۇرىدا داغدام قەدەملەر بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرەلىسەم... ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىگە ۋەسىلە بولالىسام...

شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ئۇلۇغ خىزمەتنى 2002-يىلى 17-ئاپرىل كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە دىكتور بولۇپ ئىشقا كىرگەن كۈنۈملا باشلىۋەتتىم. نۇرغۇنلىغان تەپسىرلەرنى ۋە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۆزۈم بىلىدىغان تىللاردىكى تەرجىمە نۇسخىلىرىنى توپلىدىم. ۋەتىنىمىزدىن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «ئىملا لۇغىتى»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»...قاتارلىق پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەكەلدۈرۈپ، زۆرۈر تېپىلغاندا شۇلارغا مۇراجىئەت قىلدىم. شۇنداقلا مەزكۇر تەرجىمىدە باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنى مۇمكىنقەدەر ئاز ئىشلىتىپ، ئىمكانىيىتىمنىڭ يېتىشىچە ئۆز تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەردىم.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادا ھازىرغىچە «قۇرئان كەرىم» 140تىن كۆپرەك مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ۋە ھەرخىل تەرجىمە نۇسخىلىرى 1200دىن ئاشقان. ھازىرقى تۈركىيە تۈركچىسىدىمۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ 100 خىلدىن كۆپرەك تەرجىمىسى بارلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار تۈرك تىللىق خەلقلەر ئىچىدە «قۇرئان كەرىم»نى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلغان خەلق بولۇپ، مىلادىيە 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئاتاغلىق تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇد قەشقەرىينىڭ ئۇستازى ھۈسەين ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف دېگەن كىشى «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن. ھازىر بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ سەككىز خىل قول يازما نۇسخىسى تولۇق ياكى تولۇقسىز ھالەتتە چەتئەللەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ياكى كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. 1735- يىلىدىن 1756- يىلىغىچە يەكەندە ھۆكۈمدارلىق قىلغان خوجا ياقۇب دېگەن كىشى دۆلەت خىراجىتى بىلەن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى يازدۇرۇپ نەشىر قىلدۇرغان ئىكەن. قاغىلىقتا ئۆتكەن ھۈسەينخان تەجەللىي دېگەن كىشىنىڭ 1910- يىلى «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەپسىرىنى يېزىپ چىققانلىقى، يەنە شۇ يىلى چۆچەكتە يۈسۈپ داموللام دېگەن كىشىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ قىسمەن تەپسىرىنى تاماملاپ چىققانلىقى مەلۇم. سابىت داموللا ھاجىم شىڭشىسەينىڭ تۈرمىسىدە، 1937- يىلىدىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچ سەرپ قىلىپ، «روشەن بايان تۈركىي تەپسىرۇل قۇرئان» دېگەن ئۇيغۇرچە تەپسىرنى يېزىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ 30- پارىسى 1948- يىلى غۇلجىدا بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ تەپسىرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى سابىت داموللامنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ 1961- يىلى غۇلجىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرغان ئىكەن. 1955- يىلى مۇھەممەد زىرىپ قارىھاجىم غۇلجىدا «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇرچە تەپسىر قىلىپ چىققان بولۇپ، 2018-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان.  بۇ كىشىنىڭ 1926- يىلى قەشقەردە يېزىپ چىققان «ئەممە پارىسىنىڭ تەپسىرى» ناملىق ئەسىرى 1987- يىلى قاتاردا فاكسمېل قىلىپ، ئەسلىدىكى چاغاتاي يېزىقىدا بېسىپ تارقىتىلغان. كېيىنچە 2003- يىلى شۇ فاكسمېل نۇسخىسىغا ئاساسەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان. زامانىمىزغا قەدەر ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرى خېلى كۆپ مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، كۆپلىرى نەشر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي يوقۇلۇپ كەتكەن، يەنە نۇرغۇنلىرى نابۇت قىلىنغان. 

1986- يىلى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردى. بۇ تەرجىمە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولماسلىقتەك چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان بولدى. 2012- يىلى «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى» تەرىپىدىن «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ھەرقانداق  بىر تىلدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىر قانچە خىل تەرجىمىسىنىڭ بولۇشى ناھايىتى ياخشى. چۈنكى ئۇلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئوخشىمىغان چۈشەنچە ۋە ئوخشىمىغان پىكرىي چوڭقۇرلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا تەرجىمىنىڭ كۆپ بولۇشى پايدىلىقتۇر.

پايدىلىنىلغان ئاساسلىق تەپسىرلەر:

1.           تەپسىرى تەبەرى (جامع البيان في تفسير القرآن).

2.           تەپسىرى قۇرتۇبى(تفسير القرطبي)

3.           تەپسىرى بەغەۋى(معالم التنزيل).

4.           تەپسىرى ئىبنى كەسىر(تفسير القرآن العظيم).

5.           تەپسىر جەلالەين (تفسير الجلالين).

6.           تەپسىر سەفۋەتۇتتەفاسىر (تفسير صفوة التفاسير).

7.           تەپسىرى سەئدى (تفسيرالكريم الرحمن لكلام المنان).

8.           تەپسىر شەئراۋى (خواطر الشعراوي حول القرآن).

9.           تەپسىرى ئىبنى ئاشۇر (التحرير والتنوير).

10.        تەپسىرى مۇيەسسەر (التفسير الميسر).

11.        تەپسىرى مۇختەسەر (المختصر في التفسير).

12.        فى زىلالىل قۇرئان (في ظلال القرآن).

13.         «تەپسىرى شىنقىتى» (أضواء البيان في إيضاح القرآن بالقرآن).

14.         «تەپسىرى كەششاف» (الكشاف).

15.        «تەپسىرى بەيزاۋى» (أنوار التنزبل وأسرار التأويل).

16.        «تەپسىرى رازى» (التفسير الكبير للرازي).

17.        «ئەل جەدۋەل فى ئىرابىل قۇرئان» (الجدول في إعراب القران).

 يۇقىرىقى تەپسىرلەردىن باشقا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە ۋە قازاقچە تەرجىمە نۇسخىلىرىدىن ئەتراپلىق پايدىلاندىم، ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈشتە «تەپسىرى مۇيەسسەر» بىلەن «تەپسىرى مۇختەسەر»گە سېلىشتۇرۇپ چىقتىم.

«قۇرئان كەرىم» تەرجىمىسى

 تەرجىمە دېگەنلىك ھەرگىز بىر تىلدىكى سۆزلەرنى يەنە بىر تىلغا سۆزمۇسۆز يۆتكەپ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئەسلى تىلدىكى مەنىنى تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلدا ئەسلىسىگە ئۇيغۇن ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشتۇر. مانا بۇ ھەقىقىي تەرجىمىدۇر. ساھابىلەردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: «قۇرئاننىڭ تەرجىمانى» دېگەن شەرەپلىك ئۇنۋاننىڭ بېرىلگەنلىكى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى ئەرەب تىلىدىن باشقا بىر تىلغا تەرجىمە قىلغانلىقىدىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئۇنداق قىلمىغان، بەلكى ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىسىنى تولۇق بىلگەنلىكى ۋە ئۇنى توغرا چۈشەنگەنلىكىدىن ئىدى.

 تەرجىمە ئىشىدا، تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئۆزى تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىلدىكى مەنىنى تولۇق بىلىشى ۋە مەقسەتنى ناھايىتى ئېنىق چۈشىنىشى شەرتتۇر. ئەكسىچە بولغاندا، ئۇ تەرجىمە ئەمەس، بەلكى تېكىستنى پەقەتلا سۆزمۇ _ سۆز يۆتكەپ قويغانلىق بولۇپ قالىدۇ. ئەسلى تىلدىكى مەنىنى تەرجىمە تىلغا ئۆز ئەينى بويىچە، ھېچ بولمىغاندا، ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئەينى بويىچە ئىپادىلەپ بېرىش تەرجىماننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىدۇر.

مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىش ئىشى باشقا ھەرقانداق كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئىشىدىن ئالاھىدە پەرقلىق بولغان تولىمۇ نازۇك بىر ئىشتۇر. چۈنكى بۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق بىلىش ۋە ئەتراپلىق چۈشىنىش تەرجىماننىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ ۋەزىپىسىدۇر. مەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ تولىمۇ ئېغىر ۋە خەتەرلىك بىر مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھالدا يولغا چىققان بولدۇم. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەت ھاياتىمدىكى ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەنچە تىرىشتىم.

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەرقايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرىدا مۇنداق ئىككى خىل يۆنىلىش مەۋجۇت ئىكەن: بىرى، تەرجىمىدىن مەقسەت ئاللاھ تائالانىڭ نېمە دېگەنلىكىنى باشقا تىلغا يۆتكەش بولغانلىقتىن، ئايەتلەرنى مەنە جەھەتتىن تەرجىمە قىلىش يېتەرلىكتۇر، دېگەن يۆنىلىش، يەنە بىرى، ئايەتلەرنى مەنە جەھەتتىن تەرجىمە قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك دېگەن يۆنىلىش. بىز بۇ تەرجىمىدە ئىككىنچى يۆنىلىش بويىچە ماڭدۇق. چۈنكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. بۇ دېگەنلىك ئايەتلەرنى ئەرەب تىلىدىكى پاساھىتى ۋە بەدىئىيلىكى بويىچە ئۇيغۇرچىغا ئەينەن تەرجىمە قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ مۇمكىن ئەمەس. پەقەت ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: )وَنَفَخَ فِيهِ مِنْ رُوحِهِ( دېگەن ئايەت تۈركىي تىللارغا: ﱡئاللاھ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزدىﱠ، ﱡئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ روھىدىن پۈۋلىدىﱠ، ﱡئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزىگە مەنسۇپ روھنى كىرگۈزدىﱠ، ﱡئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزى ياراتقان روھتىن پۈۋلىدىﱠ ۋە ﱡئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆز ئىلكىدىكى روھنى كىرگۈزدىﱠ دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل تەرجىمە قىلىنغان. بىز ئەڭ ئاخىرقىسىنى تاللىدۇق. يۇقىرىقى تەرجىمىلەرنىڭ ھەممىسى توغرا، چۈنكى ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ، ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى تەرجىمە «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن.

بۇ تەرجىمىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر

بۇ تەرجىمە «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىدىن پەرقلىق بولغان تۆۋەندىكى ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە:

1. ئەرەب تىلىدىكى ﱡرَبٌّ ﱠ دېگەن سۆز لۇغەتتە «ئىگە، باشقۇرغۇچى، پەرۋىشچى، خوجايىن» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ﱡرَبٌّ ﱠ دېگەن سۆز يالغۇز ھالىتىدە ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمگە ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا بىرەر قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىقلا باشقىلارغىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: «رَبُّ اْلاُسْرَةِ» يەنى (ئۆي ئىگىسى) دېگەنگە ئوخشاش ([1]).  ئىسلام دىنىدا ﱡرَبٌّ ﱠ سۆزى ئاللاھ تائالانى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا پۈتۈن كائىناتنىڭ ئىگىسى، ھەممىنى پەرۋىش قىلغۇچى، ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى، ئىبادەت قىلىنىشقا ھەقلىق بولغۇچى، يېگانە ئىلاھتۇر. ([2]) شۇڭا بىز «قۇرئان كەرىم» دە كەلگەنﱡرَبٌّ ﱠ ياكى ﱡالرَبُّﱠ دېگەن سۆزنى «پەرۋەردىگار» دەپ ئالماي،  ئەرەبچىدىكى ئۆز ئەينىسى بويىچە ئېلىشنى لايىق كۆردۇق. مەسىلەن: ﱡجىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇرﱠ ([3]) دېگەنگە ئوخشاش. چۈنكى، «پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋىشكار» دېگەن سۆزلەرنىڭ ھېچبىرى ﱡرَبٌّ ﱠ دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىكەن. گەرچە «پەرۋەردىگار» دېگەن سۆز بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقۇچى، خۇدا ([4]) دېگەن مەنىنى، «پەرۋىشكار» دېگەن سۆز پەرۋىش قىلىدىغان، تەربىيەلەيدىغان([5])  دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەرەب تىلىدىكى ﱡرَبٌّ ﱠ دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەشتىن خېلى بەك يىراقتا ئىكەن.

پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئەرەب تىلى مۇتەخەسسىسلىرى شۇنىڭغا بىردەك ئىتتىپاقكى، «قۇرئان كەرىم» نىڭ كەلىمىلىرى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن شۇنداق مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوخشاشلا مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرغاندا مەقسەت قىلىنغان مەنە ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. ئەھۋال بۇنداق بولغان يەردە، پارسچىدىكى «پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋىشكار» دېگەن سۆزلەر قانداقمۇ ئەرەب تىلىدىكى ﱡرَبٌّ ﱠ دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلىسۇن! يەنە بىر تەرەپتىن مەيلى ﱡرَبٌّ ﱠ دېگەن سۆز بولسۇن، مەيلى پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار دېگەن سۆزلەر بولسۇن، بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەمەس. ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، بىز تىلىمىزدىكى دىنىي ئاتالغۇلار ئۈچۈن پارسچە سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىن كۆرە ئەرەبچە سۆزلەرنى ئىشلەتكىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى دىنىي ئىلىملەرنىڭ مەنبەلىرى ئەرەب تىلىدىدۇر.

2. ﱡالرَّحْمَنﱠ دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى ([6]) بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» دىمۇ كۆپرەك ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن. بەزىدە خۇددى )بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ ( دېگەنگە ئوخشاش سۈپەت مەنىسىدىمۇ كەلگەن. شۇڭا ﱡالرَّحْمَنﱠ دېگەن بۇ سۆزنى ھەممىلا يەردە سۈپەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلغاندا، ئۇنىڭ ئىسىم مەنىسى ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. مەسىلەن: مەككە كاپىرلىرىنىڭ ﱡسىلەرمۇ پەقەت بىزگە ئوخشاشلا ئىنسان، رەھمان ھېچ نەرسە چۈشۈرگەن ئەمەسﱠ ([7]) دېگەن سۆزىدىكى ﱡالرَّحْمَنﱠ ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن. چۈنكى ئەرەبلەر ﱡالرَّحْمَنﱠ نىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. «قۇرئان كەرىم»دىمۇ، ﱡالرَّحْمَنﱠ دېگەن سۆز خۇددى ﱡالله ﱠ دېگەن سۆزگە ئوخشاشلا ئاللاھ تائالانىڭ خاس ئىسىملىرى قاتارىدا كەلگەن. بۇ خۇددى ﱡئاللاھ ﱠ ۋە ﱡئاللاھ تائالا ﱠ دېگەنگە ئوخشاشتۇر. بۇنى «قۇرئان كەرىم» قارار قىلغان بولۇپ، ئاللاھ تائالانى: ﱡئاللاھ دەپ ئاتىساڭلارمۇ، رەھمان دەپ ئاتىساڭلارمۇ، قايسىنى ئاتىساڭلار بولۇۋېرىدۇ ﱠ ([8]) دەپ ئوچۇق جاكارلىغان. شۇڭا بىز بۇ تەرجىمىدە ﱡالرَّحْمَن ﱠ دېگەن سۆزنى ئىسىم مەنىسىدە كەلگەن ئورۇنلاردا، ئىسىم مەنىسىدە ﱡرەھمان ﱠ ياكى ﱡرەھمان ئاللاھﱠ دەپ تەرجىمە قىلىشنى، سۈپەت مەنىسىدە كەلگەن جايلاردا بولسا، «مەرھەمەتلىك ئاللاھ» دېگەنگە ئوخشاش سۈپەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.

3. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد!» دەپ چاقىرغان ئەمەس. ئۇنىڭغا ھەمىشە ﱡيَأَيُّهَا الَّنبِيُّﱠ، ﱡيَا أَيُّهَا الرَّسُولُ ﱠ يەنى  ﱡئى پەيغەمبەر! ﱠ دەپ خىتاب قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد!» دەپ چاقىرغان ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئۇنى ھۆرمەتلەپ، پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت ئەڭ ئېسىل ئۇنۋانى بىلەن چاقىرىپ ﱡئى پەيغەمبەر! ﱠ دېگەن تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ﱡئى مۇھەممەد! ﱠ دەيمىز؟ بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەككە كاپىرلىرىنىڭ چاقىرىشى ئەمەسمۇ؟! چۈنكى ئۆز ۋاقتىدىكى كاپىرلار ئۇنى: «ئى مۇھەممەد!» دەپ چاقىراتتى، مۇئمىنلەر بولسا «يارەسۇلۇللاھ!» دەپ چاقىراتتى.

 شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ تەرجىمىدە، «سەئۇدى ئەرەبىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى» ۋە «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى» تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ، «پادىشاھ فەھد قۇرئان بېسىش ئاكادېمىيىسى» دە بېسىپ تارقىتىلغان «التفسير الميسر» (تەپسىرى مۇيەسسەر) دېگەن تەپسىرگە ئاساسلىنىپ: «ئى پەيغەمبەر!» دەپ ئېلىشنى لايىق كۆردۇق. مەزكۇر تەپسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ تەپسىرنى نەشرگە تەييارلىغان مەخسۇس كومىتېت ئىلگىرىكى تەپسىرلەردە كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن ﱡئى مۇھەممەد! ﱠ دېگەن سۆزنى ﱡئى پەيغەمبەر! ﱠ دەپ ئۆزگەرتتى. پەقەت 11 ئورۇندىلا ئۆز پېتى قالدۇرۇلدى. بۇ مۇشۇ11 ئورۇندىكى خىتابنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھېكايە قىلىنغان خىتابلار ئىكەنلىكى سەۋەبتىن ئىدى» ([9]). 

4. «قۇرئان كەرىم» دىكى ﱡيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُواﱠ دېگەن ئايەت ﱡئى ئىمان ئېيتقانلار!ﱠدېگەن مەنىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، گەرچە ئىمان ئېيتقانلىق مۇئمىن بولغانلىق ۋە ئىمان ئېيتقانلار «مۇئمىنلەر» قاتارىدىن بولسىمۇ، بۇ ئايەتنى«ئى مۇئمىنلەر!» دەپ تەرجىمە قىلغاندا، ﱡئى ئىمان ئېيتقانلار! ﱠ دېگەن چاقىرىقتىن كۈتۈلگەن مەقسەت تولۇق ئىپادىلەنمەي قالىدىكەن. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقىلگە ھەم ھېسسىياتقا خىتاب قىلىدىغان، كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدىغان ئۇسۇللار بىلەن چاقىرىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئويغا سالىدىغان، پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندەيدىغان يېگانە كىتابتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارغا بىرەر ئىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇش ياكى بىرەر يامان ئىشتىن توسۇش ئۈچۈن خىتاب قىلغىنىدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىماننىڭ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغاننى دەرھال قوبۇل قىلىپ ئورۇنداشنى، توسقاندىن دەرھال يېنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئەسلەتكەن ھالدا، ئۇلارغا: ﱡئى ئىمان ئېيتقانلار!ﱠ دەپ خىتاب قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: ﱡيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا ﱠ يەنىﱡئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە توغرا سۆزنى قىلىڭلارﱠ ([10])، ﱡيَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا لَا تَأْكُلُوا الرِّبَا أَضْعَافًا مُضَاعَفَةًﱠ     يەنى ﱡ ئى ئىمان ئېيتقانلار! جازانىنى قاتمۇقات ئاشۇرۇپ يېمەڭلارﱠ ([11])، ﱡ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْﱠ يەنى ﱡئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار ﱠ ([12]) دېگەن ئايەتلەرگە ئوخشاش. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم» دە، مۇسۇلمانلارغا بىرلا جايدا ﱡئى مۇئمىنلەر! ﱠ ([13]) دەپ نىدا قىلغان، ئەمما 89 ئورۇندا ﱡئى ئىمان ئېيتقانلار! ﱠ دەپ نىدا قىلغان. يەنە «قۇرئان كەرىم» دە ﱡئىمان ئېيتقانلار ﱠ دېگەن سۆز 254 قېتىم تىلغا ئېلىنغان بولسا، ﱡمۇئمىنلەر ﱠ دېگەن سۆز 86 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

شۇمۇ ئېنىقكى، «قۇرئان كەرىم» دە ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا بىۋاسىتە خىتاب قىلغان بىرمۇ ئايەت يوق. پەقەت «كافىرۇن» سۈرىسىدىكى ﱡئېيتقىنكى، ئى كاپىرلار! ﱠ دېگەن ئايەتتە، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كاپىرلارغا بىرلا ئورۇندا خىتاب قىلغان. شۇنىڭدەك، ئاخىرەتتە ئۇلارغا: ﱡ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَعْتَذِرُوا الْيَوْمَ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ ﱠ يەنى ﱡئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنىلا تارتىسىلەر ﱠ ([14]) دەپ خىتاب قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا ﱡئى ئىمان ئېيتقانلار! ﱠ دەپ نىدا قىلغاندەك، كاپىرلارغىمۇ ﱡئى كاپىرلار! ﱠ دەپ نىدا قىلمىغان؟ چۈنكى كاپىرلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بىۋاسىتە نىدا قىلىشىغا سالاھىيىتى توشمايدۇ. ئەمما ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاپ رەببىنى تونۇغان مۇئمىنلەرگە شۇنداق نىدا قىلغان. ﱡ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا ﱠ يەنى ﱡئى ئىمان ئېيتقانلار! ﱠ دېگەن ئايەت ھەربىر مۇسۇلمان بەندىگە قارىتىلغان جانلىق خىتابتۇر. بۇ ئايەتنى ئوقۇغان ياكى تىڭشىغان ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ۋىجدانىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىدا، ئۇنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتىدىغانلىقىدا، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىما ئېيتقان بىر بەندە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدىغانلىقىدا شەك يوق. شۇڭا بىز بۇ تەرجىمىدە ﱡ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا ﱠ دېگەن ئايەتنى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ كۆپرەك جايدا ﱡئى ئىمان ئېيتقانلار! ﱠ دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.

5. «قۇرئان كەرىم» دىكى ﱡالكاَفِرُ ﱠ، ﱡالكاَفِروُنَ ﱠ، ﱡالْكُفَّارُ ﱠ، ﱡ الَّذِينَ كَفَرُوا ﱠ دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنمەيدىغان ئومۇمىي كاپىرلارنى كۆرستىدۇ. ﱡالكاَفِروُنَﱠ ۋە ﱡالْكُفَّارُ ﱠ قاتارلىقلار ﱡالكاَفِرُﱠ دېگەن سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنىسى بىردۇر. ئەمما ﱡ ﳂ ﳃ ﱠ دېگەن سۆز ئومۇمەن ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىغان ۋە ئىنكاردا چىڭ تۇرۇۋالغان كاپىرلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىكىﱡكاپىرﱠ دېگەن سۆز ئەرەبچىدىكى ﱡالكاَفِرُﱠ، ﱡالكاَفِروُنَﱠ، ﱡالْكُفَّارُﱠ دېگەن سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىنى ئىپادىلىسىمۇ، ﱡ الَّذِينَ كَفَرُوا ﱠ دېگەن سۆز ئىپادىلىمەكچى بولغان ئاساسلىق مەقسەتنى ئىپادىلەشتىن ئاجىز كېلىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى ﱡكاپىرﱠ دېگەن سۆز مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بىر سۆز بولۇپ، ھەق دىننىڭ دەۋىتىنى ئاڭلىمىغانلىق ياكى بىلمىگەنلىكتىن مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن،  ھەق دىننى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ پەرقىنى ئايرىپ بېرەلمەيدۇ. ئەرەبلەر ئالدىنقىسىنى (غەيرۇل مۇسلىمىين) يەنى (مۇسۇلمان ئەمەسلەر) دەيدۇ، كېيىنكىسىنى ﱡكافىرونﱠ يەنى (ئىنكار قىلغۇچىلار) دەيدۇ.

  ﱡ الَّذِينَ كَفَرُوا ﱠ دېگەن سۆز «قۇرئان كەرىم» دە نەچچە جايدا كەلگەن بولسا ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ تىزىملاپ چىقىپ، مەشھۇر تەپسىرلەرنىڭ ھەربىر جايدىكى  ﱡ الَّذِينَ كَفَرُوا ﱠدېگەن سۆزنى قانداق تەپسىر قىلغانلىقىغا قاراپ، بۇ سۆزنىڭ ئايەتلەردە كەلگەن ئورنىغا قاراپ ھەر خىل شەكىلدە تەپسىر قىلىنغانلىقىنى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى بايقىدۇق. مەسىلەن:  ﱡ الَّذِينَ كَفَرُوا ﱠ دېگەن سۆزنى بىر ئورۇندا «كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار» دېگەن بولسا، يەنە بىر ئورۇندا «كۇفرىنى داۋاملاشتۇرغانلار» دېگەن، يەنە باشقا ئورۇنلاردا «ئىنكار قىلغانلار»، «كاپىرلار»، «ئىنكاردا چىڭ تۇرۇۋالغانلار»، «ھەقىقەتكە تانغانلار» قاتارلىق مەنىلەردە تەپسىر قىلغان. شۇڭا بىز ﱡ الَّذِينَ كَفَرُوا ﱠ  دېگەن سۆزلەرنى بۇ سۆزلەر بىلەن باغلىنىپ كەلگەن ئايەتلەرنىڭ تەقەززاسىغا قاراپ گاھ   ﱡكۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلار ﱠ، گاھ ﱡكاپىرلار ﱠ، گاھ ﱡئىنكار قىلغانلار ﱠ دەپ تەرجىمە قىلىشنى، ئەمماﱡالكاَفِرُ ﱠ دېگەن شەكىل بىلەن كەلگەنلىرىنى ئۆز ئەينىﱡ كاپىر ﱠ دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق. بۇ سۆزلەرنى قېلىپلاشتۇرۇۋېلىشنى خالىمىدۇق. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بولمىغان جاي، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە ئوخشاش بولمىغان شارائىتلار ئىچىدە تەدرىجىي نازىل بولۇپ، تولۇق 23 يىلدا تاماملاندى. ھەممىگە مەلۇمكى، «قۇرئان كەرىم» ھاياتلىقنىڭ ئىچىگە شۇ ھاياتنى تېخىمۇ ياخشى ياشنىتىش ئۈچۈن نازىل بولغان بىر ئىلاھى كىتاب. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نىڭ تىلىمۇ خۇددى ھاياتقا ئوخشاش جانلىقتۇر، ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمۇ خۇددى ھاياتقا ئوخشاش رەڭلىكتۇر.

6. ئەرەب تىلىدىكىﱡالذي ﱠ، ﱡالذين ﱠ، ﱡالتي ﱠ،)اللآتي ﱠ دېگەن سۈپەتداشلار بىزنىڭ تىلىمىزدىكى«غان، قان، گەن، كەن» دېگەن قوشۇمچىلارنى بىلدۈرىدۇ. بىز بۇ تەرجىمىدە يۇقىرىقى سۈپەتداشلارنىڭ ھەممىسىگە رىئايە قىلغان ھالدا تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق. مەسىلەن: ﱡ سُبْحَانَ الَّذِي أَسْرَى بِعَبْدِهِ لَيْلًا مِنَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ إِلَى الْمَسْجِدِ الْأَقْصَى الَّذِي بَارَكْنَا حَوْلَهُ لِنُرِيَهُ مِنْ آَيَاتِنَا إِنَّه هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ ﱠ دېگەن ئايەتنى ﱡقۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىر قىسمىنى كۆرسىتەيلى دەپ بەندىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلگەن ئاللاھ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر. شەكسىزكى، ئۇ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇرﱠ دەپ تەرجىمە قىلغانغا ئوخشاش.

   7. «إنَّ» كەلىمىسىنىڭ جۈملىنى تەكىتلەش ئۈچۈن كېلىدىغانلىقى ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىدىن ئازراق خەۋىرى بار ھەرقانداق كىشىگە مەلۇملۇق. شۇڭا، ھازىرغىچە ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىدا «إنَّ» كەلىمىسى «ھەقىقەتەن، شەكسىز، جەزمەن» دېگەندەك تەكىتلەش مەنىلىرىدە تەرجىمە قىلىنىپ كەلگەن. ئەرەب تىلىنىڭ تىلشۇناس ئالىملىرىدىن بىر قىسمى[15] «إنَّ» كەلىمىسىدىن كېيىن كەلگەن جۈملىلەرگە «تعليليّة» يەنى (سەۋەبنى بايان قىلغان جۈملىلەر) دەپ ئىئراب بەرگەن. شۇڭا، بىز بۇ قېتىم «قۇرئان كەرىم»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، ئايەتلەر ئوتتۇىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ئايەتلەرنىڭ بالاغەتلىك ئىپادىسىگە رىئايە قىلىش مەقسىتىدە «إنَّ» كەلىمىسىگە باغلىنىپ كەلگەن جۈملىلەرگە كەلگەن ئورۇنلىرىغا قاراپ بەزى جايلاردا «چۈنكى» دەپ مەنە ئېيتتۇق.

8. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم _ سۈپەتلىرىنى ۋە مۇتەشابىھ (مەنىسى ئېنىق ئەمەس) ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلىشتا سەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى بويىچە ئىش كۆردۇق. بۇ ماۋزۇدا ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئەگەشتۇق. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا توغرۇلۇق كەلگەنﱡ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ ﱠ ([16]) دېگەن ئايەتنىﱡئەرشكە ئۆرلىدىﱠ دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكىﱡاسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆز «علا»، «ارتفع» يەنى «يۈكسەلدى، ئۆرلىدى» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەڭ مەشھۇر قامۇس «لىسانۇل ئەرەب» تە مۇنداق دېيىلگەن: «ئىمام ئەخپەش ﱡ اسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆزنى «علا» يەنى ‹ئۈستۈن بولدى › دەپ چۈشەندۈرگەن. مەسىلەن: ‹استويت فوق الدابة، على ظهر البيت أي علوته› يەنى (ئۇلاغنىڭ ئۈستىگە چىقتىم، ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆرلىدىم، يەنى ئۈسـتۈن بولدۇم) دېگەنگە ئوخشاش. ([17]) تابىئىن ئۆلىمالىرىدىن مۇجاھىد ئايەتتىكى ﱡاسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆزگە «علا » يەنى «ئۈستۈن بولدى » دەپ مەنە ئېيتقان. كاتتا مۇپەسسىرلەردىن ئىبنى جەرىر تەبەرى ئۆز تەپسىرىدە ﱡ الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَى ﱠ ([18]) دېگەن ئايەتكە «الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ ارتفع و علا» يەنى ﱡ رەھمان ئاللاھ ئەرشكە ئۆرلىدى ۋە ئۈستۈن بولدى ﱠ دەپ تەپسىر قىلغان. ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس ئالىم ئەبۇل ئابباس سۇئلەب ﱡ اسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆزگە «علا » يەنى «ئۈستۈن بولدى » دەپ مەنە ئېيتقان. ﱡ اسْتَوَى عَلَى الْعَرْشِ ﲃﱠ دېگەن ئايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەر «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەئراف، يۇنۇس، رەئد، تاھا، فۇرقان، سەجدە ۋە ھەدىد قاتارلىق يەتتە سۈرىسىدە يەتتە قېتىم تىلغا ئېلىنغان.

ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەرنىڭ بىرىدە: ﱡمەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدىﱠ دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، يەنە بىرىدە:  ﱡمەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدىﱠ دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئالدىنقىسىدا ﱡ اسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆزگە «استقر» يەنى (ئورۇن ئالدى ياكى ئورۇنلاشتى) دەپ مەنە ئېيتىلغان. ھالبۇكى، كۆپ سانلىق مۇپەسسىرلەر ﱡ اسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆزگە «استقر» دەپ مەنە ئېيتىشنى قوللاپ كەتمىگەن. بۇ تەرجىمىلەرنىڭ كېيىنكىسىدە، ﱡ اسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆزنى ﱡمۇستەۋى بولدىﱠدەپ ئالغان. ھالبۇكى، ﱡمۇستەۋى بولدىﱠ دېگەن سۆزدىن ھېچنىمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا مۇنداق بىر سۆز يوق. شۇ ئېنىقكى، «قۇرئان كەرىم» مەنىسىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. ﱡ اسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆز «قۇرئان كەرىم» دىكى ﱡالمﱠ، ﱡحمﱠ دېگەن ھەرپلەرگە ئوخشاش مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس ھەرپلەر قاتارىدىن ئەمەستۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ﱡ اسْتَوَى ﱠ دېگەن بۇ سۆزنى باشقا مەنىلەردە تەرجىمە قىلغاندىن ياكى ئۇنى ئەرەبچىسى بويىچە يېزىپ قويغاندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىش ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟!

ﱡاسْتَوَى ﱠ دېگەن سۆز لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ قويۇلسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئېتىقادى بويىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. ﱡ الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَى ﱠ دېگەن ئايەتنى ﱡرەھمان ئاللاھ ئەرشكە ئۆرلىدىﱠ دەپ تەرجىمە قىلغاندا، ئايەتكە ئۆز ئەينى بويىچە، يەنى سەلەف سالىھلارنىڭ ئەقىدىسى بويىچە مەنە ئېيتىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار «ئاللاھنىڭ ئەرشكە ئۆرلىگەنلىكى راستتۇر، ئۇنىڭ قانداق ئۆرلىگەنلىكى بىزگە مەلۇم ئەمەس، بۇنىڭغا ئىشىنىش پەرزدۇر، ئاللاھ قانداق ئۆرلىگەن دەپ سوئال سوراش بىدئەتتۇر» ([19]) دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.

9. ئەرەب تىلىدىكى «تَوَكُّل» دېگەن سۆز لۇغەتتە «بىراۋغا ئۆزىنى تاپشۇرۇش»، «بىرىگە تايىنىش» ۋە «بىرىگە يۆلىنىش» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ([20]).  ئىسلام ئاتالغۇسىدا «تَوَكُّل» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا چىن يۈرەكتىن ئىشەنچ باغلىغان ھالدا، ئۇنىڭغا تايىنىشنى، ئۆزىنى ۋە بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى «تەۋەككۈل» دېگەن سۆز: كۆپ ئويلىمايلا، نېمە بولسا بولار، دەپ قىلىنغان ھەرىكەتنى ئىپادىلەيدۇ ([21]). ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان تەۋەككۈل نېمە بولسا بولار، دەپ تەۋەككۈل قىلىش ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ ياردىمىگە ۋە قۇدرىتىگە چىن ئىشىنىپ ئۇنىڭغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تايىنىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا ئەرەب تىلىدىكى، خۇسۇسەن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدىكى  «تَوَكُّل» دېگەن سۆزنى «تەۋەككۈل» دەپ تەرجىمە قىلىپ قويغاندا ئايەتتىن كۆزلەنگەن مەنە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ.

«قۇرئان كەرىم» دە مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ بىلەن تايىنىشىنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپتۇر. مەسىلەن: ﱡ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ ﱠ، ﱡ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ﱠ، ﱡ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ فَهُوَ حَسْبُهُ ﱠ دېگەن ئايەتلەردە كەلگەن «تَوَكُّل» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشەنچ قىلىپ تايىنىشنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنچ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تايىنىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، كاتتا ئىبادەتتۇر. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالاغا «نېمە بولسا بولار» ياكى «قېنى باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز» دېگەن مەنىدە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى يوقتۇر. مۇنداق تەۋەككۈلنى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلاردىن تەلەپ قىلغان تەۋەككۈل ئورنىدا ساناش چوڭ خاتالىقتۇر. شۇڭا بىز «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدە كەلگەن «التَوَكُّل عَلَى اللَّهِ » دېگەن سۆزنى ﱡ ئاللاھقا تايىنىشﱠ دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.

10. ئەرەب تىلىدىكى ﱡفَاسِقٌﱠ  دېگەن سۆز «الفِسْقُ» يەنى«چىقىش» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن كەلگەن بولۇپ، قانداقلا بىر نەرسىدىن چىقىشنى ئىپادىلەيدۇ. ئىسلام ئاتالغۇسىدا ﱡفَاسِقٌﱠ دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدىن چىققۇچى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ ([22]). مەسىلەن: كەھف سۈرىسىدىكى ﱡ وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآَدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ ﱠ يەنى ﱡ ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ رەببىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتىﱠ ([23]) دېگەن ئايەتكە ئوخشاش. بۇ ئايەتتە «فَسَقَ» دېگەن سۆز   «چىقتى» دېگەن مەنىدە كەلگەن. بۇنىڭغا بىنائەن، «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئايەتلىرىدە كەلگەن ﱡفاسقونﱠ دېگەن سۆز «ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشتىن چىقىپ كەتكەنلەر» ياكى «توغرا يولدىن ئاداشقانلار» دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ

ئەمما ﱡفاسقونﱠدېگەن سۆزنى ھەممىلا جايدا «پاسىقلار» دەپ تەرجىمە قىلغاندا، بۇ سۆزدىن كۆزلەنگەن مەنە ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى«پاسىق» دېگەن سۆز ئەسلى مەنىسىدە «بۇزۇلغان»، «چىرىگەن»، «سېسىغان»، «پاسكىنا» دېگەن مەنىلەرنى، كۆچمە مەنىسىدە «ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ ([24]). خەلق ئارىسىدا، پاكىزىلىققا ئېتىبار بەرمەيدىغان ياكى گۇناھ _ مەئسىيەتنى كۆپ قىلىدىغان ئادەملەر «پاسىقلار» دېيىلىدۇ. شۇڭا بىز «قۇرئان كەرىم» دىكى  ﱡفاسقﱠ دېگەن سۆزنى ھەممىلا جايدا «پاسىق» دەپ تەرجىمە قىلماستىن، ئايەتتە كەلگەن ئورنىغا قاراپ كۆپرەك «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.

11. ﱡبِالْحَقِّ ﱠ دېگەن سۆز «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرىدە ئەڭ كۆپ تەكرارلىنىپ كەلگەن سۆز بولۇپ، ئايەتلەردىكى ئورنىغا قاراپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىدۇ. بەزى ئايەتلەردە «ھېكمەت بىلەن» دېگەن مەنىدە كەلسە، يەنە بەزى ئايەتلەردە ھەقىقەت ئاساسىدا دېگەن مەنىدە كەلگەن. مەسىلەن: مۇپەسسىرلەر دۇخان سۈرىسىدىكى ﱡ وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ. مَا خَلَقْنَاهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّﱠ دېگەن ئايەتتە كەلگەن ﱡ بِالْحَقِّ ﱠ دېگەن سۆزگە «ھېكمەت بىلەن»، «مەقسەت بىلەن» دەپ مەنە ئېيتىپ، ئايەتكە ﱡئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكاردىن - بىكار ياراتقىنىمىز يوق. ئۇلارنى بىز پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇقﱠ دەپ مەنە ئېيتقان. يەنى (بىكارغا ياراتمىدۇق، بەلكى ھېكمەت ۋە مەقسەت بىلەن ياراتتۇق). ئىسرا سۈرىسىدىكى  ﱡوَبِالْحَقِّ أَنْزَلْنَاهُ وَبِالْحَقِّ نَزَلَ ﱅﱠ ([25]) دېگەن ئايەتتە ﱡبِالْحَقِّ ﱠ دېگەن سۆزگە «ھەقىقەت ئاساسىدا»، «ھەق بىلەن» دەپ مەنە ئېيتىپ، ئايەتكە ﱡ بىز قۇرئاننى ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدىﱠ دەپ مەنە ئېيتقان. بىز ئايەتلەرنىڭ سىياقىغا قاراپ بەزىدە «ھېكمەت بىلەن»، بەزىدە «ھەقىقەت ئاساسىدا» دەپ مەنە ئېيتتۇق.

12. ئەرەب تىلىدىكى «العبادة » يەنى «ئىبادەت» دېگەن سۆز لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بويسۇنۇش، ئىتائەت قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە ([26])، ئىسلام دىنى ئاتالغۇسىدا ئىبادەت ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىسىمدۇر([27]). ئىبادەت ئاللاھ تائالاغىلا قىلىنىدۇ. بۇ تەرىپكە ئاساسلانغاندا، «ئىبادەت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى كەڭ بولۇپ، ئىبادەتنى ئىسلامدا ۋاقتى، ئادا قىلىش ئۇسۇلى بەلگىلەنگەن ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرگىلا قارىتىپ قويغاندا، ئىسلامدا كۆزدە تۇتۇلغان ئىبادەتنىڭ مەنىسى تولۇق ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلار مەزكۇر ئىبادەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە كەلگەن: ﴿اعْبُدُوا رَبَّكُمْ ﱠ يەنى ﴿رەببىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلارﱠ ([28]) دېگەن ئايەت ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىڭلار دېگەنلىك بولۇپ، ھاياتىڭلارنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا ئۇدۇللاپ، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى ۋە تەلەپ قىلغىنى بويىچە ياشاڭلار دېگەننى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئىبادەتنىڭ ئومۇمىي مەنىسى بولۇپ، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، روزا تۇرۇش، ھەج قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشىغان ئىبادەتلەر بىز تەرىپلىگەن ئومۇمىي ئىبادەتنىڭ بىر قىسمىدۇر. قىسقىسى، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە ياشىغان مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتى پۈتۈنلەي ئىبادەتتۇر. چۈنكى ئىبادەت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«ئىبادەت دىننىڭ، شۇنداقلا ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغىنىدەك، مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىنى، شۇنداقلا تىلى ۋە دىلىنىڭ ئەمەللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» ([29]). دېمەك، «ئىبادەت»نىڭ مەنىسى ئەنە شۇنداق چوڭقۇر ۋە كەڭدۇر. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدا «ئىبادەت» دېگەن سۆز ناماز، روزا، زاكات، ھەج _ ئۆمرە، قۇرئان ئوقۇش، سەدىقە بېرىش قاتارلىق مۇئەييەن ئىبادەتلەرنىلا ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، ئىبادەت مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىنى ۋە بارلىق ئىش _ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ئارىسىدا كەلگەن «العبادة» يەنى «ئىبادەت» دېگەن سۆزنى شۇ كەڭ مەنىسى بويىچە چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ تەپسىردە «العبادة» دېگەن سۆزنى ئومۇمەن «ئىبادەت» دەپ تەرجىمە قىلىشنى، كەلگەن ئورنىغا قاراپ بەزى جايلاردا «بەندىچىلىك» دەپ تەرجىمە قىلىشنى مۇناسىپ كۆردۇق.

13. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئالدى بىلەن ئەقىل ئىشلىتىشكە ۋە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرغان دىن بولۇپ، ئەقىلنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. «قۇرئان كەرىم» دە «العَقْلُ» يەنى«ئەقىل» دېگەن سۆز 49 قېتىم تەكرارلانغان بولسا، ﱡ أَفَلَا تَعْقِلُونَ ﱠ يەنى ﱡئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ﱠ دېگەن سۆز يەتتە قېتىم تەكرارلانغان. بۇ ئايەت مەشھۇر تەپسىرلەردىمۇ «أفَلا تُعملِوُن عُقُولَكُمْ» ([30])  يەنى «ئەقلىڭلارنى ئىشقا سالمامسىلەر؟» دەپ تەپسىر قىلىنغان. ئەپسۇسكى، «قۇرئان كەرىم» دىكى ﱡأَفَلَا تَعْقِلُونَﱠ دېگەنگە ئوخشىغان كىشىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىشكە چاقىرغان ئايەتلەر ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەردە «أفلا تفهمون» مەنىسىدە «چۈشەنمەمسىلەر؟» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ھەتتا مۇلك سۈرىسىدىكى: ﱡ وَقَالُوا لَوْ كُنَّا نَسْمَعُ أَوْ نَعْقِلُ مَا كُنَّا فِي أَصْحَابِ السَّعِيرِﱠ دېگەن ئايەت ﱡ ئۇلار«ئەگەر بىز (پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى) ئاڭلىغان بولساق ياكى چۈشەنگەن بولساق، ئەھلى دوزاختىن بولماس ئىدۇق» دەيدۇﱠ ([31]) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن قانداق مەنە چىقىدۇ، بىلەمسىز؟ بۇنىڭدىن ئەگەر بىز پەيغەمبەرنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنگەن ياكى دەۋەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساق، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ سۆزىگە ئەگەشكەن بولاتتۇق، بۈگۈنكىدەك دوزاخ ئەھلى قاتارىدىنمۇ بولمايتتۇق. دېمەك، پەيغەمبەر بىزگە دىننى چۈشەندۈرەلمىگەن، بىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى چۈشەنمىگەن، ئۇنىڭ دەۋىتىمۇ بىزگە يەتمىگەن، شۇڭا بىز ئۇنىڭ دەۋىتىنى ئاڭلىماي قالغان ئىكەنمىز. شۇڭا بىز ئۆزرىلىكمىز، دېگەن مەنە چىقىپ قالىدۇ. بۇ ئېتىراپ قىلىش بولماي ئۆزرە  بايان قىلىش بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ئايەتتىن مەقسەت قىلىنغىنى كاپىرلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئېتىراپىنى بايان قىلىشتۇر. بۇ ئايەتنىڭ كەيىنىدىكى ﱡ فَاعْتَرَفُوا بِذَنْبِهِمْﱠ يەنى  ﱡئۇلار گۇناھىنى ئېتىراپ قىلدى... ﱠ دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بۇ ئايەتنى ﱡئۇلار: «ئەگەر بىز (ھەققەتنىڭ ساداسىغا) قۇلاق سالغان ياكى ئەقلىمىزنى ئىشلەتكەن بولساق، دوزاخ ئەھلى قاتارىدىن بولماس ئىدۇق» دەيدۇ ﱠ دەپ تەرجىمە قىلىشنى مۇناسىپ كۆردۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزۈم ئەجەبلىنىپ قالغان يەنە بىر ئايەتىڭ تەرجىمسى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئۇ بولسىمۇ، ﱡإِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ ﱠ دېگەن ئايەت بولۇپ، بۇ ئايەت 1986_ يىلى نەشر قىلىنغان «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمسى»دە ﱡكاپىرلار قىزىققانلىقنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ([32]) قىزىققانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا... ﱠ دەپ تەرجىمە قىلىنغان. «قىزىققانلىق» دېگەن سۆز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە : «ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئاچچىقى تېز كېلىشتىن ئىبارەت روھى ھالەت» دەپ ئىزاھلانغان[33]. ھالبۇكى، ئايەتتە ﱡقىزىققانلىقﱠ  دەپ تەرجىمە قىلىنغان ﱡ الْحَمِيَّةَ ﱠ دېگەن سۆزنى ئەرەب تىلىنىڭ مەشھۇر قامۇسى «المعجم الوسيط» دە «گەدەنكەشلىك»، «ھاكاۋۇرلۇق» دەپ شەرھلىگەن. تەپسىرى قۇرتۇبى، تەپسىرى جەلالەين، تەپسىرى نەسەفىي قاتارلىق مەشھۇر تەپسىرلەردە بۇ سۆزگە «اَنَفَة»  يەنى (گەدەنكەشلىك، ھاكاۋۇرلۇق) دەپ مەنە ئېيتىلغان. تەپسىرى بەيزاۋىيدا «ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن توسىدىغان ھاجىلىيەت ھاكاۋۇرلۇقى» دەپ مەنە ئېيتىلغان. يېڭى تەپسىرلەردىن تەپسىرى مۇيەسسەردە بولسا «گەدەنكەشلىك» دەپ مەنە ئېيتىلغان. ﱡ الْحَمِيَّةَ ﱠ دېگەن سۆز ھازىرقى زامان جانلىق ئەرەب تىلىدا «مىللەتچىلىك»، «مۇتەئەسسىپلىك» دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» نىڭ تۈركچە تەرجىمىلىرىدە ﱡالْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ ﱠ دېگەن ئايەت ««taassubu, cahiliye taassubu  يەنى (مۇتەئەسسىبلىكنى جاھىلىيەتنىڭ مۇتەئەسسىبلىكىنى) دەپ تەرجىمە قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇنىڭدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى قىلىنغان مەزكۇر تەرجىمىدىكى بۇ يېتەرسىزلىك ئەمدى 2012- يىلى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمسى»دە تۈزىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دېگەن ئۈمىدتە ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىپ كۆرسەم، ئۇنىڭدا تۈزىتىشنىڭ ئورنىغا كېمەيتىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆردۈم. چۈنكى ئۇلار بۇ كېيىنكى بۇ تەرجىمىدە مەزكۇر ئايەتنى  ﱡكاپىرلار جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىزىققانلىقنى دىللىرىغا پۈككەن چاغدا... ﱠ دەپلا تەرجىمە قىلىۋەتكەن. بۇ تەرجىمىنى قىلغان ئاتالمىش تەرجىمانلار ئۆزلىرىنى ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ تەرجىمىسىدىكى «قىزىققانلىق» دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىنى ئارتۇق قىلىنغان تەرجىمە دەپ سانىغانمۇ ياكى ئايەتتىكى ﱡ الْحَمِيَّةَ ﱠ دېگەن سۆزنىڭ ﱡالْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ ﱠ دەپ ئىككى قېتىم زىكىر قىلىنغانلىقىنى ئارتۇقچە دەپ ئويلاپ قالغانمۇ، ئىشقىلىپ ئۇلار ﱡالْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ ﱠ دېگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىنىڭ تەرجىمىسىنى قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ﱡ الْحَمِيَّةَ ﱠ دېگەن سۆزنى «قىزىققانلىق» دەپ تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بىر خاتالىق سادىر قىلغان بولسا، بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىرىنى تەرجىمە قىلماسلىق ئارقىلىق يەنە بىر خاتالىق سادىر قىلغان. بىز ئۆز نۆۋىتىدە مەزكۇر ئايەتنى: ﱡكاپىرلار مۇتەئەسسىپلىكنى _ جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ مۇتەئەسسىپلىكىنى _ دىللىرىغا پۈككەن چاغدا... ﱠ    دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق.

14. دىننىڭ ئۈچ مەرتىۋىسى بولۇپ، ئۇلار: ئىمان، ئىسلام ۋە ئېھساندىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئەرەب تىلىدىكى «ِاحْسَان» ھەربىر ئىشنى قېتىرقىنىپ قىلىش، مۇكەممەل قىلىش، پۇختا ئورۇنداش، بېرىلىپ قىلىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «إحسان» (ئېھسان) دېگەن سۆز ئومۇمەن «تائەت-ئىبادەتنى مۇكەممەل قىلىش»، «ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش» دېگەن مەنىدە كەلگەن. )الَّذِي أَحْسَنَ كُلَّ شَيْءٍ خَلَقَهُ( يەنى ﴿ئاللاھ ھەر نەرسىنى مۇكەممەل ياراتقان زاتتۇر([34] دېگەن ئايەت بۇنىڭ مىسالى. بۇ سۆز يەنە  )وَأَحْسِنْ كَمَا أَحْسَنَ اللَّهُ إِلَيْكَ( يەنى )ئاللاھ ساڭا ئىنئام قىلغاندەك سەنمۇ باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغىن([35] دەپ كەلگەندەك «ياخشىلىق قىلىش» دېگەن مەنىدىمۇ كەلگەن.

مۇپەسسىرلەرمۇ «ِاحْسَان» دېگەن سۆزگە «بېرىلىپ قىلىش»، «مۇكەممەل قىلىش» دەپ مەنە ئېيتىپ، ئايەتلەردە كەلگەن «محسنون» دېگەن سۆزلەرنى «ئىشنى مۇكەممەل قىلغۇچىلار»، «ئەمەل _ ئىبادەتلەنى بېرىلىپ قىلغۇچىلار» دەپ تەپسىر قىلغان. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىلىرىدە «ِاحْسَان» ۋە «محسنون»  دېگەن سۆزلەرگە «ياخشىلىق قىلىش» ۋە «ياخشىلىق قىلغۇچىلار»دەپ مەنە ئېيتىلغان. بىز بۇ ئەسەردە مۇپەسسىرلەرنى ئۈلگە قىلىپ ئىش كۆردۇق. «محسنون» دېگەن سۆزنىڭ ئايەتلەردە كەلگەن ئورنىغا قاراپ مەنە ئېيتتۇق. )إِنَّ اللَّهَ مَعَ الَّذِينَ اتَّقَوْا وَالَّذِينَ هُمْ مُحْسِنُونَ( يەنى )شەكسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە (بۇيرۇلغان ھەر ئىشنى) مۇكەممەل قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر ([36]، )وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ( يەنى )ئاللاھ (تائەت _ ئىبادەتنى) مۇكەممەل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ ( [37] دېگەنگە ئوخشاش.

15. «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن «الصبر» (سەۋر) دېگەن سۆز چىدامچانلىق، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تەقدىرگە رازى بولۇش قاتارلىق ئۈچ مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

بىرىنچىسى، چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر

چىدامچانلىق مەنىسىدىكى سەۋر— ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداشتا، ئىبادەتتە ۋە ھەق يولىدىكى كۈرەشلەردە مەزمۇت قەدەم بولۇپ، چىدامچانلىق كۆرسىتىش دېگەنلىكتۇر. )رَبُّ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ( يەنى «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ رەببىدۇر. شۇڭا، سەن ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق بولغىن«[38]، )وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا( يەنى «ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ چىداملىق بولغىن»[39]، )يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ( يەنى «ئى ئىمان ئېيتقانلار! چىداملىق بولۇڭلار، (دۈشمەنلەرگە قارشى) چىدامچانلىق كۆرسىتىڭلار، (جىھادقا) تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن قورقۇڭلار»[40] دېگەن ئايەتلەر بۇنىڭ مىسالى. 

ئىككىنچىسى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر

ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش مەنىسىدىكى سەۋر— ئاچچىقىنى بېسىۋېلىش، كىشىلەرگە يامانلىق قىلىشتىن، گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش دېگەنلىكتۇر.  ﴿فَاصْبِرْ عَلَى مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ﴾ يەنى «(ئى پەيغەمبەر!) ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن»[41]، )وَإِنْ عَاقَبْتُمْ فَعَاقِبُوا بِمِثْلِ مَا عُوقِبْتُمْ بِهِ وَلَئِنْ صَبَرْتُمْ لَهُوَ خَيْرٌ لِلصَّابِرِينَ( يەنى «(ئى ئىمان ئېيتقانلار!) ئەگەر ئىنتىقام ئالماقچى بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا قىلىنغان يامانلىق قانچىلىك بولسا، (ئاشۇرۇۋەتمەستىن) شۇنچىلىك ئىنتىقام ئېلىڭلار، ئەگەر ئەپۇ قىلساڭلار، بۇ ئەپۇ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر»[42] دېگەن ئايەتلەردىكى سەۋر بۇ مەنىدە كەلگەن.

ئۈچىنچىسى، تەقدىرگە رازى بولۇش

تەقدىرگە رازى بولۇش مەنىسىكى سەۋر— بالا-قازاغا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەسلىك، قايتۇرۇپ كېلىش مۇمكىن بولمايدىغان قولدىن بېرىشلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش دېگەنلىكتۇر) وَبَشِّرِ الصَّابِرِينَ * الَّذِينَ إِذَا أَصَابَتْهُم مُّصِيبَةٌ قَالُواْ إِنَّا لِلّهِ وَإِنَّـا إِلَيْهِ رَاجِعونَ(يەنى« ئۆزىگە بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، بىز چوقۇم ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز» دەيدىغان سەۋر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن»[43]،  )فَاصْبِرْ صَبْراً جَمِيلاً( يەنى «چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن»[44]. بۇ ئايەتلەردىكى سەۋر بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلىپ، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش مەنىسىدە كەلگەن.

ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرىقى ئۈچ مەنىنى ئىپادىلەيدىغان «الصبر» بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «سەۋر» دېگەن سۆزنىڭ كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈۋېتىلگەن ۋە ھەممىسىنى «سەۋر» دەپ تەرجىمە قىلغان. بىز بۇ تەرجىمىدە «الصبر» دېگەن سۆزگە ئۇنىڭ ئايەتلەردىكى ئورنىغا قاراپ مەنە ئېيتتۇق.

16. ئايەتلەرنىڭ نومۇرلىرىنى ئايەتلەرنىڭ ئالدىغا قويدۇق. چۈنكى ئايەتلەرگە نومۇر قويۇشتىن مەقسەت كىشىلەرنىڭ قايسى ئايەت ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن بولۇپ، دىنىمىزدا ئايەتلەرنىڭ نومۇرىنى ئايەتنىڭ تۈگەنجىسىگە قويۇش كېرەك دەيدىغان بىرەر بەلگىلىمە يوقتۇر. شۇڭا «قۇرئان كەرىم»نىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى تىللارغا قىلىنغان بارلىق تەرجىمىلىرىدە ھەربىر ئايەتنىڭ نومۇرى شۇ ئايەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان، ھەتتا «تەپسىرى مۇيەسسەر» گە ئوخشاش بەزى تەپسىرلەردىمۇ ھەربىر ئايەتنىڭ نومۇرى شۇ ئايەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان.

17. سۈرىلەرنىڭ بېشىدىكى «بۇ سۈرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى» دېگەن قىسمى «المختصر في التفسير» ناملىق تەپسىردىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

18. ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىدە، ھازىرقى زامان جانلىق ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ قوللىنىلمايدىغان ياكى سۆز يىلتىزى ئۇيغۇرچە بولمىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەي، ھەركىم دەرھال چۈشىنەلەيدىغان ۋە سۆز يىلتىزى ئۇيغۇر تىلىدىن بولغان سۆزلەرنى ئىشلەتتۇق. مەسىلەن: خىش _ ئەقرىبا، گۇمراھ، ناگاھان دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئۇرۇق _ تۇغقان، ئازغۇن، شۇ ھامان دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى تاللىدۇق.

19. «ف» نىڭ رولى كۆپ بولۇپ، بەزىدە ئىش _ ھەرىكەتنىڭ تەرتىپ بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىپادىلىسە، بەزىدە ئىش _ ھەرىكەتنىڭ ئارقا _ ئارقىدىن بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بەزىدە شەرتنىڭ جاۋابى بولۇپ كەلسە، بەزىدە سەۋەبنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ، بەزىدە مۇستەقىل جۈملىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلسە، بەزىدە ھېچبىر ۋەزىپىسى يوق، ئارتۇق ھەرپ سۈپىتىدە كېلىدۇ. بۇ تەرجىمىدە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق ئايەتلەردە كەلگەن «ف» نىڭ مەنىسىنى ئامال بار ئىپادىلەپ چىقىشقا تىرىشتۇق.

ئۈمىدىم شۇكى، جانابى ئاللاھ بۇ ئەرزىمەس خىزمىتىم بىلەن ئىزگۈ نىيىتىمنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلىپ، مېنى ۋە ئاتا-ئانامنى ھەر ئىككى ئالەمدە ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا مۇيەسسەر قىلسا...

 

— مۇھەممەد يۈسۈپ

ھىجرىيە 1440-يىلى 29-رەبىئۇل ئەۋۋەل.

مىلادىيە 2018-يىلى 7-دىكابىر، جۈمە.

سەئۇدى ئەرەبىستان—جىددە.

 ([1]) «لىسانۇل ئەرەب» قامۇسى 1- توم، 399-بەت.
 ([2]) ئەللامە ئەبۇ بەكرى جابىر ئەل جەزائىرىينىڭ «ئەيسەرۇتتەفاسىر» ناملىق تەپسىرى1-توم،12-بەت.
 ([3]) فاتىھە سۈرىسى: 2-ئايەت.
 ([4]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 203 -بەت.
 ([5]) ئالدىنقى مەنبەدىن.
 ([6]) ئەللامە ئەبۇ بەكرى جابىر ئەل جەزائىرىينىڭ «ئەيسەرۇتتەفاسىر» ناملىق تەپسىرى1-توم،11-بەت.
 ([7]) ياسىن سۈرىسى: 15-ئايەت.
 ([8]) ئىسرا سۈرىسى: 110- ئايەت.
 ([9]) «التفسير الميسر» (ئەتتەپسىرۇل مۇيەسسەر) 9- بەت.
 ([10]) ئەھزاب سۈرىسى: 70-ئايەت.
 ([11]) ئال ئىمران سۈرىسى: 130-ئايەت.
 ([12]) ئەھزاب سۈرىسى:9-ئايەت.
 ([13]) نۇر سۈرىسىنىڭ31-ئايىتىدە) ئى مۇئمىنلەر! نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار (دەپ كەلگەن.
 ([14]) تەھرىم سۈرىسى: 7- ئايەت.
[15] «الجدول في إعراب القرآن الكريم» لمحمود بن عبد الرحيم صافي»1-توم، 69-بەت، «تفسير حدائق الروح والريحان في روابي علوم القرآن» 1-توم، 209-بەت، » [15]المطول شرح تلخيص المفتاح» للتفتازاني 150-بەت.
 ([16]) ئەئراف سۈرىسى :54 _ ئايەت.
 ([17]) «لىسانۇل ئەرەب» 14-توم، 144 –بەتتىن.
 ([18]) تاھا سۈرىسى: 5- ئايەت.
 ([19]) ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ سۆزى.
 ([20]) «لىسانۇل ئەرەب» 11-توم، 734- بەت.
 ([21]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 289-بەت.
 ([22]) «تەپسىرى قۇرتۇبى»1-توم 245-بەتتە، «تەپسىرى ئەل ئەلۇسىي» 1-توم210-بەتتە، «تەپسىرى ئىبنى ئەتىيە»1-توم 155-بەتتە «فسق» دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدىن چىققان، دەپ تەپسىر قىلىنغان.
 ([23]) كەھف سۈرىسى50-ئايەت.
 ([24]) «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 189-بەت.
 ([25]) ئىسرا سۈرىسى :105 _ ئايەت.
 ([26]) «لىسانۇل ئەرەب» 5-توم، 2776- بەت.
 ([27]) شەيخۇلئىسلام ئىبىن تەيمىيەنىڭ «ئەل ئۇبۇدىيە» ناملىق ئەسىرى1-بەت.
 ([28]) بەقەرە سۈرىسى :23 _ ئايەت.
 ([29]) دوكتۇر يۇسۇف ئەل قەرداۋىينىڭ « العبادة في الإسلام« ناملىق ئەسىرىدىن.
 ([30]) «تەپسىرى شەئراۋى» .
 ([31]) مۇلك سۈرىسى :10 _ ئايەت.
([32]) جاھىلىيەت دەۋرى _ ئىسلامدىن ئىلگىرىكى زامانلارنى كۆرسىتىدۇ.
[33] «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 804- بەت.
[34]  سەجدە سۈرىسى: 7- ئايەت
[35] قەسەس سۈرىسى: 77- ئايەت.
[36] نەھل سۈرىسى، 128_ ئايەت.
[37] مائىدە سۈرىسى: 93- ئايەت.
[38] مەريەم سۈرىسى: 65- ئايەت.
[39] تاھا سۈرىسى: 132- ئايەت.
[40] ئال ئىمران سۈرىسى: 200- ئايەت.
[41] قاف سۈرىسى: 39- ئايەت.
[42] نەھل سۈرىسى: 126- ئايەت.
[43] بەقەرە سۈرىسى: 155- ئايەت.
[44] مەئارىج سۈرىسى:5- ئايەت.