كىتاب ئىسمى ئازغۇن پىرقىلەر
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نەشرىياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2019-يىلى
ھەجمى 1.04 MB
بەت سانى 47
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

 

بسم الله الرحمن الرحيم

ناھايىتى رەھىم _ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

پۈتۈن ھەمدۇسەنا ۋە گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە مۆمىنلەرنىڭ ياردەمچىسى ئۇلۇغ ئاللاھقا خاستۇر. ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى كۇفرى ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان نۇرىغا ئېلىپ چىققانئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە ـ تەۋابائاتلىرى ۋە سائادەتمەن ساھابى كىراملىرىغا، شۇنىڭدەك، قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ يولىدىن يۈرگەن پۈتۈن مۆمىن – مۇسۇلمانلارغا ئامانلىق بولسۇن!

قەدىمدە خاۋارىج، شىئە ۋە مۇئتەزىلە دېگەندەك بىر تۈركۈم ئىدىيىۋىي ئېقىم ۋە پىرقىلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، زامانىمىزدا قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان مۆمىن – مۇسۇلمانلارغا قارشى يەنە بىر قىسىم ئازغۇن پىرقىلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بىرلىكىگە ۋە جامائەتچىلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ مۇبارەك ساھابىلىرىنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمانلار ئاممىسى «ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم  پىرقە ۋە جامائەتلەر تەرىپىدىن غەرەزلىك ھالدا مەلۇم بىر مەزھەپ سۈپىتىدە تەرىپلىنىشكە باشلىدى. ھالبۇكى، «ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە» خاۋارىج ۋە شىئە مەزھىپىگە ئوخشاش كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىققان مەزھەپ بولماستىن، بەلكى ئومۇمىي مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، مۇتلەق كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار ئاممىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن «ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە» ئەقىدىسى ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا قارشى ئوتتۇرىغا چىققان ھەرقانداق ئىدىيىۋىي ئېقىم ۋە كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى قەتئىي رەت قىلىپ، زەربە بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

يېقىندىن بېرى «قۇرئانچىلار»، « ھەدىس ئىنكارچىلىرى»، «مەزھەپسىزلەر» دېگەندەك بەزى دىنىي پىرقىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ زېھنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قولۇڭلاردىكى بۇ «ئازغۇن پىرقىلەر» ناملىق كىتاپچىنى ھازىرلاپ، كەڭ مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى ئازغۇن يوللاردىن ساقلاپ، قۇرئان ۋە سۈننەت يولىدىن ئايرىمىسۇن، ئامىن!

—      مۇھەممەد يۈسۈپ