كىتاب ئىسمى ناماز ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۇپ
نەشر قىلغان ئورۇن بەيرۇت -لىۋان
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2015 - يىلى
ھەجمى 6.71BM
بەت سانى 530 بەت
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

بسم الله الرحمن الرحيم

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ۋە ئەڭ ئېسىل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ۋە مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارى جانابى ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھ تائالاغا مەۋجۇداتنىڭ سانىچە مەدھىيە ئوقۇپ ئۇنى ماختايمەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى، ھەق دىننى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنى كۇپرى، زالالەت ۋە ئازغۇنلۇقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىمان، ھىدايەت ۋە ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا يېتەكلىگەن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلەـ تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ بىزلەرگىچە يەتكۈزگەن، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ھەق يولدا يۈرگەن مۆمىنلەرگە جانابى ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن.

ناماز ئىماندىن قالسىلا ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ئىسلام دىنىنىڭ تېرىكى، مۇسۇلمانلىقنىڭ بەلگىسى، پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ باشلامچىسى ۋە قىيامەت كۈنىدە بەندىلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ھېساب بېرىدىغان بىردىنبىر ئەمەلى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىخلاس ۋە ئىتائەتمەنلىكىنىڭ ئەڭ ئوبرازلىق ئىپادىسى بولغانلىقتىن ئىسلام دىنى نامازنى ناھايىتى يۇقىرى ۋە ئەھمىيەتلىك ئورۇندا قويدى ھەمدە ناماز ئوقۇغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەردى. ئىسلام دىنى نامازنى شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك يۇقىرى ئورۇنغا قويغان ئىكەن، ئەلۋەتتە بىزمۇ نامازنى جان ـ دىلىمىز بىلەن تولۇق ئورۇنداشقا، ئورۇندىغاندىمۇ ئۇنىڭ قائىدە ـ تەرتىبلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاللاھقا قوبۇل بولىدىغان شەكىلدە ئادا قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر.

مەلۇمكى، ناماز ۋە باشقا پۈتۈن ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولۇشى ياكى رەت قىلىنىشى پەقەت ئۇنىڭ ئىسلام دىنىدا كۆرسىتىلگەن قائىدە ــ پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئادا قىلىنىش ياكى قىلىنماسلىقىغا باغلىقتۇر. شۇڭا ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە ــ تەرتىبلىرىنى ئۆگىنىش ئىنتايىن زۆرۈر بولغان پەرزدۇر.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ناماز ھەققىدە تەپسىلى يېزىلغان ھەممىگە ئاممىباب ئەسەر بولۇپ، سىزنىڭ ناماز ھەققىدىكى بىلىملەرگە بولغان بارلىق ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىدۇ، بىلمەيدىغانلارغا ئۆگىتىدۇ، بىلىدىغانلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ناماز ھەققىدىكى نۇرغۇن سىر - ئەسرارلارغا ئىگە قىلىدۇ.

بۇ كىتاب ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى خالايمەن:

1. بۇ كىتاب پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ھەققىدە ئۆگەتكەن ۋە ئۆزى قىلىپ كۆرسەتكەن ئەڭ ئىشەنچلىك ھەدىسلىرىگە يۆلەنگەن ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىردەك مەزھىبى بولغان ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىبىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىلدى.

2. مەن مەزھەبكە مۇتەئەسسىبلىك قىلغۇچى ياكى ئەكسىچە مەزھەبنى رەت قىلغۇچىمۇ ئەمەسمەن. قۇرئان ۋە سۈننەتنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ، ھەر قانداق بىر مەسىلىدە ئاۋۋال بۇ ئىككىسگە مۇراجىئەت قىلدىم. ئاندىن مەزھەب ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنجىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ ئەڭ توغرا دەپ قانائەت قىلغانلىرىمنى تاللاپ ئالدىم.

3. كىتابتا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئايەت ۋە ھەدىسلەر بىلەن بايان قىلىنغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ مەنبەلىرى (سۈرە نامى بىلەن ئايەت نومىرى، ھەدىسنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىسى ۋە بايان قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ نەدىن ئېلىنغانلىقى) بەت ئاسىتىغا بېرىلدى.

4. كىتابتا نامى تىلغا ئېلىنغان مەنبەلەر تېخى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىغانلىقتىن، بۇلاردىن پەقەت ئەرەب تىلىنى بىلىدىغانلارلا پايدىلىنالايدۇ ۋە شۇنداقلارلا بۇ مەنبەلەر توغرۇلۇق ئىزدىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تىرناق ئىچىدە بېرىلگەن مەنبەلەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنماستىن، ئەرەبچە ئۆز ئەسلى بويىچە بېرىلدى. بەلكى بۇ مەزكۇر ئەسەرلەرنى ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ئوڭايلىق بولىشى مۇمكىن.

جانابى ئاللاھ تائالادىن بۇ ئاددى ئەمگىكىمنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

كىتابنى تۈرلۈك خاتالىقلاردىن ۋە سەۋەبلىكلەردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا كىتابخانلارنىڭ، خۇسۇسەن ئۆلىمالىرىمىزنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

مۇھەممەد يۈسۈپ

ھىجرىيە 1432- يىلى 7- رەبىئۇل ئاخىر

مىلادىيە 2011 - يىلى 12 – مارت.