كىتاب ئىسمى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم –سۈپەتلىرى
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبۇل - تۈركىيە ئەۋلات نەشىرياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2021-يىلى 12-ئاي /بىرىنچى نەشرى
ھەجمى 33.1 MB
بەت سانى 285
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم –سۈپەتلىرى

 

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئۆزىنىڭ يەككە-يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىنى ئەڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئەڭ ئېسىل سۈپەتلىرى بىلەن تونۇشتۇرغان. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم- سۈپەتلىرى «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلغان ئىسىم-سۈپەتلەردۇر. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە مۇنداق دېگەن: ]وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَا [«ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، شۇڭا، سىلەر ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن چاقىرىڭلار»([1]). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى بار، كىمكى ئۇلارنى سانىسا جەننەتكە كىرىدۇ»([2]) دەپ كۆرسەتكەن.

ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى 99 بىلەن چەكلىنىپ قالامدۇ؟

ئۆلىمالار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ 99 بىلەن چەكلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ، بەلكى ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان: ]أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَداً مِنْ خَلْقِكَ، أَوْ اِسْتَأثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيْعَ قَلْبِي وَنُوْرَ صَدْرِي وَجَلاَءِ حُزْنِي َوذِهَابَ هَمِّي[ «ئى ئاللاھ! ئۆزۈڭ شۇنداق ئاتىغان ياكى كىتابىڭ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ياكى بەندىلىرىڭدىن بىرەرسىگەبىلدۈرگەن ياكى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي، ئۆز دەرگاھىڭدىكى غەيىبلەر قاتارىدا ساقلىغان بارچە ئىسىملىرىڭنى ۋاسىتە قىلىپ سەندىن قۇرئاننى كۆڭلۈمنىڭ باھارى، قەلبىمنىڭ نۇرى، قايغۇلىرىمنى يوق قىلغۇچى ۋە ئەندىشىلىرىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىشىڭنى تىلەيمەن»([3]). يەنە قىيامەت كۈنىدىكى شاپائەت توغرۇلۇق كەلگەن ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاندىن ئاللاھ ماڭا ئىلھام قىلىپ، ئىلگىرى ھېچقانداق بەندىگە بىلدۈرمىگەن مەدھىيەلەرنى ۋە ئەڭ ياخشى ھەمدۇسانانى ئۆگىتىدۇ»[4] دېگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ھەدىسلەردىن مەلۇمكى، ئاللاھ تائالا بەزى ئىسىملار بىلەن ئۆزىنى ئاتىغان، بەزى ئىسىملىرىنى «قۇرئان كەرىم»دە نازىل قىلغان بولۇپ، بەزى ئۆلىمالار ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»دىكى ئىسىم- سۈپەتلىرىنى 81 دەپ قارىغان. ئاللاھ تائالا يەنە بەزى ئىسىملىرىنى پەيغەمبەرلىرىگىلا ياكى پەرىشتىلىرىگىلا بىلدۈرگەن، يەنە نۇرغۇن ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بەندىلىرىگە بىلدۈرمەي ئۆز دەرگاھىدا ساقلىغان. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەر تەرەپتىن مۇكەممەل ۋە تەڭداشسىز ئىلاھتۇر. بارچە گۈزەللىك ۋە ئېسىللىك، جىمى ئۇلۇغلۇق، بارلىق كۈچ-قۇدرەت ۋە چەكسىز ئىلىم-ھېكمەت ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇنىڭ ئۇلۇغ ئىسىملىرىنى ۋە گۈزەل سۈپەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئالاھىدە بايان قىلغان مەزكۇر 99 ئىسىم-سۈپەتنىڭ مۇئەييەن خۇسۇسىيەتلىرى بار بولۇپ، شۇ خۇسۇسىيەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك ئۇلارنى سانىغان ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ»[5].

بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئاۋۋال ئۆزۈمنى، ئاندىن ئوقۇرمەنلىرىمنى ئاللاھ تائالاغا باشلاشنى، ئۇنى يېقىندىن تونۇشنى، ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى بىرلىكتە ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلدىم. چۈنكى «ئاللاھسىز ھايات جەھەننەمدۇر» دېگەندەك، ئاللاھ تائالانى تونۇماي ياشىغان ھايات ئىزتىراپلىق ۋە ئازابلىق ھاياتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى بىلمەسلىك بولسا باياۋاندا گاڭگىراپ يۈرگەنگە ئوخشايدۇ. «ئىنساننىڭ ئەڭ مەنىلىك ۋە ئەڭ گۈزەل ۋاقتى ئۇنىڭ زىكىر بىلەن ياكى دۇئا بىلەن ياكى ئىبادەت بىلەن ياكى شۈكۈر بىلەن ياكى ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھالدا دۇنيالىق ئىشلىرىدىن بىرەر ئىش بىلەن ياكى بىرەر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش بىلەن ۋەياكى خەلقىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقتىدۇر»[6].

چۈنكى قەلبتە مەنىۋىيەت تەرەپتىن بىر بوشلۇق بولۇپ، ئىنسانلار ئۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ۋە كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن، ھەر خىل ئىشلارنى ۋە ئويۇن-كۈلكىلەرنى قىلىپ باقىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇنى قەتئىي تولدۇرالمايدۇ. چۈنكى ئۇ بوشلۇقنى ئاللاھ تائالا بىلەن بىللە بولۇشتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تولدۇرالمايدۇ، كۆڭۈل ئاللاھ بىلەنلا ھۇزۇرىنى تاپىدۇ. )أَلَا بِذِكْرِ اللَّهِ تَطْمَئِنُّ الْقُلُوبُ( «بىلىڭلاركى، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ»[7]. ئاللاھ تائالا بىلەن بولۇش ئادەمنى بۇ دۇنيانىڭ تۈگىمەس ئىزتىراپلىرىدىن يىراق قىلىدۇ. سىز ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان چاغلىرىڭىزدا، خۇشاللىقىڭىز ئاشىدۇ، قەلبىڭىز تىنچلىنىدۇ، ئۆزىڭىزنى بەختلىك ھېس قىلىسىز، تۇيغۇلىرىڭىز راھەتلىنىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى بار، كىمكى ئۇلارنى سانىسا جەننەتكە كىرىدۇ»([8]) دەپ كۆرسەتكەن. كۆپ سانلىق ئۆلىمالار ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى 99  ئىسىم بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ چېكى يوق، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بۇ سەۋەبتىن بىر ئۆلىمانىڭ توپلىغانلىرى يەنە بىر ئۆلىمانىڭ توپلىغانلىرىدىن پەرقلىق بولغان. مەسىلەن: ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسىي مەزكۇر ئەسىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن ئىسىملىرىدىن 100نى، ئەللامە سەلمان ئەۋدە 117نى بايان قىلغان. پېقىر ئەللامە سەلمان ئەۋدەنىڭ ئەسىرى بىلەن ئەللامە مۇھەممەد راتىب نابلىسىينىڭ ئەسىرىنى ئاساس قىلىپ، ھەر ئىككىسىدىن مۇۋاپىق دەرىجىدە توپلاپ، ئاللاھ تائالانىڭ «قۇرئان كەرىم»دە كەلگەن ئىسىملىرىدىن 101، سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن ئىسىملىرىدىن 17، جەمئى 118 ئىسمىنى ئىخچام بايا قىلدىم. بۇ ئىسىملارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مەزكۇر ئىككى مۇئەللىپ بىرلىككە كەلگەن ئىسىملاردىن بولدى. ئىسىملارنى شەرھلەشتە باشقا مەنبەلەردىنمۇ پايدىلاندىم.

جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددىي ئەمگىكىمنى ئۆز دەرگاھىدا قوبۇل قىلىشىنى ۋە ئۇنى مۇسۇلمان خەلقىم ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىلىملەر قاتارىدىن قىلىپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تىلەيمەن.

—      مۇھەممەد يۈسۈپ

1443 ھ، 16- مۇھەررەم.

2021م، 24- ئاۋغۇست.

جىددە— سەئۇدى ئەرەبىستان.

 



([1]) ئەئراف سۈرىسى 180 ـ ئايەت.
([2]) ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([3]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
[4] «سەھىھۇلبۇخارىي» 7410- ھەدىس، «سەھىھ مۇسلىم» 193- ھەدىس.
[5] ئەللامە سەلمان ئەۋدەنىڭ «مع الله الاسم الأعظم وقضية أسماء الله الحسنى» ناملىق ئەسىرى،34-35- بەتلەر.
[6] ئەللامە سەلمان ئەۋدەنىڭ «مع الله الاسم الأعظم وقضية أسماء الله الحسنى» ناملىق ئەسىرى، 37- بەت. ئەللامە سەلمان ئەۋدە 1956- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قەسىيم شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىسلام مۇتەپەككۇرى، ھازىرغىچە 13 پارچە ئىسلامىي ئەسەر يازغان، كۆپلىگەن ئىلمىي مۇئەسسەسەلەرنى قۇرغان، نۇرغۇن ئىلمىي سورۇنلارنى ئۇيۇشتۇرغان.
[7] رەئد سۈرىسى: 28- ئايەت.
([8]) ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.