كىتاب ئىسمى قەلەمنىڭ ئىلھامى ماقالىلار توپلىمى (1)
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن ئىستانبول
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2018-يىلى فېۋرالنىڭ 20-كۈنى
ھەجمى 9.32 MB
بەت سانى 221
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

 

ئەڭ گۈزەل ماختاش ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە يېگانە رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالانى چىن قەلبىمدىن مەدھىيەلەيمەن ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىمەن. ھەق دىننى بىزلەرگە يەتكۈزگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد، دۇئا ۋە سالام يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ يولىدا ماڭغان مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا بەخت - سائادەت تىلەيمەن.

مېنىڭ ئەللىك يىللىق ھايات تەجرىبەم ماڭا شۇ دەرسنى بەردىكى، دۇنيادا خەلقى ئۈچۈن ياشىغانلار ھېچ ئۆلمەيدىكەن، بۇنداق كىشىلەرگە بولغان سۆيگۈ _ مۇھەببەت خەلقىنىڭ يۈرىكىدىن ئۆچۈپ كەتمەيدىكەن، ئاللاھ يولىدا خەلقى ئۈچۈن تەر تۆككەن ۋە ئازراق بولسىمۇ بىرەر ئىلمىي مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمى خۇددى ئۇلارنىڭ ھاياتىدەكلا قىممەتلىك بولىدىكەن. يېقىندا ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ۋاپاتى بىزگە بۇ ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئوچۇق يۇرۇتۇپ بەردى. داموللا ھاجىمنىڭ ھاياتى بىزگە قانداق ھايات كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئۆگەتكەن بولدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئېنتېرنېت تورلىرىدا، ژۇرناللاردا شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان دىنىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلاردىكى ماقالىلىرىمنىڭ توپلىمى بولۇپ، خەلقىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەرەپ بىلگەنلىكتىن، بۇ ماقالىلارنى رەتلەپ نەشر قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەمىمىي تەنقىدلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

بۇ ئىشىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ئەمەللەر قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن.

 _  مۇھەممەد يۈسۈپ

1439  _ يىلى جامادىيەل ئاخىر ئاينىڭ 4  _ كۈنى،

2018  _ يىلى فېۋرال ئاينىڭ 20  _ كۈنى، سەيشەنبە،

سەئۇدى ئەرەبىستان، جىدد