كىتاب ئىسمى تەپسىرى مۇيەسسەر
ئاپتورى بىر گۇرۇپپا ئۆلىمالار
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2020 - يىل
ھەجمى 5.6 mb
بەت سانى 896بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

«تەپسىرى مۇيەسسەر» ناملىق بۇ تەپسىر ئالاھىدە تاللانغان يۈزلەرچە مەشھۇر تەپسىر ئۇستازى تەرىپىدىن ھازىرلانغان ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ چۈشىنىشلىك تەپسىر بولۇپ، بۇ تەپسىر «پادىشاھ فەھد قۇرئان نەشر قىلىش ئاكادېمىيەسى» تەرىپىدىن  ئوتتۇزدىن كۆپرەك مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى بارلىققا كەلمىگەن ئىدى. مەن ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇنداق ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بىر تەپسىرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئىنتىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئاللاھ تائالانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۇ تەپسىرنى ئۇچراتتىم ۋە مۇقەددىمىسىنى ئوقۇپ چىقىپلا بۇ تەپسىرنىڭ مەن ئىزدەۋاتقان تەپسىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەپ تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تەرجىمىنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم.

جانابى ئاللاھ تائالانىڭ پېقىرنى بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا كۆپلەپ شۈكۈر قىلىمەن، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ تەرجىمىنى ئۇيغۇر خەلقىمگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ۋە مېنى، ئاتا _ ئانامنى، ئائىلە ئەزالىرىمنى بۇنىڭ ئەجىر _  ساۋابىدىن بەھرىمەن قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تىلەيمەن.

—     مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن

ھىجرىيە 1440 _  يىلى، زۇلھەججىنىڭ 13 _  كۈنى،

مىلادىيە 2019 _  يىلى، 14 _  ئاۋغۇست، چارشەنبە.

                                                              سەئۇدى ئەرەبىستان — جىددە.