كىتاب ئىسمى ھالال ۋە ھارام
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن جىددە_سەئۇدى ئەرەبىستان
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2016_يىلى 6_ ئىيۇل
ھەجمى 1.46 MB
بەت سانى 191
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب  ئەستە قالدۇرۇشقا ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن سوئال ۋە جاۋابلىق قىلىپ، چوڭ – كىچىك، دىنىي مەلۇماتى بار ياكى يوق ھەممە كىشى ئۈچۈن ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ھەم ئىخچام قىلىپ تەييارلاندى.

كىتابنى يېزىشتا ئۇلۇغ دەستۇرىمىز قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىسلىرىگە، ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ۋە بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلاندىم.

كىتابتا بايان قىلىنغانلار يېمەك _ ئىچمەكلەردىكى ھالال _ ھاراملارنى، مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىشى چەكلەنگەن ئىشلارنى ۋە ئىسلام ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان ناچار قىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىتابنى «ئىسلام دىنىدىكى ھالال_ ھارام، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلار» دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردۈم.

قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب 2008_يىلى ئىستانبۇلدا، 2009_يىلى قازاقىستاندا، 2013_ يىلى بەيرۇتتا نەشر قىلىنغان نۇسخىلىرىغا ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى.

_مۇھەممەد يۈسۈپ