كىتاب ئىسمى زاكات ئەھكاملىرى ۋە ئادا قىلىش ئۇسۇلى
ئاپتورى _ مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن سەئۇدى ئەرەبىستان
نەشر قىلىنغان ۋاقتى ھىجرى 1439 _ يىلى، رەبىئۇل ئەۋۋە
ھەجمى
بەت سانى
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

 

بسم الله الرحمن الرحيم

 

 بارلىق ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ رەببى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى ۋە زالالەتنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامغا دۇرۇت ، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن، ئۇنىڭ ئائىلە _ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە تا قىيامەت شۇنداق داۋاملاشتۇرىدىغان مۆمىنلەرگە ئەڭ ئالى سالام يوللايمەن ۋە مەڭگۈ ئامانلىق تىلەيمەن.

زاكات ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئاساسلىق پەرزلەرنىڭ ئىككىنچىسى، ئىجتىمائىي ئىبادەتلەرنىڭ بىرىنچىسى ۋە زاكاتنى ئادا قىلىش ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ھەم ئىتائەتمەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ناماز ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان پەرزلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقىسى بولسا، ئۇنىڭغا ياندىشىپ كەلگەن ئىككىنچى پەرز زاكاتتۇر. «قۇرئان كەرىم»نىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە زاكاتنىڭ نامازغا يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىمىز.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم پەرزلىرىدىن بولغان زاكاتنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغان ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. بۇ كىتاب تۆت بۆلۈمگە بۆلۈنگەن بولۇپ،

1 _ بۆلۈم: ئىسلام دىنىدىكى زاكات.

2 _ بۆلۈم: زاكاتنىڭ پەرزلىكى.

3 _ بۆلۈم: زاكات كېلىدىغان ماللار.

4 _ بۆلۈم: زاكات بېرىلىدىغان شەخسلەر.

بۇ كىتاب 2002 _ يىلىدىكى نەشرىگە ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى ۋە بەزى جايلىرى تولۇقلاندى.

بۇ ئىشىمنىڭ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىنغان ياخشى ئەمەل قاتارىدا قىلىنىشىنى جانابى ئاللاھ تائالادىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

 

 

 _ مۇھەممەد يۈسۈپ