كىتاب ئىسمى ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن بەيرۇت -لىۋان
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2013 -يىلى
ھەجمى 2.75 BM
بەت سانى 511 بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

 

ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پەرۋىشچىسى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن يۈرەكتىن مەدھىيىلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت - سائادەت تىلەيمەن.

   ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ سىرىدۇر. ئاللاھ تائالادىن كەلگەن دىنلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بارلىق دەۋەتنى ھەم ئىسلاھاتنى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىن باشلىغان. ھازىرقى زاماندىمۇ ئائىلە ئەھمىيەت جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. چۈنكى قۇرئان كەرىم:) سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر(دېگەن ئايەتتە مەقسەت قىلغان )ياخشى ئۈممەت( بىلەن پەيلاسۇپلار ئارمان قىلغان «پەزىلەتلىك جەمئىيەت» ئەنە شۇ ئائىلىدىن چىقىدۇ. يەنى ياخشى ئائىلىدىن ياخشى ئۈممەت، پەزىلەتلىك ئائىلىدىن پەزىلەتلىك ئىنسانلار  ئوتتۇرىغا چىقىپ،  ياخشى ۋە پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدۇ. كۈچلۈك ۋە پەزىلەتلىك ئائىلە ئۆزى چىقارغان پائالىيەتچان ئەزالىرى بىلەن جەمئىيەتنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك ھەسسىلەرنى قوشالايدۇ. چۈنكى ئائىلە ھەر قانداق بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تايانچىدۇر.

   ئائىلە ئەنە شۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر مۇئەسسەسە بولۇپ، ئائىلە ھەققىدە قانچىلىك كۆپ يازساقمۇ، ئۇنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە بولغان زور ئەھمىيىتىنى ۋە تەسىرىنى تولۇق پابان قىلىپ بولۇشىمىز ناتايىن.

   ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»ناملىق بۇ ئەسەر 2010-يىلى قايتا رەتلىنىپ نەشر قىلىنغان ئۈچىنچى نۇسخىسىغا ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى. بەزى مۇھىم دەپ قارالغان يېڭى ماۋزۇلار قوشۇلدى.

كىتابنىڭ تۈزۈلىشى تۆۋەندىكىچە بولدى:

بىرىنچى بۆلۈم: ئائىلىنىڭ قۇرۇلىشى

ئىككىنچى بۆلۈم: ئەر-ئاياللىق ھايات

ئۈچىنچى بۆلۈم: ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشى

تۆتىنچى بۆلۈم: ئاتا-ئانىلار ھەققىدە

بەشىنچى بۆلۈم: بالىلار ھەققىدە

   بۇ ئەسەرنىڭ ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىر نۇسخىدىن بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ  ئاددىي ئەمگىكىمنى  ئاخىرەتتە ئەسقاتىدىغان ياخشى ئەمەللەر قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن.

_ مۇھەممەد يۈسۈپ م. تۇرسۇن

14/11/1434-ھىجرى

20/09/2013-مىلادى.