كىتاب ئىسمى ئىبادەت
ئاپتورى
نەشر قىلغان ئورۇن ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2023
ھەجمى 94
بەت سانى
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى ماختايمەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇفرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلەـ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۇئمىنلەرگە جانابى ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن.
ئىبادەت مۇئمىن ئادەمنىڭ يارىتىلىش ۋە دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش سەۋەبى بولۇپ، دىلدىكى ئىماننى ئىسپاتلايدىغان، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان كاتتا ئەمەلدۇر. ئىبادەت يەنە ئاللاھ تائالا تەرەپتىن بولغان بىر تۈرلۈك سىناقتۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىزنى ئىبادەتكە بۇيرۇش بىلەن سىناشنى ئىرادە قىلغان. ﴿الَّذِي خَلَقَ الْمَوْتَ وَالْحَيَاةَ لِيَبْلُوَكُمْ أَيُّكُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا وَهُوَ الْعَزِيزُ الْغَفُورُ ﴾ «ئۇ سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئۆلۈمنى ۋە ھاياتلىقنى ياراتقان زاتتۇر» . ئىبادەتلەرنىڭ پايدىسىنى ۋە مۇكاپاتىنى ئاخىرەتتە كۆرىمىز. چۈنكى بۇ دۇنيا مۇكاپات ياكى جازانىڭ ئورنى ئەمەس. ئىبادەتنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىلىدىغان مېۋىسى گۈزەل ئەخلاقتۇر.
ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ئىبادەت ھەققىدە تەپسىلى يېزىلغان، چوڭ-كىچىك ھەممىگە ئاممىباب ئەسەر بولۇپ، سىزنىڭ ئىبادەت ھەققىدىكى بىلىملەرگە بولغان بارلىق ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدۇ، بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتىدۇ، بىلىدىغانلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئىبادەت ھەققىدە قىسقىچە بايان

دىنىمىزدا ئىماندىن كېيىنلا بۇيرۇلغان ئەڭ مۇھىم ئەمەل ئىبادەتتۇر. ئىبادەت ― ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى ئورۇنداپ، كۆرسەتمىلىرى بويىچە ھايات كەچۈرۈش دېگەنلىكتۇر.
ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئۇنى يوقتىن بار قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان شەپقەتلىك ئىگىسى بولغان ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنى ئۆتەشكە تېگىشلىك تەبىئىي بۇرچ دەپ تونۇيدۇ.
ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قەدەر كەلگەن پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئۈممەتلىرى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ زامانىدىن كېيىن كەلگەن ئىنسانلار بۇرۇنقىلىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكتىن، بەزىلىرى قۇياش، ئاي، ئوت، سۇ قاتارلىق تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە كالا قاتارلىق ھايۋانلارغا چوقۇنغان بولسا، بەزىلىرى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، بۇتلارنى، ئىنسانلارنى ئاللاھ تائالاغا شېرىك قىلىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ كۆرسەتكەن ئىبادەت سىستېمىلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن ۋە ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ھەق دىنىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئىنسانلار ھەق دىننى ئونتۇپ، كۇفرىلىققا يۈز تۇتقان ھەربىر دەۋردە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ھەق دىنغا قايتۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، پەيغەمبەرلەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىنسانلار يەنە قايتىدىن بۇرۇنقى كۇفرىلىقىغا قايتىپ تۇرغان.
ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتى ئىسلام دىنىنى تا قىيامەتكىچە ئۆزگەرمەس دىن قىلىپ بەلگىلەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇ ئاخىرقى دىنغا ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشنى تەقەززا قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىنسانىيەتنى مەخلۇقاتقا، تەبىئەت كۈچلىرىگە ۋە بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ئازغۇنلۇقنىڭ ئازگاللىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ھەقىقەت نۇرىغا چىقىرىشنى ئىرادە قىلىپ ئىسلام دىنىنى چۈشۈرگەن.
شۇنىڭدىن بېرى ئىسلام ئىسلام ئىبادەتلىرى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا ئاللاھ تائالا بۇيريغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتكەن بويىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.