كىتاب ئىسمى ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى
ئاپتورى مۇھەممەد يۈسۈپ
نەشر قىلغان ئورۇن سەئۇدى ئەرەبىستان مەككە مۇكەررەمە
نەشر قىلىنغان ۋاقتى مىلادىيە2013-يىلى9-ئاينىڭ10-كۈنى
ھەجمى 2.01 MB
بەت سانى 197
چۈشۈرۈش چۈشۈرۈش

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « قوبۇل بولغان ھەج جىھادتىن ئەۋزەلدۇر» دەپ كۆرسەتكەن. قىلغان ھەجنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ھەج قائىدىلىرىنى پۇختا ئۆگىنىش، ئاندىن ئۇنى شۇ ئۆگەنگەن بويىچە ئادا قىلىش شەرتتۇر.

«ھەج پەرزىنى ئادا قىلىمەن» دەپ بىر ئۆمۈر ئارزۇ تىلەك بىلەن يۈرۈپ، تاپقان – تەرگىنىنى بۇ يولغا ئاتىغاننىڭ سىرتىدا، پاسپورت ئالىمەن دەپ نەچچە يىل يۈگۈرۈش ئارقىسىدا مىڭبىر مۇشەققەتتە بۇ مۇقەددەس جايلارغا كېلىشكە مۇيەسسەر بولغان ھاجىلىرىمىزنىڭ ھەج قىلىش قائىدىلىرىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ھالدا، ”ھەرەمگە كەلدۇق، ھاجى بولدۇق“ دەپ يۈرۈشى، قايسى پائالىيەتنى قانداق رەۋىشتە ئادا قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەسلىكى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىقتۇر. ھەرەمگە كەلگەنلىك ھاجى بولۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە «ھاجى» بولۇش ئۈچۈن ھەجنىڭ قائىدە – تەرتىبلىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنى جان – دىل بىلەن ئورۇنداش لازىم.

مەن بەزى ئۇيغۇرچە ھەج قوللانمىلىرىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىنتايىن چوڭ ھەجىملىك كىتاب بولغانلىقتىن، ھاجىلار ئۇنى كۆتۈرۈپ بولالمىغاننىڭ ئۈستىگە، تەلىماتلار ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، كىتابنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغىچە بېشىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن، كېرەك بولغان مەسىلىلەرنى ئىخچام ھالدا چۈشىنەلمەيدىكەن. بەزىسى ئىنتايىن قىسقا بولغانلىقتىن، ھەج ۋە ئۆمرە قائىدىلىرىنى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىكەن. شۇڭا مەن ئۇيغۇر ھاجىلىرىمىز ئۈچۈن چۈشىنىشلىك، ئاسان ھەم مۇناسىپ شەكىلدە بىر ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى يېزىپ چىقىش نىيىتىگە كېلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىلەن بۇ ئىشنى تاماملىدىم.

بۇ كىتاب 2005-يىلى ئىستانبۇلدا، 2007-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدە،2011-يىلى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە نەشر قىلىنغان نۇسخىلىرىغا ئاساسەن نەشرگە تەييارلاندى.

بۇ كىتابنى تۈرلۈك سەۋەنلىكلەردىن خالى دېگىلى بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورايمەن.  

مۇھەممەد يۈسۈپ